كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 5

يۇمۇرلار.......................كالۋا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1-يۇمۇر
        بىر ئايال كەچلىك سىمېنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايىتۋېتىپ كەينىگە بىر ئەرنىڭ چۈشىۋالغانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. ئۇ ئايال قورقۇپ ئەمدى قانداق قۇتۇلارمەن دەپ ئويلاپ بىر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە كاللىسىغا شۇ زامات ئەقىل كېلىپ، بىر قەبرىگە قاراپ « دادا، مەن قايتىپ كەلدىم، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپتىكەن، كەينىدىكى ئەر قورققىنىدىن ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. ئايالنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئەمدى كېتەي دەپ تۇرسا قەبرە ئىچىدىن «قىزىم، يەنە ئاچقۇچنى ئالماپسەندە؟» دىگەن بۇغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، ئايالمۇ قورققىنىدىن يۈگەرگەن پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا قەبرە ئىچىدىن بىر قەبرە ئوغىرسى چىقىپ « ئادەمنى خىزمەت قىلغىلى قويماي، مۇشۇنداق قورقۇتۇپ جېنىڭنى ئالىمەن تازا» دەپ تۇرۇشىغا يېنىدا بىر بوۋاينىڭ قەبرە تېشىغا خەت ئويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتىكەن، بوۋاي ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ « قارىمامسەن بۇ ۋاپاسىزلار مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ خاتا ئويۇپ قويۇپتۇ…..» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قەبرە ئوغىرسى ئاللا كاللا دەپ توۋلىغان پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ« تېخى مەن بىلەن سودا تالاشقىدەك بولدۇڭما؟ ئۇنىڭغا تېخى بالدۇرلۇق قىلامدىكى….» دەپ سۆزلەۋېتىپ قولىدىكى خەت ئويىدىغان نەرسىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، بوۋاي ئېڭىشىپ ئالاي دەپ قارىسا ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدا بىر قول ئۇ نەرسىنى تۇتۇپ تۇرغىدەك، بوۋاي ئەجەبلىنىپ تۇرسا چۆپلۈكنىڭ ئارىسىدىن « ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ نىمە مېنىڭ قەبرە تېشىمنى قالايمىقان چوقۇيسەن؟» دىگەن ئاۋاز كېلىپتىكەن، بوۋاي قورققىنىچە دۆڭدىن دومىلاپ دىگەندەك چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئەخلەت تەرگۈچى ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ« ۋۇ ئاناڭنى، بىر تال ئەسكى تۆمۈرنى ئېلىۋېلىش ھەجەپمۇ تەسكە چۈشتا» دىگۈدەك

2-يۇمۇر
          بىر كۈنى كەچتە بىر چىرايلىق قىز ئۈرۈمچىدىكى 4- دوختۇرخانا يەنى ساراللار دوختۇرخانىسى يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسا ، قىپ – يالىڭاچ بىر ئەر قوغلاپ كىلىۋاتقىدەك ، ئۇ قورۇققىنىدىن جىنىنىڭ بىرىچە قىچىپتۇ . ھىلىقى ئەرمۇ كەينىدىن داۋاملىق قوغلاپتۇ . بىر چاغدا ئۇ قىز ھىچ يەرگە قاچقىلى بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ . ھىلىقى ئەرگە مىنى نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ ، لىكىن ئۆلتۈرىۋەتمەڭ . دەپ يالۋىرىپتۇ .
بۇنى ئاڭلىغان ئەر ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ ، گىپىڭىز راست بولسا ھازىردىن باشلاپ مىنى سىز
قوغلاڭ . دىگۈدەك

3-يۇمۇر
       ساقچىلار قىمار ئويناۋاتقان تۆت كىشىنى تۇتىۋاپتۇ.
_سىلەر قىمار ئويناشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەمسىلەر؟_دەپ سۇراپتۇ ساقچى.
_مەن قىمار ئوينىمىدىم ،مەن پەقەت كۆرۇپ تۇرغان ،_دەپتۇ ئۇلارنىڭ بىرى.
ساقچى يەنە بىر ئادەمدىن سوراپتۇ.
_ مەن ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتقانتىم ،_ دەپتۇ يەنە بىرى.
ئۇچىنچى ئادەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،دەرھاللا :
_ مەن يۇرگىنىمنى ساقلاۋاتقان،_ دەپتۇ.
ساقچى قۇلىدا قارتا تۇتقان 4-ئادەمگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
_ سېنىڭ قولۇڭدا ماددى ئىسپات بار ،سەنغۇ تىنىۋالالماسسەن .ئۇ ئادەم بىر دەم قۇلىغا ، بىر دەم ساقچىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
_ ساقچى ئەپەندىم ،سىزنىڭچە ،مەن كىم بىلەن قىمار ئوينىغاندىمەن

4-يۇمۇر
          بىر كۇنى قەشقەرلىك بىر بوۋاي تۇققان يوقلاپ غۇلجىغا بېرىپ ، تۇققىنىنىڭ ئويىنى تاپالماي ، كوچىدا كېتىپ بېرىپ ، بىر نەچچە ياش بالىلار يولنىڭ بويىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ ، بوۋاي بۇ ياش بالىلاردىن سوراپ باقاي دەپ ، تۇققىنىنىڭ ئادىرسىنى سورىسا ، بۇ ياش بالىللارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ، بوۋاينى ئەخماق قىلىش ئۇچۇن — سىلى سورىغان جاينى مەن بىلىمەن ، مەن دەپ بىرىشتىن ئىلگىرى سىلىدىن بىر تېپىشماقنى سورايمەن ، دەپ بىرەلىسە سىلە سورىغان جايغا ئاپىرىپ قويىمەن — دەپتۇ ، بوۋاي — بولىدۇ سوراڭ —- دىسە ، ياش بالا تېپىشماقنى باشلاپتۇ :
— ئالدىدا بىر چاقى بار ، كەينىدە ئىككى چاقى بار ، تۇز يەردە كېتىپ بېرىپلا ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ نىمە ؟
— ئايرۇپىلان .
—ئايرۇپىلان ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ ئايرۇپىلانى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
— ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .
— ئۇنداق بولسا يەنە بىرنى سوراي ، ئىككى تۇمۇر رېلىسنىڭ ئۇستىدە ئۇزۇن بىر نەرسە نۇرغۇن يۇكنى ئېلىپ ماڭىدۇ ، ئۇنىمە ؟
— پويىزغۇ .
—پويىز ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ پويىزى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .
— ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .— دەپ بولۇپ بوۋاي بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى كولدىرلىتىۋاتقانلىغىنى سېزىپ ئاچچىغى كەپتۇدە ياندۇرۇپ ئۇ ياشتىن سوراپتۇ :
— مەن سەندىن بىر تېپىشماق سوراپ باقاي ، سەن جاۋاپ بىرەلەمسەن قېنى ؟
— سورىسىلا .
— سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەم ، چېچىنى ئۇزۇن قويىۋالىدۇ ، قېشىغا ئانچە مۇنچە ئوسما قويىۋالىدۇ ، قولىغا خېنە قويىدۇ ، ئويدە بولسا تاماق ئېتىدۇ ، كىر قات يۇيىدۇ ، ئۇنىمە ؟
— ئايال كىشىغۇ .
— ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، مەن ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-23 21:56:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى يۇمۇركەن . كۈلكە ئاتا قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر
ۋاقتى: 2013-3-24 20:19:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يۇمۇرلاركەنغۇ! چارچىغاندا ھاردۇغۇم چىققاندەك بولدى. رەھمەت
ۋاقتى: 2013-3-25 00:51:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا كۈلدۇرەتتىڭىزغۇ ئادەمنى!
كۈلكە ئاتا قىلغۇنىڭىزغا رەھمەت!
ۋاقتى: 2013-3-26 18:50:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە سوۋغا قىلغان كۈلكىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-2-21 10:52:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكە ئاتا قىلغىنڭىزغا رەھمەت ، جاپا چېكىپسىز...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش