مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1818 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كىيىن يول ھاسىل بۇلغان.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • قاراقۇرۇم 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 18 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

كۆرۈش: 343|ئىنكاس: 7

ئۈچ مىكياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

0

دوست

624

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
120 سەر
تىللا
-1 دانە
تۆھپە
128 سەر
شۆھرەت
184 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:17:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ مىكياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى
فىلىيەتون
ۋۇجى
يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن «مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار خوراز، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن خوجىدار خوراز ۋە سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل خوراز ئۈستىگە ئالدى. ئەزالىرى بولسا مۇئاۋىن خوجىدارنىڭ مۇئاۋىن خوجىدار خورازلىرى ئۈستىگە ئېلىشتى. ( چۈنكى بۇ كاتەكتە بارى يوقى ئۈچ مىكيان، ئوخشاشمىغان ۋەزىپىدىكى رەھبەر خورازدىن ئالتە يەتتىسى بار ئىدى) يىللىق باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىدىكىلەر يىغىن ئاچتى، يىغىنغا خوجىدار خوراز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق پىكىرگە كىلىشتى.
سېرىق مەللەك مىكيان:--- بۇ يىلدا گەرچە يىل بۇيى بىر دانىمۇ تۇخۇم تۇغمىغان بولسىمۇ، لىكىن بەزى ئەتىگىنى تاساددىپى ۋاق تۇرۇپ قالغىنىمدا، (ھەتتا بارلىق چۆجىلەر ئىشقا كىرشىپ بولغاندا) ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن بىر نەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقىرىپ مىنى ئويغۇتۇپ قويدى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ بولغۇچە، مەن خىزمەت قىلدىغان ئورۇننى پاكىز تازلاپ، مىنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ، ماڭا بىر كۈن پاكىز مۇھىتتا خىزمەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. يەنە تېخى بۇ يىل چاغاندا ئائىلەمگە بېرىپ تۇققان يوقلايمەن دەپ 45 كۈن رۇخسەت سوراپ، دەل 44 كۈن بولغاندا قايتىپ كىلىپ ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىشقا چىقتى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ.
قارا مىكيان:--- بۇ يىللىق تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىدە گەرچە ياخشى تۇخۇملارنى تۇغالمىغان بولسىمۇ، لىكىن ناچار تۇخۇملارنى تۇغۇپ باقمىدى. ئۇ ھەر كۈنى باشقا مىكيانلار دان ئىزلەپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتتىمۇ، خىزمەت تۈزۈمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، كاتەكتىن ئايرىلماي، كاتەكتە ياخشى گۈزەتچىلىك قىلىپ، كۈن بۇيى تورغا چىقىپ، يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن كۆرشۈپ، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىماي، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى. ھەم سىرتتا دان ئىزدەپ، چۆجە باقىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ھەر ۋاقىت ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەي، تاجىسىنى قىزارتىپ، تىرناقلىرىنى چىرايلىق ياساپ، پەيلىرىنى پارقىرتىپ يۈردى. قاچان ئىزدەپ كەلسەم شۇ ۋاقىتتا كاتەكتە «ھازىر» بولدى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ.
يۇقۇردىن بىزگە بىر نەپەر مىكياننى مەجبۇرى لاياقەتسىز سايلاش ۋەزىپىسى چۈشۈردى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز چار مىكياننى تەپسىلىراق باھالاپ باقايلى--- دەپ يانچۇق خاتىرسىنى قۇلغا ئالدى.
چار مىكيان:-- بۇ يىل جەمئى 363 دانە تۇخۇم تۇغدى. لىكىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، 5-ئاينىڭ 6- كۈنى، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى كەنجى چۈجىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئالدىراپ، ئۈچ دانە يۇمشاق شاكاللىق تۇخۇم تۇغدى. مەزكور مىكيان تېخى ھەر قېتىم تۇخۇم تۇققاندىن كىيىن ئۆزىچە يۇغان ئىش قىلدىم دەپ ئويلامدۇ قانداق ؟!كاتەكنى بېشىغا كىيىپ، « قى قىق قىق! جى جىق جىق » دەپ مەغرۇرلىنىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى بولماي نىمە؟! بۇندىن كىين دىققەت قىلشى كېرەك. بۇلۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ھېلىقى كىسەلچان كەنجى چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ مەندىن رۇخسەت سورىماي بىر كۈن كاتەككە كەلمىدى. ئەتسى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كاتىكىمىزگە كىلىپ، تۇخۇم تۇغۇش ۋە ئارخىپلارنى ئىشلەش خىزمىتىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قۇلدا «مىكيانلارنىڭ قۇشۇن قۇرلۇشى» دىگەن مۇھىم ئارخىپ بار بۇلۇپ،  مەزكور مىكياننىڭ شۇ كۈندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، يۇقۇردىن تەكشۈرۈش كەلگەندە فورما كىيىپ كىلىش تەكتلىنىپ تۇرسىمۇ چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ، ھازدارنىڭ كىيىمنى كىيىپ، رەڭگى رويىنى سارغايتىپ،پەيلىرى پۇرلاش كاتەككە كىلىپ ، رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكتى. شۇڭا بۇ مىكيان يۇقارقى سەۋەبلىرى تۈپەيلى لايەقەتسىز بۇلۇپ، باھالىنىپ، ئىككى يىلغىچە 13- ئايلىق يەم خەشىكى بېرىلمەيدۇ. ھەم ئىككى يىلغىچە مۇنەۋەر مىكيان بۇلۇپ باھالىنىش سالاھيىتى بىكار قىلىندۇ.
ئاخىرى بۇ يىللىق باھالاش ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ، ھېلىقى تۇغۇمچان بىچار چار مىكيان « لاياقەتسىز» بۇلۇپ باھالاندى.
«روشەنگۈل ئەركىن» ۋە «ئابدۇرېھىم ھۈسەن» تەرجىمىسى
« ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2009- يىلى 11- مارتتىكى سانىدىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

30

تېما

6

دوست

2755

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
716 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
480 سەر
شۆھرەت
412 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 01:24:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ دەھشەت قاملاشقان فىليەتۇن ئىكەن. ئىنتايىن ئەمىلىي بوپتۇ. رەھمەت!

0

تېما

2

دوست

1158

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
588 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
36 سەر
شۆھرەت
-86 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 09:12:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فېليەتۇن  ھەقىقەتتەنمۇ ياخشى يېزىلغان فېليەتۇن ئىكەن .يىللىق باھالاش ئەھۋالىنى ئەينەن تەسۋىتلەپ بېرىپتۇ.

0

تېما

0

دوست

14

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
3 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
3 سەر
شۆھرەت
2 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 23:54:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھالاش ھازىرقى زامانغا لايىق «ئادىل»باھالاش بوپتۇ..........؟!

0

تېما

0

دوست

113

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
22 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
25 سەر
شۆھرەت
29 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 17:49:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زاماندىكى باھالاشنى ئەمەلىي سۇرەتلەپتۇ ياخشى ئەسەركەن

3

تېما

2

دوست

149

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
28 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
25 سەر
شۆھرەت
30 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 17:48:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۇ بىزنىڭ ئەخۋالىمىزنى بەش قولدەك بىلىدىكەنيا ئەجەپ!!!بىزنىڭ كاتەكنىڭ ئەھۋالى بەلكىم ھەممە يەردىكى بىلەن  ئوخشاش ئوخشايدۇ.

24

تېما

10

دوست

6174

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
928 سەر
تىللا
442 دانە
تۆھپە
2196 سەر
شۆھرەت
958 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 20:33:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتىكى ئىشلار ئىكەن بۇ.ھەقىقەتەن قىزقارلىق فىليەتۇن بوپتۇ.

17

تېما

2

دوست

728

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
154 سەر
تىللا
60 دانە
تۆھپە
131 سەر
شۆھرەت
147 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 20:42:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار بىزنىڭ مەكتەپتكى ئشلارنىڭ ئۆزىكەنغۇ،لېكىن شۇ باشلىقلارنىڭ فېليەتۇن ئوقۇغىدەك ۋاقتى يوق
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 19:13, Processed in 0.200037 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش