بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 21:21
ئۈمۈدسىزلىك ئىككى ئادەم چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتىن ئۈتۈپ كېتىۋېتىپ ، ئارىدىن بىرى ھالسىزلىنىپ ماڭالماي قاپتۇ . ئۇسسۇزلىقتىن چاڭقاپ كەتكەن يەنە بىر ھەمراھى ئۇنىڭغا : -سەن بۇ يەردە ساقلاپ تۇر ، مەن سۇ ئىزدەپ باقاي ،- دەپتۇ ۋە تاپامچىسىنى ھەمراھىغا تۇتقۇزۇپ ، جېكىلەپتۇ: -تاپانچىدا بەش پايلا ئوق بار . ئېسىڭدە بولسۇن ئۈچ سائەتتىن كېيىن ھەر سائەتتە بىر پايدىن ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقارغىن ، مەن ئوق ئاۋازىغا ئاساسەن تەرەپنى توغرا پەرق ئېتىپ سېنى تاپالايمەن . ئىككەيلەن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەمراھى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سۇ ئىزدەپ كېتىپتۇ يەنە بىرى ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا قۇملۇقتا ساقلاپ تۇرۇپتۇ .ئۇ سائىتىگە قاراپ تۇرۇپ دەل ۋاقتىدا ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ . ئەمما ئۇ ھامراھىنىڭ تاپانچا ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشىغا ھەمدە سۇ تېپىپ كېلىشىگە زادىلا ئىشەنچ قىلالماپتۇ .ئويلىغانسېرى ئۇنى سۇر بېسىپتۇ .ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى ئاتىدىغان چاغدا ئۇ ناھايىتى ئىككىلىنىپتۇ . “بۇ دىگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوق ، بۇ ئوقنى ئاتقان تەغدىردىمۇ ھەمراھىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ .ئەڭ ياخشىسى بۇ ئوقنى ئاسمانغا ئېتىپ زايە قىلغاندىن كۆرە ، ئۆزۈمنى ئېتىۋېلىپلا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ ؟ “ ئۇ شۇ خىياللار بىلەن تاپنچىنى ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە توغۇرلاپ تەپكىنى بېسىپتۇ . ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا لىققىدە بىر كومزەك سۇ كۆتىرۋالغان ھەمراھى بىر تۆگە كارۋىنىنى باشلاپ يىتىپ كەپتۇ .ئەمما ئۇلار قان ئىچىدە ياتقان بىر جەسەتنىلا كۆرۈپتۇ . مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى |