baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 16

سۈرەتلىك خەۋەر: ساخاۋەتلىك قوللار بەرىكەت تاپسۇن!

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۈرەتلىك خەۋەر


رۇزىمۇھەممەت تۇردى خەۋىرى،فوتوسى:
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەير- ساخاۋەتچىلەر باش جەمىئىيتى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتلىك ئاتىلار جەمىئىيتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتلىك ئاتىلار جەمىئىيتىدىن رەيھان قاسىم خانىم قاتارلىق ۋەكىل خاراكتىرلىك 40 تىن ئارتۇق مېھرىبان ئانىلار يوپۇغا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بۇ مەكتەپتىكى 40 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى، يوپۇغا ناھىيە يوپۇغا يېزا تېگىن كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بۇ مەكتەپتىكى 55 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى، يوپۇغا ناھىيەلىك يېتىم بالىلار پاراۋانلىق مەكتىپىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە يوپۇغا يېزا تېگىن كەنتىدىكى 25 ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى مېھرىبان ئانىلار ،ساخاۋەتلىك ئاتىلارنىڭ نەخ پۇل ۋە كىيىم- كېچەك قاتارلىق يارىدىمىگە ئېرىشتى.

5.jpg
سۈرەتتە: رەيھان قاسىم ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يارىدەم پۇلى ۋە كىيىم -كىچەك بەرمەكتە.



رەيھان قاسىم قاتارلىق ئاپىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى يىتىم-يىسىر باللارنى يوقلىدى .



مىھرىبان ئانىلار يۇپۇرغا تىگىن باشلانغۇچ مەكتەپتە بالىلار بىلەن بىللە.



ئاپتۇر بىلەن بىللە.


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-6-18 19:56:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇلۇپتۇ. مۇشۇنداق مېھرىبان ئانىلارنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. بايقاش ئەپەندىمنىڭ خەۋەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-6-18 20:12:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەير- ساخاۋەتچىلەر باش جەمىئىيتى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتلىك ئاتىلار جەمىئىيتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتلىك ئاتىلار جەمىئىيتىگە كوپ تەشەككۇر،مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائاليەتلەرنى كوپرەك ئۇرۇنلاشتۇرۇشىڭلارنى ئۇمۇت قىلمەن.
ۋاقتى: 2013-6-18 20:25:08يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارقاتقىنى ھالالدىن بولغان بولسا بىرىنى ئون قىلىپ بىرە خۇدايىم
来自: Android客户端
ۋاقتى: 2013-6-18 20:31:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائاليەتلەرنى كوپرەك ئۇرۇنلاشتۇرۇلسىكەن  دەيمەن ، پالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلارغا كۆپتىن -كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن .
ۋاقتى: 2013-6-18 20:56:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ،ئەھمىيەتلىك پائاليەت بوپتۇ
ۋاقتى: 2013-6-18 23:05:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبان ئانىلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئىشلىرنىڭ مەڭگۈ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-6-20 09:08:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇپتۇ . مەن ئويلايمەن بىز مائارىپچىلارمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئاسپىرانىتلىقتا . ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇ قېرىنداشلارغا ئۇقۇش پۇلى ياردەم قىلىشىن ئويلاۋاتىمەن . بىراق يىتەكلەيدىغان ئادەم يۇققۇ .

باھا سۆز

ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز!  ۋاقتى: 2013-6-20 14:05
ۋاقتى: 2013-6-25 23:07:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمىھرىبان ئانىلار بىزنىڭ قىتىمىزدىن چىققان پەرىشتە مەن مۇشۇنداق پەرىشتىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلىمەن .ئەلۋەتتە.
ۋاقتى: 2013-6-27 20:53:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ !بۇتۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكەن .مۇشۇنداق مىھرىبانلار كۆپلەپ چىقىپ تۇرسا نىمەدىگەن ياخشى ھە !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 16:31, Processed in 0.963590 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش