بىزگە يەنە قانداق مائارىپ ماتېرىياللىرى كېرەك؟
بايقاش مائارىپ تورىمىز كەڭ مائارىپچى دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى نەتىجىسىدە مائارىپ بايلىقلىرى كۈندىن كۈنگە موللىشىشىغا ۋە سەرخىللىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە قاراپ باقساق كۆپ قىسىم ماتىرياللارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بايقاشنى مۇكەممەل بولغان مائارىپ ماتېرياللىرى ئامبىرى قىلىپ قىلىپ قورۇپ چىقىرىش ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق مائارىپچىلار بىر نىيەتتە ھەرىكەتلىنىپ، مۇنبىرىمىزدە كەمچىل بۇلۇۋاتقان ماتىرىياللارنى تولۇقلىشىمىزغا توغرا كېلىۋاتىدۇ. شۇندىلا بىر مائارىپچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايمىز ۋە بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك خاسلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەلەيمىز. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ماتىرىياللارنى بايقاشتىكى كۈندە ئالدىراش خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ماتېرىيال تەييارلاپ، مىننەتسىز تەمىنلەپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم باشقۇرغۇچى، ئەزالار بىلەنلا تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا رايۇنىمىزدىكى بارلىق مائارىپچى دوستلارنىڭ پائال كۈچ قوشۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن ياخشى بولغان مائارىپ ماتېرىيال ئامبىرى قورۇپ چىقىشىمىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز. ماتېرياللارنى تولۇقلاشتا بىز ئاۋۋال بايقاشتا قانداق ماتېريال كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردىكى مائارىپچىلارنىڭ مائارىپ ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ھەمىمىز بايقاش مۇنبىرىمىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان، زۆزۈر تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ماتىرىياللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتسەك.
تەلەپ: 1. تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ماتىرىياللار بايقاش مۇنبىرىمىزدە زادى بارمۇ-يوق، بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا «بايقاش ئىزدەش قانىلى»دىن پايدىلىنىپ، ئىزدەپ كۆرسەك بولىدۇ. 2. تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ماتىرىيالنىڭ نامى، يەنى قايسى خىل مەكتەپ، قانچىنچى يىللىق، قانچىنچى مەۋسۇمنىڭ قانداق ماتىرىيالى، دەرس تەييارلىقىمۇ ياكى دەرسلىك دىتالىمۇ؟ ۋە ياكى ئىمتىھان سۇئالىمۇ ياكى پايدىلىنىش ماتىرىيالىمۇ؟ بۇ تەرەپلەر چوقۇم ئېنىق، چۈشۈنىشلىك يېزىلىشى كېرەك. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 2-مەۋسۇم ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى 3. مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلار ئىچىدىن چۈشۈرگىلى بولمايدىغان تېمىلار ئايرىپ چىقىپ، مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا تېما ئادرسىنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز. مەسىلەن: تولۇقلاشقا تىگىشلىك ماتىرىياللار: باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 2-مەۋسۇم ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان تېمىلار: تېما ئادىرسى
ئاخىرىدا تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋە چۈشۈرگىلى بولمايدىغان تېما ماتىرىياللارنىڭ نامىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، مۇنبەردە ئېلان قىلىپ، كەڭ مائارىپچى دوستلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغانلىرىنى يوللاشقا سەپەرۋەرلىك قىلىمىز. ئەگەر بۇ تېمىنى كۆرگەندە تولۇقلاشقا تىگىشلىك ماتىرىياللار ئۆزىڭىزدە بار بولسا، شۇ ۋاقىتتا مۇنبەرگە يوللاپ تولۇقلاش ئېلىپ بارسڭىزمۇ بولىدۇ.
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلارغا تېللا مۇكاپاتى بېرلىدۇ.
يېڭى ماۋسۇم باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. كىيىنكى ماۋسۇملۇق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ھەممىڭلارنىڭ قولۇڭلاردىن كېلىدىغىنىنى ئايىمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز. قېنى ئەمسە ئىشنى باشلاپ كىتەيلى!
بايقاش مائارى تورى 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى |