ئانا تىلىم- مېنىڭ تىلىم
دوستۇم سىز ئانىڭىزنى سۆيەمسىز؟ ئۇنداقتا ئانا تىلىڭىزنىچۇ؟ مەن ئانامنى چوڭقۇر مېھرىم بىلەن سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. شۇنداقلا، ئانام بىلەن تەڭ ئانا تىلىمنىمۇ چەكسىز سۆيىمەن، چۈنكى ئانا تىلىم- ئانامنىڭ شۇ قەيسەر ۋۇجۇدىدىن ماڭا سىڭگەن ئەڭگۈشتەر تىلدۇر. مەن يىغلايمەن ئانا تىلىم ئۈچۈن يىغلايمەن سىز نىمە ئۇچۇن دىسىڭىز دۇنياغا داڭلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىزائايماتوفنىڭ ‹‹كوپ تىللىق بولۇش شەرەپ ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت››دىگەن سۆزىنى چۈشىنەلمەيۋاتقان بەزى ئادەملىرىمىز ئۈچۈن ئېچىنىپ يىغلايمەن ،سەبىي بالىلىرىمىزنىڭ مەھەللىلەردە ئارلاشما تىلدا سۆزلىشىپ ئوينىغانلىرىنى كۆرگىنىمدە يىغلايمەن ، مەن يىغلايمەن دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە شانلىق تۆھپە قوشقان ئانا تىلىم ئۈچۈن يىغلايمان،چۇنكى ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز ئوغۇزخان ،مەھمۇت كەشقىرى ،ئەلىشىر ناۋايى،يۇسۇپ خاس ھاجىپلار سۆيگەن ،قەدىرلىگەن ،دولەت قانۇنى قوغدىغان مېنىڭ ئانا تىلىمنىڭ بەزى مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر ئەۋلادلار تەرپىدىن قەدىرلەنمەي تاشلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يىغلايمەن . مەن كۈلىمەن، ئانا تىلىمدىن ئىبارەت ئاشۇ پاساھەتلىك تىل ئۈنچىلىرىدىن يېزىلغان «ئانا يۇرت» قا ئوخشاش بۈيۈك ئەسەرلىرىمىزنى كۆرگىنىمدە كۈلىمەن، ئانا تىلىم بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئون ئككى مۇقاملىرىمىزنى ئاڭلىغىنىمدا، ئانا تىلىمنىڭ ئاجايىپ سېھىرى كۈچىدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلىمەن. ئۇيغۇر تىلىنى «گۆھەر تىلىم- زەر تىلىم» دەپ پەخىرلىنىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقان ئادەملىرىمىزنى كۆرگەندە، مەن توختىماي كۈلىمەن...!! بىز ھەممىمىز ئانا تىلىمىز ئۈچۈن پەخىرلىك كۈلكىلىرىنى كۆزلەيلى ،!!!!! چۈنكى مېنىڭ ئانا تىلىم تەكلىماكاندىكى قۇملۇقلار بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، چۈنكى ئاتا- بوۋام مۇشۇ قۇملۇقتا كولدۇرمىلىرىنى جاراڭلىتىپ، ئۈزۈلمەس مېلودىيىلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ياڭرىتىپ، دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولى مەدەنيىتىنى ياراتقان. مېنىڭ ئانا تىلىم توغراقلار بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، چۈنكى ئاتا- بوۋام مۇشۇ توغراقلار بىلەن بىللە ياشاپ، ئۇنىڭ قەيسەرلىكىدىن ئۈلگە ئېلىپ، باتۇلۇقتا ھەتتا ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىننىمۇ تاڭ قالدۇرغان. ئەجدادلىرىم ئانا تىل ئارقىلىق ئوز ئانا تۇپرىقى ئۈچۈن ،ۋەتىنى ئۈچۈنجەڭ قىلغان باھادىرلارنى بىزگىچە يەتكۇزۇپ بەرگەن. مېنىڭ ئانا تىلىم يەنە، تارىم دەرياسى بىلەنمۇ سۆزلىشەلەيدۇ، چۈنكى ئاتا- بوۋام تەكلىماكاندىن ئىبارەت قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلىدا نەزمە-قوشاقلارنى توقۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ زۇمرەتتەك سۈيى بىلەن بىرگە بۇ ئانا تۇپراققا چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋەتكەن مېنىڭ ئانا تىلىم نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا ئانا تۇپراققا يىلتىز تارتىپ كەتكەن ، بوۋام- مومامنىڭ تىلى، ئاتا- ئانامنىڭ تىلى، شۇنداقلا، مېنىڭ ۋە پەرزەنتىمنىڭ تىلى، ئوخشاشلا سىزنىڭمۇ تىلىڭىز!! دوستۇم، سىز ئانا تىل ئىشقىدا كۆيۈشنى خالامسىز؟! ئەگەر خالىسىڭىز چوقۇم ئانا تىلدا سۆزلەڭ، خۇددى بۇلبۇل گۈل ئىشقىدا سايرىغاندەك، سىزمۇ ئانا تىل ئىشقىدا سايراڭ، شۇنداق بولغاندا سىز دۇنيادىكى ئەڭ پەزىلەتلىك ئىنسان بولالايسىز!!!
دوزاقتۇر كۈنلىرىم ئېلىمدىن كەچسەم، قاراڭغۇ زۇلمەتتۇر بىلىمدىن كەچسەم. ئۆلدى دەپ بىلىڭلار بىر كۈنلىرى گەر، جان ئانام ئۆگەتكەن تىلىمدىن كەچسەم.
مەنبە ئېسىمدە قالماپتۇ تېما ئىگىسىدىن ئەپۇ سورايمەن |