مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 22 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 23 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 22 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 22 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 27 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 112|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6161 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9296 سەر
شۆھرەت
4513 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 01:21:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى

ahtam omar.png

ئەختەم ئۆمەر



ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ، بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە، ئۇستاز ھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار تۇغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن، قىتئە، قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى- ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەردىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يېتىشتى. ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن. قىسقىسى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز. بىزدىن پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، داھىي ئەڭ ئاز چىقتى. قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بىزدە بۇنداق ئىنسانلار تۇغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنى، بىزدەكلەرنى مىليونلاپ تۇغدى. ھاراقكەش، بەڭگى، بىكارچى، لاپچى، يېتىمچى، غەيۋەتخور، قەلەندەر، قىمارۋاز، ساراڭ، غالچا، خۇمسى، چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ئىلگىرى باسماس تىجارەتچى، ياللانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەممال دېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسۇللۇق تۇغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دېسەك، بۇ ئۆي بۇنداقلار بىلەن لىق قاپلاندى.
ئۇيغۇر ئانىلار ئەسكەر، قوماندان، ئالىم، دانىشمەن، داھىي، پەيلاسوپ دېگەنلەرنى بېخىللىق بىلەن ناھايىتى ئاز تۇغدى. پەيغەمبەر، ئەۋلىيا تۇغمىغىلى قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بۇنى ھېسابلاش تەس. بۇيەردە ئۇرۇق ياخشى بولۇپ يەر ناچار بولسىمۇ، بىز بولۇپ تۇغۇلدۇق. يەر ياخشى بولۇپ ئۇرۇق پۈچەك بولسىمۇ، يەنە شۇ بىز بولۇپ تۇغۇلدۇق. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، يەرمۇ ناچار، ئۇرۇقمۇ پۈچەك بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش سۈپەتسىز، ئەخلەتسىمان ئادەملەر تۇغۇلۇپ، خارۇ-زارلىق ئىچىدە ئەخلەتتەك دەسسىلىپ يۈرۈپتىمىز.
دادىمىز ھاراقكەشلىك، بەڭگىلىك بىلەن، ئانىمىز غەيۋەت ھەم ئۆزىنى ياساش بىلەن بىزلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈۋېدى، بىز خۇددى شۇلار بولۇپ يېتىلدۇق. بالىلىرىمىزنىمۇ شۇنداق تەربىيە بىلەن يېتىلدۈرۈۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنىڭمۇ بالىلىرىنى شۇنداق يېتىلدۈرىدىغانلىقىدا گەپ يوق. مانا بۇ يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇشى، بىز ئېشەك مىنسەكمۇ، ئايروپىلاندا ئۇچساقمۇ، سۈپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. كىيىم  ئۆزگەرگەن بىلەن، كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىدى. تەكلىماكاندا ياشىساقمۇ، ئامېرىكىدا ياشىساقمۇ، بەيتۇل ھەرەمدە ياشىساقمۇ، قاۋاقخانىدا ياشىساقمۇ، يەنىلا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى بىز. يەنىلا ئوخشاش بايا سانىغان كەسىپ بىلەن، تەقدىر بىلەن ياشىدۇق. بىز ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرلەردىمۇ ياخشى بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قىلىپ تۇغالىساق، قۇرالىساق دېگەننى ئويلىمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قۇرالىساق، دۇنيانىڭ ياخشى يېرىدە ياشىساق تېخىمۇ ياخشى بولىمىز. ئەڭ ناچار يېرىدە ياشىساقمۇ، شۇ ياشىغان يەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز، قۇرالايمىز، ياخشىلىيالايمىز.
كۆز ئالدىمىزدىكى بىز دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يەر قانداق يەر؟ ياخشى يەر. ئەمما ئۆزىمىز ياخشى ئادەملەر بولمىغاچقا، ياخشى ياشىيالمايۋاتىمىز، ياخشى بولغانلار ناچار يەرلەرنىمۇ ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ، ياخشىلاپ ياشاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلىك بولۇۋاتقان تۇپراقتا، يەنە بەزىلەر جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەر، ئەڭ باي ھەم مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ئارىسى ياخشى بولماي، بىرلىشەلمەي، تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدا ياشىغانلاردىن پەرقى يوق ياشاۋاتمامدۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى، مۈرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقتەك كاللىمىزنى ئۆزگەرتمەي جەننەتكە كىرسەكمۇ، جەننەتنىڭ بىز دەسسىگەن يېرىمۇ دوزاخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش نۇقتىسى بىلەن ئۆلۈپ كىرىپ كېتىدىغان نۇقتا ئارىلىقىدىكى پاجىئەيىمىز. بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش مىنۇتىدا باشلانغان خاتالىقىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە ئەڭ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلىمىز بىزنى تۇغقان ئانىلار مەسىلىسى. ئەسلى بىزنى تۇغقان، تۇغىدىغان ئانىلارنىڭ سۈپەت، ساپاسى مەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى.
ئەگەر ئۇرۇق ناچار بولۇپ يەر ياخشى بولسا، يەرنىڭ كۈچى بىلەن ناچار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ، ئەڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق قىلىپ يېتىشتۈرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇرۇق قانچە خىل، سۈپەتلىك بولسىمۇ، يەر ناچار بولسا، بۇيەردە ئۆسكەن زىرائەت شۇ بىر قېتىمدىلا سۈپەتسىزلىشىپ، ھوسۇلسىزلىشىپ تۈگىشىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سۈپەت-ساپاسىزلىقى دەل ئانىلارنىڭ سۈپەت-ساپاسىزلىقى، ئاتىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى ھۆكۈمران، ياخشى تۈۋرۈك، ياخشى پەرۋىشكار، ياخشى قوغدىغۇچى، ياخشى ئاسرىغۇچى بولالمىغانلىقىدا!
دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر، سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى ئاجايىپ سۈپەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە.
ئانا– ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىپ تاللانغان. ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەربىيىسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئانا تەربىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: يەھۇدىيلاردا بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ بارلىق تاپقان-تەرگىنى بالا تەربىيىسىگە سەرپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ تەربىيىلەيدىغىنى، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدىغىنى قىز پەرزەنتلەر. يەھۇدىيلار ئوغۇللىرىغا قارىغاندا قىزلىرىنى قاتتىق تەربىيىلەيدۇ. ئۇلار قىزلىرىنى چوقۇم ئالى مەكتەپكىچە، شارائىتى يار بەرگەنلىرى دوكتورلۇققىچە ئوقۇتىدۇ.
ئوغۇللىرىغا ئاساسلىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە، سودا-ھۈنەر ۋە سانائەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىدۇ ھەمدە ھۈنەر، كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشقا قويىدۇ. «سىلەر نېمە ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئوقۇتۇشقا قارىغاندا قىزلىرىڭلارنى ئوقۇتۇشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىسىلەر ؟» دېگەن سوئالغا جاھاننىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇچقىقىدىكى يەھۇدىي مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ : « قىز بالا بىر مىللەتنى تۇغۇپ، ئۆستۈرۈپ، تەربىيىلەيدىغان ئانا. ئوغۇل بالا بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن تالا ئادىمى قىلىپ يارىتىلغان. ئوغۇل بالا ئائىلە ئىشلىرىدا قىز بالىنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ. مىللەتنى تۇغۇپ، ئائىلىنى توغرا تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان ئانا ساۋاتسىز، تەربىيىسىز، سۈپەتسىز بولسا، بۇ ئائىلىدىن ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى، ئىقتىدارلىق، سۈپەتلىك، ئادەم چىقمايدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مىللەتنى تۇغىدىغان قىزلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك ئانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. ئالىي تەربىيە كۆرگەن، سۈپەتلىك، ساپاسى يۇقىرى ئانىلارغا ئېرىشمىگۈچە مىللەت سۈپەتلىك تۇغۇلمايدۇ. سۈپەتلىك تەربىيىلىنىپ يېتىلىپ چىقمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىڭ سۈپىتى قانچىلىك بولسا، شۇ مىللەتنىڭ سۈپىتى شۇنچىلىك بولىدۇ.  سۈپەتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان مىللەتلەر ھەرگىزمۇ سۈپەتلىك بولالمايدۇ.»
مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاق، غۇرۇر، ۋىجدان قانۇنى. ئۇلار قىزلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ ئوقۇتۇش يولىدا ئۆلۈپ كېتىشكە رازى. ئۇلاردا ئىككى قانۇن مەڭگۈلۈك بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن. بىرى: قىزلىرىنى سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئەخلاق، ئاياللار ئەخلاقى، دۇنيا بىلىملىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى بىلىملەر بىلەن تولۇق تەربىيىلەش. يەنە بىرى: بالىنى چوقۇم ئىككى ياشقا كىرگۈچە تولۇق ئېمىتىش. يەھۇدىيلاردا بالىسىنى ئىككى ياشقىچە تولۇق ئېمىتمىگەن ئانا لەنەت-نەپرەتكە ئۇچرايدۇ، كەمسىتىلىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ، جەمئىيەت تەرىپىدىن، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئەخلاقسىز ئايال دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ.
شۇڭا ئۇلار بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكى، تولۇق ئىككى ياشقىچە ئىمىتمەسلىككى رازى ئەمەس. ئەمدى ئاشۇ يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار قانچە يۈز يىللاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنسىز سەرسان بولۇپ يۈردى. ئەمما بارغانلا يەرنىڭ ئىقتىساد، سانائەت، بازار، سىياسىي، ئىلىم-پەن، كەشپىيات ھوقۇقىنى شۇ خەقكە ياللانغان مەدىكار بولۇپ تۇرۇپمۇ قولىغا ئېلىۋالالىدى، ئىگىلىۋالالىدى. ھازىرمۇ ئىلىم-پەن شۇلارنىڭ قولىدا، دۇنيا ئىقتىسادى شۇلارنىڭ قولىدا، سانائەت، كەشپىيات، مۇزىكا، سىياسەت شۇلارنىڭ قولىدا.
دۇنيادىكى كەشپىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپى يەھۇدىي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. سانائەتنى يەھۇدىيلار شەكىللەندۈردى، دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلدى.
500 مىليونغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليون يەھۇدىيلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئادەم دېگەننىڭ ئۆزى بولماي نېمە؟....  مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيىلەنگەن يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار. ئالىي سۈپەت ئانا، ئالىي نەسەبلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر، ئالىم، ئەۋلىيا، دانىشمەنلەرنى تاللىدى. شۇڭلاشقا، يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى. مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى.
ئەمدى بىز قىزلىرىمىزنى قانچىلىك تەربىيەلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز: « قىز بالا تالاغا كېتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قارايمىز. بىز قىزلىرىمىزنى خەقكە بېرىمىزمۇ؟ بىزنىڭ خەق دېگىنىمىز كىم؟... دەل ئۆزىمىز. بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەقكە بېرىپ باقمىدۇق. يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىرىمىزنى تاماق ئېتەلىگۈدەك، ئانىسىدەك ئوسما قويالىغۇدەك، ياسىنالىغۇدەك، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق.
بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن تۇغۇلغانلار. ئۇلارنىڭ ساۋاتى بولمىسا، ھېچنېمىنى بىلمىسە، ياخشى تەربىيە كۆرمىسە، بىزدەك بالىلىرىنى نېمىسى بىلەن تەربىيىلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنى كىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ؟ دېمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋاتىمىز بولماقچى ئىدى؟... سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى ئىدى؟ ئانىمىز ساۋاتسىز، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا، يا گۆش ئەمەس، يا ماي ئەمەس، بەز بولۇپ قالمىدۇقمۇ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇغقان، بالىلىرىمىزنى تۇغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟
بىرىنچى، ئۇلار كوتۇلداپ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دېگەن ئاددىي سىزىققا كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ. ھەرقانداق ئالىم، داھىي، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆركىرەپ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى بولۇپ، توي-تۆكۈن، باردى-كەلدى، چاي، ئولتۇرۇش–قوپۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى، قىسقىسى بارلىق بۇلار-بولماس، تەتۈر چۈشەك، چىرماق ئادەتلەرنى بەس-بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن چاشقان جاننى ئالىقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان-تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇزىدۇ.
ئىككىنچى، ئاساسى بىلىمى تاپقان-تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغا كىيىم كىيىپ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن.
بىز مانا شۇلاردىن تۇغۇلۇپ تەربىيىلەنگەچكە، بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ، راست ئالىم چىقمايدۇ. غالچا چىقىدۇ، پادىشاھ چىقمايدۇ. ساتقىن-مۇناپىق جېق چىقىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ. كالۋا-ھاڭۋاقتى جىق چىقىدۇ، ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ. ھاراقكەش، بەڭگى، قىمارۋاز جېق چىقىدۇ، دىيانەتلىك، دۇرۇس، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ. ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك، كىتابقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز. مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى. بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن–قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى، تۈزۈك ئوقۇتماي، تەربىيىلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى.
خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت-ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئۆستۈرمىگۈچە، بىزنىڭ سۈپەت–ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆسمەيدۇ. چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز. بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن- قىزلار يېتىشىپ چىقىدىكەن، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىمىتسە، بىز ئاندىن ئادەم بولۇپ يېتىلىمىز. سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر تۇغۇلىدۇ.
بۈگۈنكى قەلەندەر، بەڭگى، ھاشارچى، مەدىكار، ھاراقكەش، ھارامتاماق، بىكارچى ئۇيغۇرلار شۇنى ئەستىن چىقارمايلى ھەم دىققەت قىلايلىكى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتور بولغان بارلىق ياپون خوتۇن-قىزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنلا خىزمەت ئورنىدىن چېكىنىپ، ئائىلىگە قايتىشى ئەرنىڭ ياخشى جۆرىسى بولۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى سەرخىل، سۈپەتلىك ياپون مىللىتىنى تۇغۇپ، تەربىيىلەش ئۈچۈندۇر.
ئۇلار ھەتتا ياپون مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پاكار، سۈپەتسىز ياپونلارنى تۇغۇشتىن سەرخىل، ئاقىل، كۈچلۈك، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ، ئەڭ ئېسىل ئۇرۇقلىرىنى تۇغۇشقا، تەربىيىلەشكە يۈزلىنىپ، ياۋروپا ئىرقىدىكى سۈپەتلىك ياپونلارنى تۇغدى ھەم يېتىلدۈردى. مىللەتنىڭ سۈپەت–ساپاسى ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئەخلاق ۋە غۇرۇرىنى قۇربان بېرىشكە چىداپ كەلدى. مانا بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ياپون مىللىتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئاقىلانە يوللىرىنىڭ بىرى.
بىزدىمۇ ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدىكەن بۈگۈنكىدەك بەڭگى بىلەن ھاراقكەش تۇغۇلىدىغان پاجىئە ئاخىرلىشىدۇ. ئانىلارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدىكەن بىزنىڭ مىللەتتىن مىليونلاپ ھاراقكەش قۇللار تۇيۇلىدۇكى، بىرمۇ ئاتا سۈپەت ئادەم تۇغۇلمايدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بەختىيار(بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 09:55:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن،ئانىلار ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ ۋە شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئانىسى...
بۇ گەپلەر كۆپچىلىك دوستلارنىڭ قۇلىقىغا ئانچە يات ئەمەس سۆزلەردۇر بەلكىم.شۇنداق بولغانىكەن،ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز قىز پەرزەنىتلىرىمىزگە بولغان تەلىم-تەربىيەنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.رەھمەت سىزگە،ئامان ئۇستاز!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

70

تېما

16

دوست

3537

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
914 سەر
تىللا
300 دانە
تۆھپە
655 سەر
شۆھرەت
527 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 13:33:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسان بىرادەر، ئەخلاق ساپاسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم........

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 23:35:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن يازغۇچى، سىنارىست ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ماقالىسى ئەينى ۋاقىتتا زور تەسىر قوزغىغاندى. بۇ قېتىم ئۇنى بايقاشتا كۆرۈپ خوشاللىقىمدا بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم ۋە ھەر بىر ئوقۇغاندا ئۆزگىچە زوق ۋە تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ھەق سۆز شۇكى، قىزلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە كۈچەش بىز ئاتىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق قەرزىمىز، ئەمدى ئۇنى ھەرگخزمۇ كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ. رەھمەت ئۇستاز.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:25, Processed in 0.489492 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش