مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 3

رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى (ئۆڭمەس)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 01:56:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى

مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس

     گەرچە ئۆزۈم بىرەر ئورۇن ياكى ئورگاندا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن  بولساممۇ، ئاساسىي قاتلامدا ۋە ئورگانلاردا ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىش  جەريانىدا ئىگىلىگەن ئەمەلىي تەجىرىبەم شۇنداقلا  كەڭ ئاممىنىڭ ئىنكاس،پىكىرلىرىنى ئىگىلەش ، رەھبەرلەرنىڭ كۆپ ئالىمىشىشى ۋە رەھبەرنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، رەھبەرلىك سەنئىتىدىكى ئوخشىمىغان پەرقلەر سەۋەبلىك خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ئوخشاش بولمايسىغانلىقىدەك رىئاللىقنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ  يەتكەنلىكىمدىن مۇشۇ ھەقتە بىر ئاز مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم .
      يولداش ماۋزېدوڭ خېلى بۇرۇنلا: «سىياسى يۆنىلىش ئېنىق بەلگىلەنگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، كادىرلارنىڭ ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچىلىك رولى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسىي نۇقتا يەنىلا رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ساپاسى، شۇنداقلا ئەڭ يادرولۇق بولغىنى  ئىلمىي، توغرا رەھبەرلىك سەنئىتىنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىدا ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ.
      بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان  رەھبەرلىك سەنئىتى__بىرەر جاي، ئورۇن ياكى خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەش، نامايان قىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئىلمىي باشقۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش ۋە  دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
       رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتىمۇ ئالاھىدە بىر ئىلىم. ھەربىر رەھبەر بولغۇچى، ئۇ مەيلى قانداق ۋە قايسى دەرىجىدىكى رەھبەر بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز تەشنالىقىنى  ئىلمىي بولغان رەھبەرلىك سەنئىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىم بىلەن ئۆزىنى تويۇندۇرمايدىكەن ۋە ئۇنى ئەمەلىي خىزمىتىدە ئىلمىي قوللىنالمايدىكەن، ئۆزى بىلەن رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىشىنىش، بىر-بىرىگە تايىنىش، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك خىزمەتلەر جەريانىدىكى قويۇق ۋە  ناھايىتى نازۇك مۇناسىۋەتلەرنى لايىقىدا ، توغرا ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي، كۆزلىگەن خىزمەت نىشانى  ۋە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ،ۋەزىپىلەرنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئورۇندىلىشىغا  تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، رەھبەرلىك سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى  شۇ رەھبەرنىڭ سىياسى-ئىدىيىۋى ساپاسى، ئەخلاق پەزىلىتى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولوپ، پۈتكۈل خىزمەتنىڭ جەريانىغىلا ئەمەس، بەلكى، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىگىمۇ ئالاھىدە  تەسىر يەتكۈزىدۇ.  شۇڭا، يېڭىدىن رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان ۋە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرقانداق بىر كىشى، خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن شۇ ئورۇن، شۇ دائىرىگە ۋە ئۆزى باشقۇرىدىغان كەسىپكە ئالاقىدار ئومۇمىي بىلىملەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە قابىلىيىتىگە خاس رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك.
      رەھبەر بولغۇچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۆرۈر ۋە  بىر قەدەر ئىلمىي ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولغان رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتىنى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە  يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا   بولىدۇ :
(1سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە ئاممىغا ئىجابىي ئۈلگە بولۇش
      ھەر بىر رەھبەر بولغۇچى ئۆزى قارار قىلغان ئىشلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلىشى،  تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشى، ئىشتا ئىجابىي باشلامچى بولۇشى، تۈزۈم-تەدبىرلەرنىمۇ ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى، ھەرگىز ئۆزى بۇزۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئامما  قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ھال ئېيتىپ كەلگەندە  تەمكىن، ئويلىشىپ جاۋاپ بېرىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى، يېنىكلىك بىلەن ئالدىراپ ۋەدە بەرمەسلىك، ۋەدە بەرگەنىكەن، ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇشى لازىم. بىزنىڭ قىسمەن رەھبەرلىرىمىز باركى، تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىز، ئۆزى قول ئاستىدىكىلەرگە خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۆزى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق قىلماي تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىشنى پۈتتۈرۈپ جاۋاب  بېرىشىنى  ساقلاپ، ئىشخانىسىدىن چىقماي «رەھبەرلىك كېبىرى» نى كۆرسىتىپ «رەھبەرلىك»قىلىدۇ ياكى ئۆزى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسىي قاتلامغا، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكمەي، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى، پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى بايقىماي ھەمدە ئاۋۋال ئۆزى قول سالماي بۇيرۇقۋازلىق قىلىدۇ، ھەتتا تېخى بەزىلىرى رەھبەرلىك ئىمتىيازىنى پايدا-نەپ ئېلىشنىڭ، خۇسۇسى ئۆچ ئېلىشنىڭ قورالى، ئۆزىنى « سەمىرىتىش»نىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ، ھە دېسىلا باشقىلاردىن«ئادىمىگەرچىلىك» قىلىشنى تەمە قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق رەھبەرلەر بارا-بارا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ  ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. بۇنداق رەھبەرلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتىش ئانچە قىيىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
     شۇنىڭ ئۈچۈن، رەھبەر بولغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى، ھەر ۋاقىت لەۋزىدە تۇرۇشى، ھەرقانداق ئىشتا قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە ئاممىغا ئۆزى ئاۋۋال ئۈلگە بولۇشنى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى دەپ قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىستىلىغا  ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىتىشى لازىم.
(2 قول ئاستىدىكىلەرنى چۈشىنىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە  قاراپ ئىشقا قويۇشقا ماھىر بولۇش
     ھەر بىر رەھبەر بولغۇچى كىشىلەرنى، بولۇپمۇ قول ئاستىدىكىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مىجەز-خارەكتىرى، قىزىقىش ئالاھىدىلىكى، بىلىم قابىلىيىتى ۋە ئەمەلىي ساپاسىغا ئاساسەن، ئاۋۋال ياخشىلىرىنى تاللاپ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنغا  ئىشقا قويۇش ئارقىلىق، ئىقتىساسلىقلار ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارى بارلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سورۇن بىلەن تەمىن ئېتىش بىلەن بىرگە خىزمەتلەرنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
     قول ئاستىدىكىلەرنى چۈشىنىپ، ياخشىلىرىنى، ئەمەلىي ئىقتىدارى بار، تالانتلىق ۋە تەجىربىلىك خادىملارنى ئالدىن بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىكى بويىچە مۇۋاپىق  كېلىدىغان ئورۇن ۋە ئىشقا قويغاندا، ئاندىن ئۇلار ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق ۋە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايدۇ. بۇ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خىزمەتتىكى  قىزغىنلىقىنى قوزغاشنىڭ ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى ھېساپلىنىدۇ.
      ئەگەر ھەر ساھە، كەسپلەردىكى ئىقتىساسلىق خادىملار تايانچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ بەرمىگەندە، ھەرقانچە قابىلىيەتلىك  ۋە كۈچلۈك ياخشى رەھبەرمۇ ئۆز ئورنىنىڭ خىزمىتىدە ياخشى نەىجە  قازىنالمايدۇ. قەدىمقىلارنىڭ : «كۈسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەيدۇ»، « يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن ماقالىدىكىدەك، ياخشى سەركەردىسى بولمىغان گېنېرال ھامان غالىپ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.
     شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقانداق رەھبەر بولغۇچى قول ئاستىدىكىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قابىلىيەتلىكلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى شۇ كەسپ، ساھەدە ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا  ئەمەلىي شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
(3  قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئاممىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيۇشچانلىقى ۋە ئاكتىپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇش
     ئاكتىپچانلىق__كىشىلەر ئېڭىنىڭ ئىچكى قوزغىلىشى ۋە  ئاكتىپ روھىي ھالەت بولۇپ، كىشىلەر ئاڭلىق ھەرىكىتىنىڭ جارى قىلدۇرۇلىشىنىڭ ئەمەلىي ئىنكاسى، خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
      قول ئاستىدىكىلەر ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئەڭ زەر دەرىجىدە ھەرىكەتلەندۈرۈشمۇ بىر خىل رەھبەرلىك سەنئىتى ھېساپلىنىدۇ.  بۇنىڭدا، رەھبەر بولغۇچىلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى ۋە ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى ۋە ئۆز كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەر قانداق رەھبەر بولغۇچى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، قول ئاستىدىلەرنىڭ (ئاممىنىڭ) خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇمكىن بولسا ۋە شارائىت يار بەرسە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. شۇندىلا، قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلەشكە پۇختا ئاساس ھازىرلىنىدۇ.  ھەر بىر رەھبەر بولغۇچى ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىكلەيدۇ. ياخشى ئوبراز رەھبەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ئەمەلىي نەتىجىسى، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە ئاممىغا  كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ئارقىلىق يارىتىلىدۇ.
      يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنىڭ بىراقلا يۇقىرى  بولۇپ كېتىشى ناتايىن.  رەھبەر ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتى، كەسپىي ئىقتىدارى، مول رەھبەرلىك سەنئىتى جەھەتتىكى بىلىملىرىگە، شۇنداقلا مول ئەمەلىي خىزمەت تەجىرىبىسىگە، قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئاممىغا قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشىغا  تايىنىپ، ياخشى ئوبرازىنى يارىتىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، تەبىئىي ھۆرمەت قىلىنىشقا نائىل بولغاندىلا، ئاندىن ئامما ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئىقادچانلىقىنى  تەبىئىيلا قوزغىتالايدۇ.  شۇڭا، رەھبەر بولغۇچى بۇ مۇھىم نۇقتىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك.
4. قول ئاستىدىكىلەرگە تولۇق ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى، ھېمايىسىگە ئېرىشىش
قول ئاستىدىكىلەرگە ئىشىنىش، ئىشىنىپ ئىشقا قويۇش ئارقىلىق، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسى ۋە چىن دىلىدىن قايىل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈگىلى بولىدۇ. ناۋادا ، رەھبەر بولغۇچى ئەمەلدارلىق كىبىرىنى كۆرسىتىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە تېرە تاراقسىتىدىكەن، بىھۇدە بېسىم ئىشلىتىدىكەن، بۇ ھال ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزىدىن قورقىدىغان،مەجبۇرىي ھالدا زورىغا شەكىل ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قىلىپ قويىدۇ-دە، خىزمەتلەر ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي ئىشلەنمەي، ئۈنۈمگە ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ناۋادا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرماي ياخشىچاق بولىۋالسا، بۇنداق رەھبەرنىڭ ھوقۇقى بولسىمۇ، قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئامما ئارىسىدا قىلچە ئابرويى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى(ئاممىلارنى)ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇ قويىدۇ، ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭغا كۈچ بەرمەيدۇ، نەتىجىدە، خىزمىتىنى ھەرگىز ئىلگىرى باسمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەھبەر بولغۇچى قول ئاستىدىكى كادىرلارغا ئىشىنىپ ئۇلارنى دادىل ئىشلىتىشى كېرەك. ناۋادا رەھبەر ئىشىنىپ دادىل ئىشلەتسە، قول ئاستىدىكىلەر رەھبەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغاندەك، ھكرمەتلەنگەندەك، يېقىن كۆرگەندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، ئۆزىگە يۈكسەك ئىشەنچ باغلاپ، ئۆز خىزمىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ياخشى ئىشلەپ، رەھبەر ئۆزىگە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوڭ بىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن خوجايىنلىق روھىنى ئاڭلىق ھالدا تىكلىيەلەيدۇ ۋە ئىجابىي رولىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، رەھبەر ئويلاپ يېتەلمىگەننى قول ئاستىدىكىلەر ۋاقتىدا سەمىگە سېلىپ، پائال چارە-تەدبىر ئويلاپ چىقىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي پىكىرلەرنى بېرىپ، رەھبەرگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ياخشى قولداش بولۇپ، رەھبەرنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا، تولۇق ئورۇنلىشىغا پائال كۈچ چىقىرىدۇ.
دېمەك، رەھبەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى، ئوخشىمىغاى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قۇلدۇرالماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەبنى يەنىلا شۇ رەھبەرنىڭ ئۆزىدىن، يەنى رەھبەرنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىدىن جۈملىدىن، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتىنىڭ قانداقلىقىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. رەھبەرنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئوبرازىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. رەھبەر بولغۇچى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپچابلىقىنى قوزغايمەن، شۇ ئارقىلىق خىزمەتلىرىمنى ئىلگىرى سۈرىمەن دەيدىكەن، ئۆزىدە بىر ياخشى ئوبراز، ئىناۋەت تىكلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىدىيىۋى ئەخلاقى دۇرۇس بولۇشى، مۇناسىپ مەدەنىيەت بىلىم ساپاسى ۋە بىر قەدەر يۇقۇرى خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، مول ئەمەلىي خىزمەت تەجىرىبىسى، مەلۇم دەرىجىدىكى باشقۇرۇش ئىلمى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك.
پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك يېڭىلىنىۋاتقان، دۇنيا ئۇچۇرلىشىۋاتقان، بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە رىقابەت ئۆزلۈكسىز مۇرەككەپلىشىۋاتقان، پۇرسەت ۋە خىرىس بىزگە ھەر دائىم كۆز تىكىپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، رەھبەرنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى رەھبەرلىك قىلىنغۇچىدىن بىر قەدەر ئۈستۈن تۇرغاندىلا، شۇنداقلا رەھبەرلەردە ئۆزلۈكسىز ئىلگىرىلەش، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ۋە ئىجتىھات بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھى ھەقىقىي تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە قويغان تەلىپىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇيغۇنلىشىپ، رەھبەرلىك ئورنىدا مەزمۇت پۇت تېرەپ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىدە  يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
قىسقىسى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك ساھە، كەسىبلەردە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.   ئومۇمەن  ئىلمىي بولغان رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتى خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر.

مەنبە: ئۆز تەپەككۇرۇم.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 18:24:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھبەر بولغۇچىغا ھەم بۇنىڭىدىن كېيىن رەھبەر بولۇش ئالدىدا تىرىشىپ ئۆز رولنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن قىممەت تەجرىبە يەكۈنلەرنى  يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 21:53:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويۇلغان رەھبەرلىك سەنئىتى ھەر بىر ئوقۇرمەننى قايىل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئەينەك بولغۇسى . رەھمەت سىزگە .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 22:34:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەليەتنى ئاساس قىلغان بۇ نادىر يازما، رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى، رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار ئۈچۈنمۇ  پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىكەن.
رەسمەت ئۇستاز، بەرىكەتلىك قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:35, Processed in 0.439717 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش