كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 3

‹‹شەخىسلەرنىڭ ، خاسلىقنى يېزىش›› دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك دەرىس ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېزىقچىلىق:

‹‹شەخىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى كۈزىتىپ ، خاسلىقنى يېزىش›› دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك دەرىس لايىھىسىى

تەييارلىق سىناق:  .
1›. سىزنىڭچە، ئادەتتە شەخىسلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن ؟
2›. يىقىن بىر دوستىڭىزنىڭ قىياپەت ۋە مىجەز-خارەكتىر جەھەتتە قايسى خىل ئۆزگىچىلىك ۋە ئالاھىدىلىك بار دەپ قارايسىز ؟
يىڭى دەرىس تېمىسى :
يېزىقچىلىق:
شەخىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۈزىتىپ ، خاسلىقنى يېزىش
ئوقۇتۇش نىشانى :
بىلىم نىشانى : ئوقۇغۇچىلارنى شەخىسلەرنى كۈزىتىپ ، ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى كۈزىتىشنىڭ ئۈنۇملۇك ئۇسۇلى، قەدەم –باسقۇچلىرى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە قىلىش .
ئىقتىدار نىشانى : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيال توپلاپ يىزىقچىلىق قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .
ھىسيات نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا يىزىقچىلىق ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ، توختىماي تىرىشىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈىش.
مۇھىم نوقتا : ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىزېقچىلىق قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .
قىيىن نوقتا : ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ، پىرسۇناژلارنى تەسۋىرلەش قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : مەشىقلەندۈرۇش ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل      قىلنىدۇ .
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى : بىرقىسىم نادىر ئەسەرلەردىن پارچە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر  ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ  يازغان ئەسەرلىرى .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : ئۈلگە كۆرسىتىپ يىتەكلەش ۋە مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى .
ئۈگىنىش شەكلى : ئىزدىنىپ ئۈگىنىش ، كوللىكتىپ مۇلاھىزە قىلىش ، ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش شەكلى .
ئوقۇتۇش جەريانى :
يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش : ساۋاقداشلار، قايسىڭلار سىنىپ مۇدىرىڭلارنىڭ تاشقى قىياپەت جەھەتتە ، مەكتىپىمىزدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن روشەن پەرىقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ بىرەلەيسىلەر ؟
 (بىر قانچە ئوقۇغۇچى قول كۆتىرىپ جاۋاپ بىرىدۇ)
ئوقۇتقۇچى خۇلاسە : توغرا ، دۇنيادا ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى يۇپۇرماق بولمىغىنىدەك، قىياپەت جەھەتتىمۇ ئوپمۇ – ئوخشاش ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھەرقانچە ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئىنچىكە، ئەستائىدىل، تەپسىلى كۈزىتىدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ بويىنىڭ ئىگېز- پاكارلىقى، تىرىسىنىڭ رەڭگى، بەدىنىنىڭ ئورۇق- سىمىزلىگى،كىيىنىش ئادىتى، ئەزالىرىنىڭ ماسلىششى قاتارلىق تەرەپلەردە  مەلۇم جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ .
ئوقۇتقۇچى : خوش، ساۋاقداشلار، ئۇنداقتا شەخىسلەرنىڭ ئالاھدىلىگى ۋە خاسلىقى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن ؟
( ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىشىدۇ ۋە بىر قانچە ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرۈپ جاۋاپ بىرىدۇ )
ئوقۇتقۇچى خۇلاسە : يۇقارقى ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بەرگەن جاۋابى ئاساسەن توغرا بولدى . دېمەك- شەخسلەرنىڭ ئالاھىدىلىگى ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى، ھەركىتى، تىلى ( دىئالۇگى)، پىسخكىسى ( روھى ھالىتى، ئىچكى كەچۈرمىشى) قاتارلىق جەھەتلەردە پەرىقلىنىدۇ. شۇڭا بىز يىزىقچىلىققا كىرىشكەندە مۇشۇ نوقتىلارنى تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى :
ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار، تۆۋەندە بىرىلگەن پارچىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا ئەنەشۇ پىرسۇناژلارنىڭ قايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى، خاسلىقى ئىپادىلەنگەنلىكىنى قايسىڭلار ئېيتىپ بىرەلەيسىلەر؟
بىرىلگەن پارچىلار:
1. ئۇنىڭ بويى ئىككى  مىتىر  ئەتراپىدا كىلەتتى. مۈرىسى شۇ قەدەر كەڭكى،گويا تەقدىرنىڭ بارلىق ئېغىر يۈكىنى ئۈستىگە ئالماقچى بولغاندەك كۆرىنەتتى .ئۇنىڭ تەققى تۇرىقىمۇ بۇ خىل يۈكنى كۆتىرەلەيدىغاندەك ئىدى... ئۇنىڭ يالقۇندەك چاچلىرى ئەزەلدىن تارغاق كۆرمىگەندەك قىلاتتى. تىنىق كۈلرەڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنى تەپ تارتقۇزىدىغان ئۆتكۈر نۇر چىقىپ تۇراتتى. ئۇزۇن ھەم قوپال قاڭشىرى ئاستىدىكى يۇمۇلۇپ تۇرغان ئېغىزى، گەۋدىلىنىپ تۇرغان چاسا ئىڭىكى ئۇنىڭ قەتئى ئىرادىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
2. – سەن ئۆز ئاتاڭنى بۇيەردىن قوغلاشنى نىيەت قىپسەن... ئۇنىڭدىن كۆرە مېنى قەتلى قىلغىنىڭ تۈزۈك.      
  _ كەچۈرگەيسىز ئاتا، مەن ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىنى يىرالمايمەن.
  _ رەسەتخانىغا چېقىلما !
  __ سىز رەسەتخانا دەپ يۈرۈپ كۇپۇرلىققا يول ئاچتىڭىز، مەن دەھرىيلەر ماكانى بولغان ئۇ رەسەتخانىغا ئوت قويىمەن، ئوت !
__ مەن ساڭا ئېيتىپ قوياي، ئىلىم ئەھللىرى قاراڭغۇدا ئادىشىپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن يورۇق مەشئەلدۇر! مەشئەلنى ئۆچۈرمەكچى بولغان شاھ ئۆزى قاراڭغۇدا قالىدۇ.
3._ مەن بولسام بىر كومىنىسىت ، ئۆلىمدىن قورققانلار كومنىسىت ئەمەس. ئۆلتۈرەمسىلەر، چاپامسىلەر ئىختىيار ئۆزىڭلەردە،- ئۇ شۇنداق دىدى-دە بىر نەپەس ئېغىر تىنىۋىلىپ، تېخى ھېلىلا چىپىلغانلارنىڭ قېنى بىلەن قىپقىزىل بويالغان مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېغىر ھەم سالماق قەدەملەر بىلەن كېسىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل جادۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
4. ‹‹ شۇنداق بىر كاتتا مەسچىت سالدۇرايكى، بۇمەسچىتنىڭ نامى ئەل ئىچىگە تارقالسۇن، شۆھرىتى كۆككە يەتسۇن. ئاكام ھەسەن قارىم ھەيرانلىقتا ئاغىزىنى ئېچىپلا قالسۇن، مۇنۇ كونا مەسچىت بىر چەتتە بوينىنى قىسىپ قالسۇن...›› دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى ھۈسەن قارىم .
( ئوقۇغۇچىلار ئۆز- ئارا مۇنازىرلىشىپ ، قول كۆتۈرۈپ جاۋاپ بىرىدۇ)
قىياپەت (پورترېت) تەسۋىرى – ئۇ پىرسىناژلارنىڭ سىرتقى كۆرنىشى بولۇپ، كىيىم-كىچەك، چىراي- شەكىل، فىگورا قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ.
پىسخىك تەسۋىرى- بۇ پىرسىناژلارنىڭ روھى ھالىتى ۋە كۆڭىلدە ئويلىغانلىرىنى تەسۋىرلەش بولۇپ، بۇ تەسۋىرنى قوللانغاندا، پۇرسىناژلارنىڭ ئىدىيۋى- پەزىلىتىنى تىخىمۇ چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرگىلى، روھى دۇنياسىنى روشەن ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ.
تىل تەسۋىرى- ئۇ، پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ بىۋاستە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭ رولى سىيۇژىتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە پىرسۇناژلار خارەكتىرىنى روشەنلەشتۈرۈشتە ئەڭ گەۋدىلىك كۆرلىدۇ.
ھەركەت تەسۋىرى، ئۇ، پىرسۇناژلارنىڭ مىجەز ۋە خارەكتىرىنىڭ ھەركەتتىكى كونكىرىت ئىپادىلنىشى بولۇپ، ئادەتتە ئۇ، پىرسىناژلارنىڭ تىلى، قىياپىتى، پىسخىكىسى بىلەن زىچ بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ. بىز يېزىقچىلىق  قىلىش جەريانىدا مەيلى مەنزىرىنى يازغاندا بولسۇن، ياكى شەخىسلەرنى يازغاندا بولسۇن ئوخشاشلا كۈزۈتىشكە توغرا كىلىدۇ. بىز پەقەت شەخىسلەرنىڭ يۇقارقى ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلى، ئىنچىكە، ئەستائدىل كۈزۈتىدىغانلا بولساق، چوقۇم ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرەلەيمىز.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيتى : سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار شەخىسلەرنى تەسۋىرلەپ پارچە يىزىش پائالىيتى ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىلىدۇ .
تەلەپ: 1. ھەركىم ئۆز ئالدىغا سىنىپتىكى مەلۇم بىر ساۋاقدىشىنى تەسۋىرلەش ئوبىكتى قىلىپ تاللاپ ، بۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگىنى تەسۋىرلەيدۇ.(تاشقى قىياپەت ،تىلى، پىسخىكىسى ،ھەركەت ئىپادىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ).
پارچە يېزىلىپ بولغاندىن كىيىن بىر قانچە ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇپ چىقىدۇ. باشقا ساۋاقداشلار بۇ پارچىدا كىمنى تەسۋىرلەۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ .
تاپشۇرۇق :
دادىڭىز ياكى ئانىڭىزنى تەسۋىرلەپ  پارچە يىزىپ كېلىڭ .
دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش :
دوسكا لايىھىيسى.
يېزىقچىلىق:
شەخىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۈزىتىپ ، خاسلىقنى يېزىش
تەسۋىر :-
قىياپەت (پورترېت) تەسۋىرى، پىسخىك تەسۋىرى، تىل تەسۋىرى، ھەركەت تەسۋىرى..
دەرىستىن كىيىنىكى قايتا ئويلىنىش  




دەرىس تەييارلىغۇچى :-
گۇرپا باشلىقى پىكىرى:
گۇرپا باشلىقى ئىمزاسى:
2013-  يىلى  2-  ئاينىڭ    21-   كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-2-28 21:49:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تەييارلاپسىز    رەھمەت
ۋاقتى: 2013-2-28 22:47:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەييارلاپسىز.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
ۋاقتى: 2015-2-1 16:05:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ،ئەتىراپلىق تەييارلاپىز.قوللىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم!كۆپ تەشەككۈر!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش