مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1818 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كىيىن يول ھاسىل بۇلغان.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • قاراقۇرۇم 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 3

كۈلەمسىز كۈلمەمسىز ئىختىيارىڭىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

0

دوست

624

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
120 سەر
تىللا
-1 دانە
تۆھپە
128 سەر
شۆھرەت
184 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:15:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                    يۇمۇرلار


پىراففىسور ئەقلىي قابىلىيىتى بالدۇر يېتىلگەن بالىدىن سوراپتۇ:

_تۇغۇلغان كۈنۈڭ قاچان؟

_10-ئاينىڭ 10-كۈنى

_قايسى يىلى؟

_ھەريىلى.




بىر ئادەم ساتراشخانىدا ساقال ئالدۇرۋاتقاندا،ساتىراش ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ يۈز قىسمىنى ئازراق كېسىۋېتىپ قاپتۇ.ھېلىقى ئادەم ئاغرىق ھېس قىلغان بولسىمۇ چاندۇرماستىن ساتراشقا دەپتۇ:

_ سىرتقا چىقىپ ئادەم بار-يوقلىقىغا قاراپ بېقىڭە.ساتىراش سىرتقا چىقىپ كىرگەندىن كېيىن دەپتۇ:

_ھېچكىم يوقكەن.

_ھېچكىم يوق بولسا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بېشىمنىمۇ كېسىپ تاشلىمامسىز؟




پويىزدا بىر موماي بىلەن چىرايلىق قىزچاق دېرىزە تەرەپتىكى ئورۇندا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ قاپتۇ.قىزچاق ئىچى سىقىلىپ سېغىز چاينىغاچ ھېلى دېرىزە سىرتىغا قارىسا،ھېلى مومايغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.بىر ئازدىن كېيىن موماي قزچاققا قاراپ دەپتۇ:

_قىزىم،ئاۋارە بولماڭ،مېنىڭ قۇلىقىم ئېغىر،سىز بايا شۇنداق جىق گەپ قىلىۋەتكەن بولسىڭىزمۇ مەن بىرسىنىمۇ ئاڭلىيالمىدىم.




بىر ئەر كىشى دائىم پو ئاتىدىكەن.بىر كۈنى ئۇ ئاغىنىلىرىغا پو ئېتىپ دەپتۇ:

_مەن دىگەن ئۆيدە ئايالىمنى بەك قاتتىق باشقۇرىمەن،بىر دىسەم ئۇ ئىككى دىيەلمەيدۇ.

ئاغىنىسى:

_يارايسىز،يولۋاسكەنسىز!

دەل شۇ چاغدا ئايالى كېلىپ قېلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاپتۇ،بۇنى كۆرگەن ئەر گۈپپىدە تىزلىنىپ:

خوتۇن،ئۇ توغرا دەيدۇ،مەن يولۋاس،سىز ۋۇسۇڭ.




بىر قىز ماتىماتىكا ئالىمى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ.بىر كۈنى قىز ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

-مېنىڭ يۈزۈمدە شۇنداق جىق سەپكۈن بار تۇرسا،سىز مەندىن نومۇس قىلمامسىز؟

ماتىماتىكا ئالىمى:

-ھېچقىسى يوق قەدىرلىكىم،مەن ئەزەلدىن چىكىتلىك سانلارنى تەتقىق قىلىشقا ئامراق.




ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ئەڭ يوغان پىل ئۆلۈپ قالغانىكەن،بىر باققۇچى ئۈن سېلىپ  يىغلاپ كېتىپتۇ.بۇ كۆرگەن ساياھەتچىلەر:

_ئەجەپ ئاقكۆڭۈل كىشىكەن،ئۇ پىلغا بەك ئامراق ئوخشايدۇ،ئايرىلىش ئازابىغا چىدىماي يىغلاۋېتىپتۇ.

بۇنى ئاڭلىغان يەنە بىر باققۇچى چۈشەندۈرۈپ دەپتۇ:

_ياق،ئۇنىڭغا يىغلىمىدى،بەلكى،ئۇ مۇشۇ پىلنى كۆمىدىغان ئورەكنى كولاشقا مەسئول بولغانىدى.




ئوغلى يېڭىدىن ئېلىپ بەرگەن كىچىك ۋېلىسپىتنى مىنىپ ھويلىدا ئايلىنىشقا باشلاپتۇ.بىرنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن دادىسىغا قاراپ دەپتۇ:

_دادا،قارا رولنى قولۇم بىلەن تۇتمىساممۇ مىنەلەيدىكەنمەن.

ئىككىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن داداسىغا قاراپ دەپتۇ:

_دادا،قارا پۇتۇم بىلەن تەپمىسەممۇ مىنەلەيدىكەنمەن.

ئۈچنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن داداسىغا قاراپ دەپتۇ:

_دادا،قارا،چىشلىرىم ھەممىسى سۇنۇپ كەتتى.




يولوچى ئا كىشى ب كىشىگە دەپتۇ:

_مەن دائىم بېلەت ئالمايلا شەھەرگە كىرىۋالىمەن.

ب كىشى:

_شۇنداقمۇ؟مەن تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى بولىمەن،شۇتاپتا،قانداق قىلىپ بېلەتسىز پويىزغا ئولتۇرالايدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

ئا كىشى:

_ھە......مەن...مەن.....مەن شۇ پىيادىلا كېتىۋېرىمەن.




بىر ئايال يولدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ تېلىفۇن سىمى سىتولبۇسىغا چىقىۋالغان بىرىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ-دە،ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىراپتۇ:

_ھەي،مېنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكام ھەرقانچە تۆۋەن بولسىمۇ،قورقۇپ شۇنچە ئېگىز سىتولبىغا چىقىۋېلىشىڭنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟!   



بىر رىژىسسور مەلۇم بىر خىل قۇشنىڭ 10خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى ۋە 12 خىل ناخشىنى ئېيتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇنى سېتىۋېلىپ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغات سۈپىتىدە  باشقىلاردىن ئەۋەتىپ بېرىپتۇ.ئانىسىنڭ تۇغۇلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئۇ ئانىسىغا تېلفۇن قىپتۇ:

-ئانا،مەن ئەۋەتكەن قۇش قانداقراقكەن؟

ئانىسى ناھايىتى خوشال تەلەپپۇزدا:

_ھە،ئۇ قۇشما؟رەھمەت ئوغلۇم،بەك يېيىشلىككەن.




دادىسى:

-ئوغلۇم،ئىمتىھاندا ھىساپلاشتىن قانچىنى خاتا ئىشلەپسەن؟

ئوغلى:

_ئاران بىرنى،.

دادىسى:

_ھە،ناھايىتى ياخشى،جەمىئىي قانچە ھېساپلاش سوئالى بار ئىكەن؟

ئوغلى:

-12

دادىسى:

_يارايسەن ئوغلۇم،ئۇنداقتا قالغانلىرىنىڭ ھەممىنى توغرا ئىشلەپسەندە؟

ئوغلى:

_ياق دادا،قالغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قانداق ھىساپلاشنى بىلمەيدىكەنمەن.




بىر بېزەڭرەك يىگىت چاچ-ساقال ۋە تىرنىقىنى ياساتقىلى كىرىپ تىرنىقىنى ياساۋاتقان قىزغا قالايمىقان چاقچاق قىلىشقا باشلاپتۇ:

_مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،سىزنى ئالايمىكىن دەيمەن.

قىز:

_بولماسمىكىن،مەن توي قىلىپ بولغان.

يىگىت:

_يولدىشىڭىزغا مەن سەن بىلەن ئاجرىشىمەن دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟

قىز تەنە قىلىپ:

_ئۇنداقتا،سىز مەن ئۈچۈن يولدۇشۇمدىن سوراپ بېقىڭە؟

يىگىت:

_يولدۇشىڭىز قېنى؟

قىز:

_سىزنىڭ چېچىڭىزنى ياساۋاتىدۇ.



بىر ياشانغان كىشى دوختۇرغا دەپتۇ:

-دوختۇر،ئوڭ پۇتۇم ئاغرىپ توختىمايۋاتىدۇ.

دوختۇر:

-ھېچقىسى يوق،بۇ ياشانغانلىقنىڭ ئالامىتى.

ياشانغان كىشى:

-يالغان!ئەمىسە سول پۇتۇم ئاغرىمايدىغۇ؟




قىزى:

-دادا،تۈنۈگۈن چىشىم ئاغرىپ كەتكەنىدى، ئاپام مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.

دادىسى:

-ئەمىسە،چىشىڭىز ھازىر يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟

قىزى:

_مەن نەدىن بىلەي،چىشىم دوختۇرخانىدا قالغان تۇرسا!




ئا كىشى:

_ئىتىڭىز پۇتۇمنى چىشلىۋالغانلىقى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشىڭىز كېرەك!

ئىتنىڭ ئىگىسى:

_مۇنداق قىلايلى،ئىتىمىنى سىزگە باغلاپ تۇتۇپ بېرەي،پۇتىنى خالىغانچە چىشلىۋېلىڭ!




سوتچى:

_ھەمياننى تېپىۋالغان كۈنى نىمىشقا ساقچى ئىدارىسىغا  ئاپىرىپ بەرمىدىڭ؟

جاۋاپكار:

_ئۇ كۈنى بارسام بىرمۇ ساقچى يوق تۇرسا!

سوتچى:

_ئەتىسى يەنە بارساڭ بولمامدۇ؟!

جاۋاپكار:

_ئەتىسى ھەمياندا بىر پۇڭمۇ قالمىغان تۇرسا!




ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

441

تېما

71

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5907 سەر
تىللا
3175 دانە
تۆھپە
9079 سەر
شۆھرەت
4234 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 12:43:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن. ئارام كۈنلەردە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

30

تېما

6

دوست

2755

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
716 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
480 سەر
شۆھرەت
412 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 21:12:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت يۇمۇرلاركەن. تورداشلارغا شاتلىق ئاتا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

23

تېما

3

دوست

797

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
151 سەر
تىللا
42 دانە
تۆھپە
149 سەر
شۆھرەت
197 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكىلىك يۇمۇرلار ئىكەن، رەھمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 17:26, Processed in 0.476735 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش