مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 3

ھېكمەتلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 19:19:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكمەتلەر

1 .بىلىشىمىز كېرەككى ،ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇلمىغان نەرسە مۇكەممەل بولالمايدۇ ۋە مۇكەممەللىكىنى يوقىتىدۇ.

2 ..سىز ياراتقۇچىنىڭ نادىر ئەسىرى.

3 ..ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

4 .مەن يېڭىلىقنى رەت قىلىدىغان ئەنئەنىدىن كۈلىمەن ،ئەنئەنىنى رەت قىلىدىغان يېڭىلىقتىن چۆچۈيمەن.

5 .ئۆز قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش.
ئەگەر بىز ‹‹ھەممىلا ئۇقۇغۇچىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يوشۇرۇن قابىلىيىتى بار››دېگەن ئىشەنچنى تۇرغۇزىدىغان بولساق ،ئۇ چاغدا،ئۇزاققا قالماي ‹‹ناچار ئوقۇغۇچى››دېگەن سۆز مائارىپ سەھنىسىدىن يوقالغان ،ھەر بىر بالا ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمىليىتى ۋە خوشاللىقى داۋامىدا بىلىم ئالغان ،تەرەققىي قىلغان بولاتتى .

7 .مائارىپ بىر ئىلىم، يەنە كېلىپ بىر سەنئەت.ئۇنى بىر ئەندىزە ئىچىدە چۈشەپ قويۇشقا بولمايدۇ.

8 .ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى تەقدىرىنى بەلگۈلەيدۇ.

9 .بىر ئادەمنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاۋۋال ئۆزىگە يېڭىلىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.

10 .دىنسىزلىق ــــ جاھاندىكى ئەڭ ئېپلاسلىقتۇر.

11 .‹‹ئېھتىياج›› ـــــ ھەم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى،ھەم جىنايەتنىڭ ئاتىسى.

12 .ھەسرەت ئۇلۇغ نەرسە.ئادىمىيلىك ئەنە شۇنىڭدىن بەركەت تاپىدۇ.

13 .ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ھەقىقەت بار ،ئۇنىڭ ئىسمى:‹‹ ئۆزۈڭنى كەچۈرمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما››.

14 .دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتشى كېرەك.

15 .ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش ـــــــ ئاقىلانە ئىنسانىي خىسلەت.

16 .ئۆزۈڭنى پۇتلىغان بىرسىنى كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىك پەزىلىتىڭگە باغلىق.

17 .ئاغرىنىش تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،پەقەت ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ .
18 ..كەڭ قورساقلىق بىر ھالقىش،ماھىيەتتە ئۆز روھىنى ئازاد قىلىش.

19.جاھىللار تەپەككۈرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى ــــ ئاقىللار تەپەككۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

20.ئەدەپ بىلەن بولمىغان ئەقىل ھاقارەتتۇر،ئەقىل بىلەن بولمىغان ئەدەپ ھالاكەتتۇر.

21 .سۈكۈت قىلىش ــــ پەزىلەتنىڭ بەلگىسى،ئەقىلنىڭ مىۋىسى،ئىلىمنىڭ بېزىكى.

22 .بىز ھەممىمىز بىرتۈپ دەرەخنىڭ شاخلىرى،بىر قوشۇننىڭ جەڭچىلىرىبىز.

23 .بۈگۈننىڭ تەدبىرى سەۋەبىدىن ئەتىنىڭ تەدبىرىگە ئېھتىياجى قالمىغان كىشى ئەقىللىقتۇر.

24 .بۈگۈننىڭ تەدبىرى سەۋەبىدىن ئەتىنىڭ تەدبىرىگە ئېھتىياجى قالمىغان كىشى ئەقىللىقتۇر.

25 .بۈگۈننىڭ تەدبىرى سەۋەبىدىن ئەتىنىڭ تەدبىرىگە ئېھتىياجى قالمىغان كىشى ئەقىللىقتۇر.

26 . كۆزدەك بىر-بىرىڭلەرگە يات بولماي،لەۋدەك مەككەم ئىناق بولۇڭلار.

27 .ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان بىۋاپا ئادەم ـــــــــ ياخشىلىقنى ئۇنتۇمايدىغان ۋاپادار ئىتتىىن پەستۇر.

28 .ياخشى ئادەم يامانلاردىنمۇ ياخشىلىقنى ئايىماس.

29 .دانا ئادەم قولىدىن كەتكەن نەرسە ھەققىدە سۆزلىمەس.

30 .ئەدەپ ئۇرۇقىنى تىككەن ئادەمنىڭ ھوسۇلى ـــــ جاۋاھىردۇر.

31 .مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ : سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ،ئامانەتكا خىيانەت قىلىدۇ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ.

32.باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەسلىكىدىن رەنجىمەي،ئۆزىنىڭ باشقىلارنى چۈشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرەش كېرەك.
33 .پەقەت ئالىيجاناب ئىنسانلا سۆيەلەيدۇ ھەم نەپرەتلىنەلەيدۇ.

34 .كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر.
35 .ياخشى ئەخلاق ـــــ جەننەتتۇر، يامان ئەخلاق ـــــ دوزاختۇر.

36 .ئىش ئەقىلنىڭ ئەلچىسى،ئەمگەك-ئۆمۇرنىڭ گۈلچىسى،

37 .كۆز كۆڭۈلگە نۇر چىراغ،قول-پۇت ئۇتۇقنىڭ يولچىسى.

38.ئەقىلنىڭ دەلىلى ـــــ پىكىر،پىكىرنىڭ دەلىلى ــــــ سۈكۈتتۇر.

39.پۈتۈن جاھاننىڭ سەلتەنىتى يەرگە تامچىغان بىر تامچە قانغا ئەرزىمەيدۇ.

40 .يېنىكلىك يادىن چىققان ئوققا ئوخشاشتۇر،سالماقلىق قېلىچقا ئوخشاشتۇر.

41 .مەن ئۆز قەدر-قىممىتىمنى تونىغانلىقىم بىلەن قىممەتلىكمەن.

42 .مىللىي تىل ـــــ شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى ۋەتىنى سۈپىتىدە مۇقەددەس.

43.ئۆز ئانا تىلغا مۇھەببەت قانچىكى كۈچلۈك بولسا ،ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگىمۇ سۆيگۈسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

44.خەلقتىن بىر قەدەم چەتنەپ تۇرۇپ ،ئادالەتتىن بىر ئېغىز سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

45.توغرا يول ھەمىشە ئۇدۇل كۆرۈنمەس.

46.تىل ئەخلاقى ماھىيەتتە قەلب ئەخلاقىدىن ئىبارەت.
47 .ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقى ،ئۇلارنىڭ تالانتلىق بولغانلىقىدا ئەمەس،بەلكى ئاڭنىڭ چەكسىز كۈچىنى ھىس قىلالىغانلىقىدا.

48 .سىزدە سۆيگۈ بولمىغان ئىكەن ،ھەقىقىي ياشىغان بولمايسىز.

49 .بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر.مۇھەببەت نەپرەتكە قارىغاندا ئاقىلانىلىكتۇر.

50 .يامانلىققا ياخشىلىق قىلالايدىغان كەڭ قورساق ئادەملەرلا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتەلەيدۇ.


مەنبە : جۇغلانمىلىرىم













ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:35:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكمەتلەر ئىكەن،رەخمەت سىزگە.

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 22:50:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ھىكمەتلەر ئىكەن.ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 00:57:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ تىللاغا بەرگۈسىز، بىر- بىرىدىن ئىسىل ھىكمەتلەركەن،  بۇ ھىكمەتلەرنى ئوقۇپ قەلب ئاسمىنىم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى. بەرىكەتلىك قەلىمىڭىزگە كاتتا ئۇتۇق تىلەيمەن!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:46, Processed in 0.424964 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش