مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 16 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 9

مۇئەللىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

1

دوست

337

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
81 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
46 سەر
شۆھرەت
80 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 19:32:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇئەللىم  ئۇ _ بىرلا چېلەك سۇلا ئەمەس ،
ئۇ بىر شېشە غايىپ تەملىك  كۇلا ئەمەس .
ئۇ ئەمەلىي بىر تىرىك جان ، ئۇ _ ئىسلاھات،
ئۇ_  ئۆزگىرىش،ئۇ _ يېڭىلىق ،< كونا > ئەمەس.
مۇئەللىم ئۇ _ نازۇ - نېىمەت، ئۇ _ داستىخان ،
ئېچىلىدۇ  مېھمان دىمەي ، سائىللارغا .
ئۇ ساداقەت تانكىسىدىن ئوت ئاچىدۇ،
مەرىپەتنى كۆرەلمىگەن خائىنلارغا .
ئۇ سەھەرنىڭ گۈلخىنىغا ئوت ياققۇچى،
مۇئەللىمنى ئىنژىنىرغا ئوخشاتماڭلار،
ئۇ ئىگىلمەي كۈنگە قاراپ تىك ئۆسىدۇ،
قالايمىقان يىلتىزىنى يۇمشاتماڭلار !
ئۇ ئەسلىدە بالىجانلىق قارلىغاچتۇر،
ئۇ ئۇچۇرما پەسلىگىچە توختىمايدۇ.
مۇئەللىمگە تەۋە ئەسلى < جىننىس > رېكۇت،
ئۇ ئېھتىمال چارەك ئەسىر ئۇخلىمايدۇ.
مۇئەللىمنى پىخسىق دىمە ، ئاغزىڭغا تاش !
ئۇنىڭ سېخي ھالىتىنى مۇنبەردە كۆر .
ئۇ بىخلانغان سەمىيمىلىك ئۇرىقىدۇر ،
ئۇنىڭ ئاددىي قامىتىنى ھەر يەردە كۆر!
مۇئەللىم ئۇ_  ئەمەلدارنىڭ نۆل سىزىقى ،
ئورۇندىقى تەققاس ئەمەس كىرىسلوغا .
شېرىن پۇراق شەرەتلەرگە سۈكۈت قىلار،
ئامراق ئەمەس كۆڭۈلگە ئوت سېلىشلارغا .
ئۇ ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ ئاشپىزىدۇر ،
توق تۇرىدۇ ئۇ بولغاچقا ئەۋلاتلىرى.
ئۇ يىغمايدۇ ، بەلكى بېرەر مىللەت ئۈچۈن ،
بازار نەرقى ئەمەس ئۇنىڭ بايلىقلىرى .
مۇئەللىمنى شام دىگەنلەر . كەچۈرىڭلار ،
ئۇ شۇنچىلا ئاددي كۆيۈپ ئۆچەمدىكەن ؟
چۈجىلەرنىڭ ئەڭ مېھرىبان ئانىسى ئۇ ،
ئەتە ئۈچۈن دان تاتلىماي كېتەمدىكەن ؟
مۇئەللىمنىڭ كىگىز ئۆيى - دەل ئىشخانا ،
ساقلىماقتا تاپشۇرۇقلار ،تەييارلىقلار ،
چاچالمايدۇ دىققىتىنى قەلەم تۇتسا ،
قىززىقتۇرماس مىڭ  بىھۇدە ھەييارلىقلار .
مۇئەللىمنىڭ كۆز يېشىنى كىم كۆرۈپتۇ ،
ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاپ قويار پىنھانلاردا .
ئۇ دەريادەك  يۈرىكىنى يېرىپ  كۈندە ،
سۈزۈك سۆيگۈ باشلاپ كېلەر ھەر دىللارغا .
مۇئەللىمنى ‹ ئەخمەق› دىگەن ‹ چوڭ ئەخمەق ›تۇر ،
بالىسىنى تېپىپ قويۇپ  ‹بولدى›  دىگەن .
شۇبالىنى ‹ ئەركە تاي › دەپ  سۆيۈپ تۇرۇپ
يەنىلا شۇ مۇئەللىملەر ئازار يىگەن !
مۇئەللىمنىڭ مائاشى بار ، ‹بەرىكەت › لىك ،
لىكىن ئايلار    ئارىسىنى ئۇلالمايدۇ .
سودا قىلىپ يۈرگەن ئەركە بايۋەتچىلەر ،
كوچىدىكى مۇئەللىمىنى تونالمايدۇ !
مۇئەللىمنىڭ بارغۇسى بار توي – تۆكۈنگە  ،
ئېچىلىپ ئۇ  كاپام پولۇ يىگۈسى بار .
بازارلاردا ماركا تاللاپ ئېسىل كىيىم
باشقىلاردەك ئۇنىڭمۇ بىر كىيگۈسى بار ،
ئۆيىدىكى غەملىرىنى سانىمايلى ،
ھېيت – بايرامدا ساڭزا – قۇيماق سالالامدۇ؟
كۆرپە سېلىپ ئىسسىققىنە تاماق ئېتىپ ، ،
ئانىسىنىڭ رازىلقىنى ئالالامدۇ؟
ئىككى بالا تەلمۈرىدۇ  دەرۋازىغا ،
يىغىنىدىن قايتىپ كەلدى مۇئەللىممۇ ،
ئۇ ئالدىراپ پۇسۇققىدە دىمەيدىكەن ،
‹پۇت – قولۇمنى سۇنۇپ راھەت سۈرەرمەنمۇ ›
مۇئەللىمنىڭ كېسىلى يوق ، زوكامى بار ،
ئۇ بالنىستا يېتىپ قېلىپ ئاغرىمايدۇ .
ئۇ سائەتلىك ئوكۇل بىلەن ئوڭشالغاچقا ،
ئىلمىي مۇدىر ئەنسىرمەيدۇ ، ئاغرىنمايدۇ.
ئۇنى چۆيۈن يۈرەك دىسەم ، ئالايماڭلار ،
ئۇ ئالدىراپ خىزمىتىدە داتلاشمايدۇ .
تەنقىد بىلەن جازالارغا كۆنۈك تۇرسا،
كەسىپى بىلەن ئۇ ئالدىراپ ياتلاشمايدۇ.
مۇئەللىمنى زەرەتلىگۈچ دىدىم ، چاخچاق ،
ئۇ ھەر قانداق  تاقاق دىلنى زەرەتلەيدۇ .
ئۇنىڭ شۇنچە  تۆھپىلىرى مەۋھۇم بولغاچ ،
پەقەت ئۇنى شائىرلارلا سۈرەتلەيدۇ .
مۇئەللىملىك كەسپىمنى بەك قەدىرلەيمەن ،
مەيلى خەقلەر مېنى پىخسىق ،نادان دىسۇن ،
پەرۋايىم يوق ! ماڭقۇرۇتلار ھېساپ ئەمەس ،
‹سەن ئىشلىمە › ، دىگەن سۆزنى دادام دىسۇن !
‹مۇئەللىمنى سۆيۈش›  دىگەن تام دوسكا بار ،
ئۇ تامدىكى ئۇلۇغلارغا سۆزلەپ تۇرار .
ئۇ مائارىپ ئۈچۈن بولار‹  ئادەم كۆۋرۈك ›
ئۇ بىر  يىراق ئۈمۈدلەرنى كۆزلەپ تۇرار .
مۇئەللىمگە  ‹رەھمەتۇف ›نىڭ  كېرىكى يوق ،
ئۇ ساداقەت ئۇرىقىنى كەڭ چاچىدۇ .
قاناتلىرى يېتىلگەندە ئەۋلاتلىرى ،
سېغىنغاندا قۇچىقىنى كەڭ ئاچىدۇ.
مۇئەللىمنىڭ جەمىيەتتە بەك ھۆرمىتى بار ،
سەھنىلەردە  گۈل قۇچاقلار  مۈكچەيگەندە .
تاتلىق جېنى كېپىنەك بوپ چىقىپ كېتەر ،
بىرەرسى كېپ سۈيۈپ قويسا ئۈمچەيگەندە .
بىر سېغىنسا  تۇيغۇسىدا مۇنبەرلەرنى
مۇئەللىمنىڭ كۆزئەينىكى تورلاشمايدۇ،
كىتاپ بىلەن بور توزانى ئەركىلىسە ،
باشقا كەسىپ بۇ ئىشلارغا قولاشمايدۇ .
ئەي، مۇئەللىم، ئايىقىڭىزنى مايلىتامسىز؟
رەھمەت  بالام ، مايلامچىلىق مېنىڭ كەسپىم .
نادانلىق ۋە خۇراپاتنى سېزىپ قالسام ،
غۇرۇرم بەك تېز ئۆرلەيدۇ ، مۇشۇ ئەيپىم  .
بارمىقىڭنى چىشلىۋەتكىن ، سۆزۈڭ خاتا ،
مەن مۇئەللىم ، يەنە قانداق پەتىۋا بار ؟
مىڭ شەرەپلىك ئەنئەنە بار بۇ دۇنيادا
مۇئەللىمدەك ئەڭ قىممەتلىك ئەتۋار بار !!!
ئابلەت مۇھەممەت شېئىرى
سەھرايى كۆلبەم : توققۇزتارا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

75

تېما

32

دوست

9608

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2238 سەر
تىللا
391 دانە
تۆھپە
1799 سەر
شۆھرەت
1683 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 20:21:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىي يېزىلغان شىئىركەن.
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 21:31:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنى ياخشى تەرىپلەپسىز رەھمەت .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 22:23:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمدەك ئەڭ قىممەتلىك ،كىشلەر سۇيۇندىغان ئادەم بولمىسا كىرەك.

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 00:22:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ...بۇ شىئىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى،رەھمەت سىزگە.

11

تېما

6

دوست

3975

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
900 سەر
تىللا
185 دانە
تۆھپە
815 سەر
شۆھرەت
758 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 12:14:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ...ئەڭ ئوبرازلىق- جانلىق يېزىلىپتۇ،ئېسىل....ئېسىل.......!

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 13:45:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ سەھەرنىڭ گۈلخىنىغا ئوت ياققۇچى،
مۇئەللىمنى ئىنژىنىرغا ئوخشاتماڭلار،
ئۇ ئىگىلمەي كۈنگە قاراپ تىك ئۆسىدۇ،
قالايمىقان يىلتىزىنى يۇمشاتماڭلار !
ئۇ ئەسلىدە بالىجانلىق قارلىغاچتۇر،
ئۇ ئۇچۇرما پەسلىگىچە توختىمايدۇ.
مۇئەللىمگە تەۋە ئەسلى < جىننىس > رېكۇت،
ئۇ ئېھتىمال چارەك ئەسىر ئۇخلىمايدۇ.


ھەقىقەتەن ئوبرازلىق ئوخشىتىش بولۇپتۇ . ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىنمۇ ، ئوقۇتقۇچىلار تەرىپلەنگەن ئەسەرلەرنى كۆرسەم ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولىدۇ . رەھمەت سىزگە
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

17

تېما

4

دوست

1005

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
210 سەر
تىللا
106 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
215 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 09:01:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ  بۇ شىردىكى ئوخشتۇشلارنى نىمانداق پاسەھەتلىك ھە؟ناھايتى ياخشى يېزىلپتۇ .

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 22:19:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ كېسىلى يوق ، زوكامى بار ،
ئۇ بالنىستا يېتىپ قېلىپ ئاغرىمايدۇ .
ئۇ سائەتلىك ئوكۇل بىلەن ئوڭشالغاچقا ،
ئىلمىي مۇدىر ئەنسىرمەيدۇ ، ئاغرىنمايدۇ
ئەگەر ياتسىمۇ ئەشۇ كىسەل كارۋىتىدا،
پەرزەتلەرنى ئويلاپ بىردەم كۆزيۇممايدۇ.
دەرسىم كىيىن قالدى باللار قانداق قىلار
بالىلاردىن ئۆزگىنى ئۇ ئويلىمايدۇ.
شۇنداق ياخشى يېزىلغان شېئركەن مەنمۇ ئىلھاملىنىپ ،قەلەم تەۋرىتىپ قويدۇم ،تەسەۋۇرىڭىزنى ئەركىن قاتلاندۇرۇپ ھەقىقى ئۇقۇتقۇچى ئوبرازىنى يارتىپسىز .سىزنىڭ قەلىمىڭزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 00:40:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمگە پىچىلغان تون، قائىدە- تەرتىپ،
باشقىلارغا پىچىلمايدۇ، تىكىلمەيدۇ.
مۇئەللەمنىڭ مېھنىتىدەك، ئۇلۇغ مېھنەت،
باشقىلاردىن تېپىلمايدۇ- تېپىلمايدۇ.
مەنمۇ ئۆزەمنى بېسىۋالالماي قاملاشمىغان بولسىمۇ بىر كەلىمە قوشۇپ قويدۇم. شىئېرىڭىزدىكى مۇئەللىم ئوبرازى تۇمۇرلىرىمدىكى قانلىرىمغا قوشۇلۇپ، لەززەتلىك بىر بوشلىققا ئېلىپ چىقتى. بۇ بوشلۇقتا مۇئەللىم دۇنيادا نېسىپ بولىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ماڭا ئىككى قوللاپ سۇندى، مەن ئۇنىڭ ھىممىتىدىن ئىككى دۇنيالىق پاراغەتنى بەھۇزۇر سۈرىۋالدىم. بۇ مەن ئىرىشكەن ھالىلات. بەركەتلىك قەلىمىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:43, Processed in 0.441870 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش