بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئىشلار
 1. سۆيگۈ كەمچىل بولۇش: نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە ئاتا–ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئاسراشقا ئېرىشەلمەسلىك. 2. پوزېتسىيە بىردەك بولماسلىق: ئاتا–ئانىلارنىڭ بالىلارغا تۇتقان پوزېتسىيەسى بىردەك بولماسلىق. 3. بالىلار ھوقۇقىنى كۆككە كۆتۈرۈۋېتىش: بالىلارنى «كىچىك پادىشاھ» دەپ قاراپ خالىغاننى قىلىشىغا يول قويۇش. 4. دائىم جازالاش: كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ بالىلارغا تەن جازاسى ۋە پىسخىكا جازاسى بېرىش. 5. ناچار كەيپىيات: ئاتا–ئانىلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقى بالىلاردا ناچار ئادەت ۋە پىسخىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 6. زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇش: بالىلارنى ئۇنى–بۇنى ئۆگىنىشكە زورلاش. 7. قالايمىقان ياساندۇرۇش: بالىلارنى يېشىغا، جىنسىغا ۋە ئىقتىدارىغا ماس كەلمىگەن ھالدا رەڭگارەڭ ياساندۇرۇش ۋە پەرداز قىلدۇرۇش. 8. جىم ئولتۇرۇشنىلا تەلەپ قىلىش: بالىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تەلىپىنى كونترول قىلىۋېلىپ، مىدىرلىماي ئولتۇرۇشنىلا تەلەپ قىلىش. 9. يالغان سۆزلەش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق: دائىم بالىلارنى ئالداپ يالغان سۆزلەش، ئۆز گېپىگە ئەمەل قىلماسلىق. 10. بالىنى ئۆزئارا ئىتتىرىش: بالىلارنى دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقىلا زورلاش ياكى بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلماسلىق.
مەنبە: «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى |