جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار بىلەن چەتئەللىك ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرقى
 بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «بۈگۈن ئۈگىنىشىڭ قانداقراق بولدى؟ ئىمتاھاندا نەچچە نۇمۇر ئالدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «بۈگۈن مەكتەپتە خوشال ئوقۇدۇڭمۇ؟ ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئوبدان ئۆتتۈڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
ئۆيدە بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ گېپى بولغاندا- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «ئۇنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى قانداقراق؟» دەپ سورايدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «ئۇ قانداقراق بالا؟» دەپ سورايدۇ.
بالىلار ئۆيدە بىكار ئولتۇرغاندا- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «قوزام، ئۆيدە ئولتۇرغىن، تالاغا چىقىپ كەتمىگىن، ھازىر جەمىيەت بەك قالايمىقان» دەيدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «بالام، نىمە دەپ تالاغا چىقىپ ئوينىمايسەن؟ سىرتقا چىقىپ دوستلىرىڭ بىلەن ئوينىغىن، سىرتقى دۇنيا نىمە دىگەن گۈزەل-ھە!» دەيدۇ.
ئىككى بالا ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئارىدىن بىرسىنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆرۈپ قالسا- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىنى بىر ياققا تارتىپ، يەنە بىر بالىغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «نىمانداق تەربىيە كۆرمىگەن نىمە سەن؟ نىمە دەپ بالامنى ئۇرىسەن؟» دەپ ۋارقىرايدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «بالىلىرىم، ئاراڭلاردا ھەل قىلغىلى بولمىغۇدەك نىمە ئىش يۈز بەردى؟ نىمە دەپ ئۇرۇشۇپ يۈرۈيسىلەر؟» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.
بالىلار ئاتا-ئانىسىغا بىرەر نەرسە ئالغۇزماقچى بولغاندا- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «ئۇ نەرسە قىممەت ئەمەستۇ؟» دەپ سورايدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «سەن ئۇ نەرسىگە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
بالىلار بىرەر ئىش ھەققىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «ئۇنداق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ زېھنىڭنى چېچىپ يۈرمەي، ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ! سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئىمتاھاندا ياخشى نۇمۇر ئېلىش!» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «بۇ ئوبدان ئىشكەنغۇ! قېنى سىناپ باققىن، ساڭا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!» دەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ.
بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىپ مەغلۇپ بولغاندا- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «ساڭا باشتىلا بۇنداق ئىشلارغا زېھنىڭنى چاچما، ئۈگىنىشىڭنى ئوبدان قىل دىمىگەنمىدىم؟ ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتامسەن؟» دەپ تاپا-تەنە قىلىدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «قوزام، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇۋاتىدۇ، كېيىنكى قېتىم چوقۇم ياخشى قىلىپ كېتەلەيسەن. ھەممە ئىشتا باشتىلا مۇۋھپىقىيەت قازىنىپ كېتىدىغان ئىش يوق، بەك ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمە» دەپ تەسەللى بېرىدۇ.
بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندا- جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار: «بەك خوش بۇلۇپ كەتمە، بۇ نەرسىلەر كارغا كەلمەيدۇ. يەنىلا ياخشى ئوقۇپ، داڭلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ» دەپ دوق قىلىدۇ. چەتئەللىك ئاتا-ئانىلار: «بالام، مۇبارەك بولسۇن! سەن نىمە دىگەن قالتىس-ھە! مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن!» دەيدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى»
|