كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 4

كومپيۇتېرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چېڭخۇا توڭفاڭ (清华同方) كومپيۇتېرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنى تەڭشەش ئۇسوللىرى
ۋىلايىتىمىزدە يېزا زامانىۋى يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، ۋىلايىتىمىز دائىرسى ئىچىدە بارلىق يېزا –بازارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە دىگۈدەك يېزا زامانىۋى يېراق مۇساپىلىق مائارىپ ئۈسكۈنىلىرى سەپلەپ بىرىلدى . لېكىن زور كۆپ قىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشى ، ماتىريال مەنبەسىنىڭ تۇلۇق بولماسلىقى ، ھەرقايسى ناھىيە ، يېزا –بازارلاردا كومپيۇتېر تېخنىكا سەۋىيسى يۇقىرى بولغان ئېختىساس ئىگىلىرىنىڭ ناھايىتى كەمچىل بۇلۇشى سەۋەپلىك يېزا زامانىۋى يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تۈر قۇرۇلۇشى ھەقىقى ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ . تۈۋەندە مەن كەڭ ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ياردىمى بۇلار دىگەن نىيەتتە 2-خىل شەكىلدىكى (ئاساسلىقى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە سەپلەپ بىرىلگەن سۈنئى ھەمرا IPسانلىق مەلۇمات قۇبۇللاش كومپيۇتىرى清华同方超越E306A) ۋە 3-خىل شەكىلدىكى (ئاساسلىقى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە سەپلەپ بىرىلگەن كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇش سىنىپى كومپيۇتىرى清华同方超越E306B) مەكتەپلەرگە سەپلەپ بىرىلگەن چېڭخۇا توڭفاڭ(清华同方) كومپيۇتىرىغا سانلىق مەلۇمات ۋە سېستىما بىخەتەرلىكى ، ئىشلىتىش ۋە ئاسراشقا قۇلايلىق بۇلۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئاساسى توك يول تاختىسىغا توپلاشتۇرۋېتىلگەن سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنى ئورنىتىش(قاچىلاش) ، مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلىرىنى تەڭشەش ، ئىشلىتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىش (ئۈچۈرۋېتىش)توغرىسىدا توختىلىپ ئۈتىمەن .
1. سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنى ئورنىتىش(قاچىلاش) ۋە تەڭشەش
1) سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنى ئورنىتىش (قاچىلاش)
مەكتەپلەرگە سەپلەپ بىرىلگەن چېڭخۇا توڭفاڭ(清华同方) كومپيۇتېرى مەكتەپلەرگە بىرىلگەن ۋاقىتتىلا زاۋۇت تەرىپىدىن سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرى قاچىلىنىپ ، مۇناسىپ تەڭشەپ قۇيۇلغان ھالەتتە بۇلىدۇ . شۇنداقلا مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارمۇ ئۆلچەملىك قاچىلىنىپ ئېچېپلا ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ھالەتتە تەڭشەپ قۇيۇلغان بۇلىدۇ . لېكىن كومپيۇتېرغا يىڭىدىن قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن ياكى ئالماشتۇرۇلغان ، ۋىرۇس ياكى باشقا سەۋەپتىن قاتتىق دىسكىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار يۇقاپ كەتكەن ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ناتوغرا مەشخۇلاتى سەۋەبىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرى ئۈچۈرۋېتېلگەن ، ياكى مەلۇم ئىھتىياج تۈپەيلى كومپيۇتېر سېستىمىلىرىنى ئۈچۈرۋېتېپ قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرىنى ئۈچۈرۋېتېپ قايتا قاچىلاش زۈرۈريىتى تۇغۇلغان ئەھۋالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرىنى قايتىدىن قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كىيىن قاچىلاشقا تەييارلىق قىلىش كۆزنىكى ئېچېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا توڭفاڭ يىجىياۋ (同方易教) دەپ خەت يېزېلغان ئوپتىك دىسكىنىDVDئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلېپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسىمىز . ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ چىرىقى بىردەم يېنېپ دىسكىنى ئۇقۇش تاماملانغاندىن كىيىن تۈۋەندىكى رەسىمدە (3-رەسىم ) كۆرسىتىلگىنىدەك قاچىلاش شەكلىنى تاللاش دىيالوگ كۆزنىكى ئېچېلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىن بىز ئاددى شەكىلدە قاچىلاش(简易安装) دىگەن تۈرنى تاللىساق بۇلىدۇ . ناۋادا ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئاددى شەكىلدە قاچىلاش(简易安装) ئۇڭۇشلۇق بولمىسا ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ يۇقاردا دەپ ئۆتكەن مەشخۇلات تەرتىۋى بۇيىچە نۆۋەتتىكى قاچىلاش شەكلى ئىچىدىن ئىشلەتكۈچى ئۈزى بىكىتىپ قاچىلاش(自定义安装) تۈرىنى تاللىساق بۇلىدۇ . بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۈتۈش كىرەككى ئىشلەتكۈچى ئۈزى بىكىتىپ قاچىلاش(自定义安装) شەكلىدە قاچىلىغاندا قاچىلاش پروگراممىسى قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن رايۇنغا بۈلۈش مەشخۇلاتى ئېلېپ بارىدۇ ، نەتىجىدە قاتتىق دىسكىدا ساقلىنىۋاتقان بارلىق ئۇچۇرلار يۇقىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتكۈچى ئۈزى بىكىتىپ قاچىلاش(自定义安装) شەكلىدە قاچىلاشتىن ئىلگىرى قاتتىق دىسكىدا ساقلىنىۋاتقان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى بىر نۇسخا زاپاسلىۋېلېش كىرەك. پروگرامما قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، قاچىلاشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىغى توغرىلىق كۆرسەتمە ئۇچۇر چىقىرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسىساق كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىدۇ .
2) سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنى تەڭشەش كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ مەشخۇلات سېستىمىسنى تاللاپ قوزغىتىش(选择操作系统) كۆزنىكى كۈرۈنگەندىن كىيىن F10 كۇنۇپكىسىنى باسساق مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا بىۋاستە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسىساق سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامىتېرلىرىنى بەلگىلەيدىغان كۆزنەك ئېچېلىدۇ .
(1) . پارول (مەخپى نۇمۇر) بەلگىلەش(密码设定) – بۇ تۈردىن پايدىلىنىپ ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن پارول بىكىتسەك بۇلىدۇ .
(2) پارامېتىر بەلگىلەش(参数设定) – بۇ تۈردىن پايدىلنىپ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ ھەرخىل پارامىتىرلىرىنى بەلگۈلەشكە بۇلىدۇ . (ئەسكەرتىش :ئەگەر ھەرخىل پارامېتىرلارنىڭ تەپسىلى ئىقتىدارىنى پىششىق بىلمىسىڭىز بۇ تۈرنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولمايدۇ ، ناۋادا پىششىق چۈشەنسىڭىز ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئۆزگەرتسىڭىز بۇلىدۇ)
(3) رايۇنغا بۈلۈش ئۇچۇرلىرى (参数设定 ) – بۇ تۈردىن پايدىلىنىپ قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايۇنلارغا بۈلۈشكە ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەكلىنى تاللاشقا ، لوگىكىلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ خاراكتىرىنى تاللاشقا بۇلىدۇ . تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك (5-رەسىم)
رايۇنغا بۈلۈپ بولغاندىن كىيىن بىرىنجى رايۇنغا (Cدىسكىغا ) مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە ئىھتىياجغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ . بۇۋاقىتتا بىرىنجى رايۇننىڭ (Cدىسكىنىڭ) ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەكلى (复原方式) نى ئىناۋەتسىز (不使用) دىگەن شەكىلگە تەڭشەپ قويۇپ تۇرۇپ ، مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە ئىھتىياجلىق مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاپ بولغاندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەكلى (复原方式) نى ھەر قېتېمدا ئاپتوماتىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش (每次自动复原) شەكلىگە ئەكىلىپ قويساق بۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق دىسكىنى رايۇنلارغا بۆلگەندە دىسكىنىڭ خاراكتىرىنى تاللاشقىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك . ئادەتتە مەشخۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان دىسكىنىڭ خاراكىتىرى A خاراكتىردە ، باشقا لوگىكىلىق دىسكىلارنىڭ خاراكتىرى S خاراكتىرىدە بولسا بۇلىدۇ . دىسكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خاراكتىرلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى نۆۋەتتىكى كۆزنەكتە ئىنىق ئەسكەرتىلگەن . دىسكا خاراكتىرىنى تاللىغاندا شۇلاردىن پايدىلانساق بۇلىدۇ . يۇقارقى مەشخۇلاتلار تاماملانغاندىن كىيىن Esc كۇنۇپكىسىنى باسساق كومپيۇتېر نۆۋەتتىكى ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلامسىز دىگەن مەزمۇندا ئۇچۇر چىقىرىدۇ ، ناۋادا مەشخۇلاتىمىزدا ھېچقانداق خاتالىق بولمىسا شۇنداق دىگەن تۈرنى تاللاپ چىكىنىپ چىقىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق بۇلىدۇ .
2. سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ پروگراممىلىرىنى ئۈچۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش (ئۈچۈرۈش)
1) سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ پروگراممىلىرىنى ئۈچۈرۈش
كومپيۇتېر قوزغىلىپ مەشخۇلات سېستىمىسنى تاللاپ قوزغىتىش(选择操作系统) كۆزنىكى كۈرۈنگەندىن كىيىن F10 كۇنۇپكىسىنى باسساق مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا بىۋاستە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسىساق سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامىتېرلىرىنى بەلگىلەيدىغان كۆزنەك ئېچېلىدۇ . تاللاش تۈرلىرى ئىچىدىن سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ پروگراممىلىرىنى ئۈچۈرۈش(移除) تۈرىنى تاللىساق سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلىرى ئۈچۈرلۈپ ، ئۈچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۈچۈرۈشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقى توغرىسىدا كۆرسەتمە ئۇچۇر چىقىدۇ .
سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلىرى ئۈچۈرۋېتېلگەندىن كىيىن كومپيۇتېر ھەر قېتېم قوزغالغاندا سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ پروگراممىلىرىنى قاچىلاش توغرىلىق كۆرسەتمە ئۇچۇر چىقىرىدۇ . بۇ ۋاقتتا قايتا قاچىلاش زۈرۈرىيىتى بولسا يۇقاردا دەپ ئۆتكەن قەدەم باسقۇچلار بۇيىچە قايتا قاچىلىساق بۇلىدۇ ، بولمىسا بىۋاستە Esc كۇنۇپكىسىنى باسساق كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىدۇ .
2) سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلىرى ئۈچۈرۋېتېلگەندىن كىيىنمۇ كومپيۇتېر ھەر قېتېم قوزغالغاندا سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنىڭ پروگراممىلىرىنى قاچىلاش توغرىلىق كۆرسەتمە ئۇچۇر چىقىرىدۇ . بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ . بۇنى تۈۋەندىكى مەشخۇلاتلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بۇلىدۇ .
(1) كومپيۇتېر قوزغىلىپ ئىكراندا "شىنىجاڭ يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرى زامانىۋى يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تۈر قۇرۇلۇشى(新疆农村中小学现代远程教育项目工程)" دىگەن خەت كۈرۈنگەندىن كىيىن DEL كۇنۇپكىسىنى باسىمىز ، بۇ ۋاقتتا كومپيۇتېر BIOS تەڭشەش ھالىتىگە كىرىپ ، پارول كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . مەكتەپلەرگە سەپلەپ بىرىلگەن چېڭخۇا توڭفاڭ(清华同方) كومپيۇتىرىنىڭ زاۋۇت تەرىپىدىن بىر تۇتاش بىكىتىپ قۇيۇلغان پارولى " thtfpc " بۇلۇپ ، بۇ پارولنى ئۈچۈرۋەتكىلى ياكى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ .
