- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-4
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 337
- نادىر
- 0
- تېما
- 34
- يازما
- 41

قىزغىنلىق- 81 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 46 سەر
شۆھرەت- 80 سەر
| خىزمەت دەپتىرىنى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «كۆزنەك- تۈز شەكلىدە تىزىپ تەكشۈرۈش» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، (ئەگەر ئىككىلا خىزمەت دەپتىرى ئېچىلغان بولسا، كۆزنەك تىزىملىكى ئاستىدا« xxx ھۆججىتى بىلەن تۈز تىزىپ سىلىشتۇرۇش» دىگەن بۇيرۇق كۆرۈنىدۇ.) بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، بۇنىڭدىن قايسى خىزمەت دەپتىرى بىلەن سىلىشتۇرىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز ئۆزىمىز سىلىشتۇرماقچى بولغان خىزمەت دەپتىرىنى كۆرسىتىپ بەرسەك. ئىككى خىزمەت دەپتىرىنى ئاستى- ئۈستى شەكىلدە ئېچىپ، بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
2.رەت نومۇرى قاتارىدىكى ھەرپلەرنى سانغا ئالماشتۇرۇش:
ئادەتتە Excel دا قۇرلار سان بىلەن مەسىلەن : 1،2،3، ، رەتلەر ھەرپ بىلەن مەسىلەن: A,B,C دىگەندەك رەت نومۇرى قويۇلغان بولىدۇ. رەتلەرگە قويۇلغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرىنى سانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز. يەنى تېزىملىكتىن «قورال – تەڭشەك» نى بېسىش ئارقىلىق تەڭشەك كۆزنىكىنى ئېچىپ، كۆزنەكتىن «دائىملىق» (常规) تاللانمىسىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى« R1C1 يۆتكەش شەكلى (R1C1引用样式)» تۈر ئالدىغا قويۇلغان بەلگىنى ئېلىۋەتسەكلا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن رەت نومۇرى سان بىلەن يېزىلغان رەت نومۇرىغا ئايلىنىدۇ.
3.رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرىنى بېسېپ چىقىرىش:
بەزىدە سىلىشتۇرۇشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن Excel ئۆزىدىكى رەت نومۇرى ۋە قۇر نومۇرىلىرنى بېسىپ چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇنداق چاغدا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن « ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى چەكسەك، بەت يۈزىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «خىزمەت جەدىۋىلى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، بۇ تاللانما ئاستىدىكى «قۇر نومۇرى رەت بەلگىسى» (行号列标) دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.ئەمدى « بېسىشنى كۆرۈپ بېقىش» دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆرۈپ باقساق، قۇر نومۇرى بىلەن رەت بەلگىسى(نومۇرى)نىڭ بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىمىز بىلەن بىللە « بېسىپ چىقىرىشنى كۆرۈش »كۆزنىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
4.بىر بەتكە پاتمىغان مەزمۇنلارنى بىر بەتكە پاتقۇزۇش ئۇسۇلى:
ئادەتتە Excel جەدىۋىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر بەتكە پاتماي ئېشىپ كەتكەندە كۆپىنچە بىر-ئىككى قۇر ياكى بىر – ئىككى رەت سان پاتماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : 1).كېچىكلىتىش نىسبىتى ئارقىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى. تىزىملىكتىن «ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت يۈزى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، «كېچىكلىتىش»(缩放) دىگەن تۈر ئاستىدىكى «كېچىكلىتىش نىسبىتى» دىگەن يەردىكى نىسبەتنى مۇۋاپپىق بەلگىلىسەك (يەنى بارلىق مەزمۇنلار بىر بەت بولسىلا بولدى.) بولىدۇ. 2).بەت كەڭلىكى ۋە بەت ئىگىزلىكىنى تەڭشەش ئۇسۇلى تىزىملىكتىن «ھۆججەت-بەت يۈزىنى تەڭشەش» بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بەت يۈزى» دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، «كېچىكلىتىش» دىگەن تۈر ئاستىدىكى «تەڭشەش (调整为)» دىگەن خەت يېنىدىكى بەت كەڭلىكى، بەت ئېگىزلىكى دىگەن تۈرلەرنى تەڭشىسەك بولىدۇ. يەنى ئەگەر بىرلا بەت قىلماقچى بولساق، بەت كەڭلىكى، بەت ئىگىزلىكىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1 دەپ بېكىتسەك بولىدۇ. 3).بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەڭشەش ئۇسۇلى تىزىملىكتىن «كۆرۈنۈش- بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش»(视图-分页预览) بۇيرۇقىنى چەكسەك، پۈتۈن جەدىۋەل بەتكە بۆلۈپ كۆرۈش ھالىتىگە كىرىدۇ.بۇ چاغدا قارىساق، بىر بەتكە پاتماي ئېشىپ كەتكەن قىسمى بىلەن بىر بەتكە پاتقان قىسمى ئارىسىدا بىر ئۈزۈك كۆك سىزىق تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.ئەگەر بەت توغرىسىغا پاتمىغان بولسا، بۇ ئۈزۈك سىزىق ئوڭ تەرەپتە، تىك ھالدا بولىدۇ. ئەگەر تۆۋەن تەرەپ پاتمىغان بولسا، ئۈزۈك سىزىق بەتنىڭ ئاستى تەرەپتە بولۇپ، توغرىسىغا تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ كۆك سىزىقنى تۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى پاتمىغان رەتلەرنى كەينىگە ئۆتكىزىۋەتسەك ياكى تۆۋەندىكى پاتمىغان قۇرلارنىڭ ئاستىغا ئۆتكۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ.كۆك سېزىقنى يۆتكە ئۇسۇلى مائوس كۇنۇپكسىنى كۆك سىزىق ئۈستىگە ئەكەلسەك ئىككى تەرەپنى تەڭ كۆرسىتىدىغان يۆلىنىش بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا بىز مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قويىۋەتمەي يۆتكىسەك بولىدۇ.
5. Excel دا قۇرلارنى رەڭ بىلەن ئايرىش:
Excel ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر جەدىۋەلنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا بەزىدە قۇرلارنى خاتا كۆرىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ قۇرلار ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بولسا، بۇ خىل خاتالىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بىز Excel دىكى« شەرتلىك فورماتى» (条件格式) ۋە فۇنكىسيەلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز. ئالدى سانلىق مەلۇمات رايۇنىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «فورمات- شەرتلىك فورمات»(格式-条件格式) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. ئېچىلغان شەرتلىك فورمات كۆزنىكىدە «شەرت 1» (条件 1) دىگەن خەت ئاستىدىكى «كاتەكچە قىممىتى» (单元格数值)دىگەن خەتنى ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۈچبۇلۇڭنى چەكسەك، بىر كېچىك تىزىملىك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن «فورمۇلا»(公式) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئاندىن ياندىكى كاتەكچىگە (=MOD(ROW(),2)=0) بۇ فورمىلانى يازىمىز. ئاندىن كيىن ئاستىدىكى «فورمات»(格式) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق، «كاتەكچە فورماتى»(单元格格式) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن «رەسىم-بەلگە»(图案) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ، خالىغان بىر رەڭنى بېكىتىپ جەزىملەشتۈرۈپ،«شەرتلىك فورمات» كۆزنىكىگە قايتىمىز.ئاندىن يەنە بۇ كۆزنەكتىمۇ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىز تاللىغان رايۇن قۇر تاشلاپ، بىز بىكىتكەن رەڭدە كۆرۈنىدۇ
|
|