ئېرىم قەدرىمنى بىلسۇن دىسىڭىز ...[/align]
ئېرىڭىزنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىش ئۆزىڭىزگە باغلىق . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەمەل قىلىڭ ..
مۇلايىم مېھرىبان ئايال بولۇڭ. مۇلايىم ، مېھرىبان ئايال ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيدۇ . ئازراق مەخپىيەتلىكىڭىز بولسۇن . ئېرىدىن بەزى ئىشلارنى مەخپى تۇتۇش يامان ئىش ئەمەس . ئازراق مەخپىيەتلىكىڭىز بولسا ، ئېرڭىزنى ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ تەلپۇندۇرەلەيسىز . نىكاھ تۇرمۇشىدا يېڭىلىق ۋە قىزىقىش كۆپ بولسا ، تۇرمۇش تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ .شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرمىگەنگە سېلىڭ ھەمدە باشقىلارغا دەپ يۇرمەڭ . بۇمۇ بىر مەخپىيەتلىك ، ئەمما مەخپىيەتلىكنى ساقلىدىم دەپ ئېرىڭىزگە زىيادە سىرلىق تۇيغۇ بېرىپ قويماڭ .
ئېرىڭىزنى تۇيۇقسىز خوشال قىلىڭ. ئەرلەر خوتۇنىنىڭ خۇش خەۋەرلىرىنى سۆيۈنۈپ ئاڭلايدۇ ، شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ ئېسىدىن چىقىپ قالغان خاتىرە كۈنلەردە ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئېتىپ بېرىڭ ھەم ئۇ ياخشى كۆرىدىغان سوۋغا بېرىپ ،ئۇنى تۇيۇقسىز خوشال قىلسىڭىز ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ .
مەنبە :« شىنجاڭ رادىئو - تېلىۋىزىيە گېزىتى » دىن ئېلىندى |