(2) پارولنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېر BIOS غا نىسبەتەن ھەرخىل بەلگۈلەش ، تەڭشەشلەرنى ئېلېپ بارغىلى بۇلىدۇ . تۈرلەر ئىچىدىن 3-تۈرى Integrated Peripherals دىگەن تۈرنى تاللاپ ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسىساق بۇ چوڭ تۈر ئىچىدىكى بالا تۈرلەر ئېچىلىدۇ . بالا تۈرلەر ئىچىدىن تۈۋەندىكى رەسىمدە(8-رەسىم) كۆرسىتىلگىنىدەك 4- تۈر Onboard Lan Boot Rom دىگەن تۈرنىڭ قىممىتىنى ئەسلىدىكى “Enabled” دىن “Disabled”قا ئۆزگەرتىمىز
يۇقارقى مەشخۇلات تاماملانغاندىن كىيىن Esc كۇنۇپكىسىنى بېسېپ ئاساسى تىزىملىككە قايتىپ ، F10 كۇنۇپكىسىنى بېسېپ يۇقارقى ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلاپ ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كارتىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەقسىتىگە يىتىمىز . بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى ناۋادا بىز يۇقادا تىلغا ئېلېپ ئۆتكەن BIOS تۈرلىرىدىن باشقا، باشقا تاللاش تۈرلىرىگە نىسبەتەن پىششىق بولمىساق ئەڭ ياخشىسى باشقا تۈرلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتشكە بولمايدۇ . بولمىسا يىنىك بولغاندا كومپيۇتېر نورمال خىزمەت قىلالمايدىغان بۇلۇپ قېلېشى ، ئېغېر بولغاندا ھەتتا قوزغالماسلىقى مۇمكىن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +4تۆھپە +3شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 4 + 3 + 2ياخشى بىلىمكەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-15 21:58:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن.رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-3-29 19:02:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ياخشى يېزىپسىز، مەن دەل مۇشۇ بېلىملەرگە ئىھتىياجلىق ئىدىم. ئوقۇپ خېلى بىلىمگە ئىگە بولدۇم. جاپا چىكىپسىز.
ۋاقتى: 2014-3-29 19:05:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم يوققۇ، بولسا خاپا بولماي رەسىمنىمۇ قايتىدىن قۇشۇپ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز،
ۋاقتى: 2014-3-29 19:33:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقارقى تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە باردى، تەلىم بەرسىڭىز.
مەكتەپ كومپىيۇتىرخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار كومپىيۇتىرىدىن (教师机)مەسىلە چىقىپ قۇزغالماي تۇرىۋېلىپتى، ۋىنچى نىڭ ئوپتىك دىسكىسىنى تىپىپ كىلىپ قايتىدىن قاچىلىۋاتقان نورمال قاچىلاندى. لىكىن ئوقۇتقۇچىلار كومپىيۇتىرىنى كونتىرول قىلىدىغان (同方多媒体电子教室(豪华版)يومشاق دېتال قاچىلىيالمىدىم. يەنى توردىن بۇ سېستىمىنى تاپالمىدىم. كومپىيۇتىرنى بۇلتۇر قۇراشتۇرۇپ بەرگەن بۇلۇپ، ئۇ چاغدا پەقەت 同方易教دىگەن ئوپتىك دىسكىنى بىرىپتىكەن، ئۇنى قاچىلاي دىسەم 未找到同方易教平台硬件信息دىگەن ئۇچۇر چېقىۋېلىپ قاچىلىيالمىدىم، ئوقۇغۇچىلار كومپىيۇتىرنى زاپاسلاپ ئاندىن قاچىلىۋالاي دىسەم. ئۇقۇغۇچىلار كومپىيۇتىرىدا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ يوق ئىكەن، GHOST安装器 ئارقىلىق گوسلاپ ئاندىن ئۇنى ئوقۇتقۇچى كومپىيۇتىرىغا قاچىلاي دىسەم. گوسلاش ئۈچۈن كومپىيۇتىر قايتا قوزغالمىسا بولمايدىكەن، قايتا قوزغالسا كومپىيۇتىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېستىمىسى بولغاندىكىن گوسلىيالمىدىم، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېستىمىسىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلمەيمەن. يۇپەن ئارقىلىقمۇ گوسلىيالمىدىم.
مەخسەتكە كەلسەك، ناۋادا مەن باشقا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى كومپىيۇتىرىنىڭ س پەننى گوسلاپ ئەكىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھېلىقى ئوقۇتقۇچى كومپىيۇتىرىغا گوس ھۆججىتىنى يەشسەم كومپىيۇتىر ئوڭشىلامۇ، شۇنى سىزدىن سورىماقچى ئىدىم مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش