| خېرىدار: ساپلا سۆڭەكلىك بولۇپ كەتتىغۇ بۇ گۆش، ئۇستام سەل تەڭشەپ ساتماملا ! قاسساپ: قوي دېگەننىڭكى سۆڭىكى بولمىسا ئۆرە تۇرمايدۇ . سۆڭەكسىز گۆشنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئېلىۋەرسىلە تەقسىر . باققال: قوغۇن-تاۋۇز بولاڭخۇي، لاۋزا بولسا پۇل ئالمايمەن. خېرىدار: ماۋۇ قوغۇنلىرى كۇس چىقتى،تاۋۇزلىرى سوپۇندەك ئاق چىقتى قانداق قىلىمىز ؟ باققال: ئەمدى قايلىسىلا، قوغۇن-تاۋۇز دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدىكەن. بۇنى ياندۇرساق قانداق ساتىمىز؟ پىچىپ قوياپلا، يەۋەتسىلە، قورساق تويىدۇ، ئۇسسۇزلۇق قانىدۇ . خېرىدار: بۇ سەۋزە-چامغۇرلار بەك ئۇششاق ئىكەن، ئەرزانراق بەرسىلە . ئوتياشچى: قايلىسىلا، بەش بارماق دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ، يەرنىڭ تېگىگە باش ئالىدىغان نەرسىكەن، ئەمدى قانداق قىلاتتۇق، سىلىمۇ ئۆي تۇتقان، بالا چوڭ قىلىپ باققان. ھەقىچان بالىلارنىڭ كىچىكلىرىنى ھەيدەپ چىقارمايدىغانلا . خېرىدار: بۇ ياڭاقلىرى ساپلا سېسىق-پۈچەك چىقىپ قالدى. سىلى بەك داڭلاپ قىممەت ساتقانتىلە، بۇنى قانداق قىلارمىز؟ گۈلە-قاقچى: ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيلا، بىزمۇ ئالىمىز، ياڭاقلىق بېغىمىز بولمىغاندىكىن. يا خەقتىن ئالغاندا سىتىغاسېلىپ تەكشۈرۈپ ئالغىلى بولمايدىكەن. بالىلار ئىچى پۇشقاندا يەر ياكى ئويناپ تۈگىتەر . گىلەمچى: ماڭا قارسىلا ھاجىم، ماۋۇ خوتەننىڭ گىلەملىرى، بىر-ئىككى پارچە ئېلىپ ئۆيلىرىگە سېلىۋالماملا؟ پۇلىمۇ ئانچە ئۆرە ئەمەس . خېرىدار: ئالارمىز ئالدىرىماي، بالىلارمۇ چوڭ بولىۋاتىدۇ، تويىنى قىلىدىغان چاغدا ئالارمەن، ھازىرچە قولۇم سەل قىسقا تۇرىدۇ، تۇرۇپ تۇراي. گىلەمچى: ھاجىم ئۆزلىرىنى كەم سۇندۇرمىسىلا، بۇ گىلەملەر ئات-تۆگىگە كەلمەيدۇ. بىرەر-ئىككى مىڭ كوي دېگەن ئۇ يەردە قويسا بۇ يەردە يوق. بۇنداق گىلەملەر ھازىر ئى مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيىدىمۇ بار جۇمۇ ! دۇكاندار: ئەجەپ قاتتىق سودا قىلىدىكەنلا، مۇئەللىم(خانىم) ئوخشىماملا ؟ خېرىدار: بۇ دېگەن بازار، دېگەنلىرىگە ئالساق بولامتى ئەمىسە، مۇئەللىم (خانىم) دېگەننى ئۇنداق پەس كۆرۇشمىسىلە جۇمۇ، ئوقۇتقۇچى، زىيالىيغا ئۆچ بولغاچ كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇنچىلىك. دۇكاندار : كادىر خەق دېگەنغىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايتتى... ئاشخانا مۇلازىمى: ئاكىلار، لەغمەننى پۈتۈن ئەكىلەيمۇ-يېرىممۇ؟ شەھەرلىك مېھمانلار: ئۇكام بىزنى سەھرالىق كۆرۈپ قالمىغانلا، لەغمەننى پۈتۈن يەيدىغان؟ ئىككىمىزگە يېرىمدىن ئىككى ئاش، ئاش چىققۇچە بىر چىنىدىن سۆنتەڭ(لازا-ئاچچىقسۇ ۋە ئازراق قورۇما سۈيى قوشۇلغان ئاش سۈيى) ئەكەلسىلە . ئاشخانا مۇلازىمى: (ياندىكى ئۈستەلدىكى يېزىلىق مېھمانلارغا) ھەر قايسىلىرىغىمۇ يېرىمدىن ئاش ئەكىلەمدىمەن؟ يېزىلىق مېھمانلار: يوقسۇ، ئاشنى پۈتۈن ئەكىلىۋېرىڭ، بىز شەھەرلىك ئەمەس، ئاشنى يېرىم يەپ، قورساقنىڭ چالىسىنى مەنتەڭ بىلەن تولدۇرىدىغان . يولۇچى : بۇ جوڭبا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس تاماققا توختىغاندەك ھەر دوقمۇشتا بىر ئاش پىشىم توختاپ تۇرىۋالىدىكەن، قانداق گەپ-بۇ؟ شوپۇر: ۋاقىت توشقاندا، ئادەم تولغاندا ماڭىمىز. ئىشلىرى ئالدىراش بولسا تاكسىغا چىقسىلا، توختىماي چېپىپ تېز يەتكۈزۈپ قويىدۇ . جوڭبا شوپۇرى: ۋە تاكسىچى، ماشىناڭنى بىر يانغا تارتمامسەن، جوڭبانى ئۆتكۈزىۋالاي. تاكسى شوپۇرى: نەگە تارتىمەن؟ بۇ يولنى جوڭباغا مولاپ بەرمىگەن بولغىيتتى، سەن ئادەم توشۇۋاتقان بولساڭ مەنمۇ ئادەم توشۇۋاتىمەن، ئالدىمدىكى ماشىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ شوپۇر: ۋە ئادىشاۋوي، ھارۋاڭنى تارتمامسەن، ماشىنامنى ئۆتكۈزىۋالاي، مىڭ قېتىم سېگىنال بەرسەم خىيالىڭغا كەلمەي تۇرىسەنغۇ؟ ھارۋىكەش: نەگە تارتىمەن، يولنىڭ ھېچ يېرى بىكار بولمىسا، يوغان نەرسەڭ باركەن، ئالدىرىساڭ ئۇچۇپ ئۆت! شوپۇر: ھەي پوجاڭ تۇماق سەھرالىق، بۇ دېگەن ماشىنا يولى، بازارغا كىرگەندە ھارۋاڭنى دەڭگە قويۇپ كىرسەڭ بولمامدۇ؟ ھارۋىكەش: بۇ ھارۋىدا ھەر قايسىلىرىدەك شەھەرلىك غوجاملارغا ئەكىرگەن ئوتياش-چۆنەك، قوغۇن-تاۋۇز، ئۆرۈك-شاپتۇل بار ئىدى. بازارغا يەتكۈزىۋالساق بولدى. دېھقان بازارغا بىر نەرسە ئەكىرمىسە ئاچ قېلىشالا ھەقىچان! شوپۇر: قۇلىقىڭغا بىر نېمە كىرىپ قالدىمۇ؟ نەچچە قېتىم سېگىنال بەرسەم نېمانداق ماشىنامغا يول بەرمەيسەن، ئۆلۈكىڭنى ساتاي دەمسەن ، لاي سۇ ئىچكەن سەھرالىق . پىيادە يولۇچى: ۋە گۇي، ماشىنام بار دەپ يوغان سۆزلىمە، بۇ دېگەن بازار يولى، ھەممىمىز ماڭىمىز، يامان بولساڭ بېسىۋەت، تويدۇم ھېچنېمىسى يوق بۇ جاندىن. كابىنكىغا چىقىۋالساڭ يولدىكى ئادەم قۇرت-قوڭغۇزدەك كۆرۈنۈۋاتامدۇ، شەيتىنىڭ كىچىك كۆرسەتمىسۇن، بىزمۇ ئادەم، دېھقان دېگەن يەرنىڭ جېنى جۇمۇ، چىدىمىساڭ چۈشۈپ ھەيدە سىيالكاڭنى ....
|
|