كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 0

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى

(1994- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 10- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1994- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنىڭ 34- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن جاكارلانغان)

بىرىنچى باپ ئومۇمى پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئېلان پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلان كەسپىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش، ئىجتىمائى، ئىقتىسادى تەرتىپنى ساقلاش، ئېلاننىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگرىسى ئىچىدە ئېلان پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلار بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك.

بۇ قانۇندىكى ئېلان تىجارەتچىلەر ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەلۇم ۋاستە ياكى شەكىل ئارقىلىق ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا ئۆزى ساتماقچى بولغان تاۋار ياكى تەمىنلىمەكچى بولغان مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرىدىغان سودا ئېلانىدۇر.

بۇ قانۇندىكى ئېلان ئىگىسى تاۋار سېتىش ياكى مەلۇم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ياكى ئۆزى ئېلان لايىھىلەيدىغان، ئىشلەيدىغان، چىقىرىدىغان قانۇنى ئىگە ۋە باشقا ئىقتىسادى تەشكىلات ياكى شەخسلەردۇر.

بۇ قانۇندىكى ئېلان تىجارەتچىلىرى ھاۋالە بويىچە ئېلان لايىھىلەپ، ئىشلەپ، ۋاكالىتەن مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنى ئىگە، باشقا ئىقتىسادى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردۇر.

بۇ قانۇندىكى ئېلان چىقارغۇچى ئېلان ئىگىسى ياكى ئېلان ئىگىسى ھاۋالە قىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ئۈچۈن ئېلان قىلىپ بىرىدىغان قانۇنى ئىگە ياكى باشقا ئىقتىسادى تەشكىلاتلاردۇر.

3- ماددا ئېلان چوقۇم ھەقىقى، قانۇنلۇق بولىشى، سوتسىيالىسىتىك مەنۋى مەدەنيلىك قۇرۇلۇشنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

4- ماددا ئېلاندا ئىستىمالچىلارنى ئالدايدىغان ياكى ئۇلارنى خاتا يىتەكلەيدىغان ساختا مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك.

5- ماددا ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان چىقارغۇچى ئېلان پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئادىل، سەمىمى بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

6- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگاندۇر.

ئىككىنچى باپ ئېلان مەزمۇنى

7- ماددا ئېلان مەزمۇنى چوقۇم خەلقنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇشى، تاۋار، مۇلازىمەت سۈپتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقق- مەنپەتىنى قوغدىشى، جامائەت ئەخلاقى، كەسپى ئەخلاققا ئۇيغۇن بولىشى، دۆلەتنىڭ ئابرويى ۋە مەنپەتىنى قوغىدىشى كېرەك.

ئېلاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىكى كېرەك:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربى، دۆلەت شىئىرىنى ئىشلىتىش؛

(2) دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ نامىنى ئىشلىتىش؛

(3) دۆلەت دەرىجىلىك، ئەڭ ئالى، ئەڭ ياخشى دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش؛

(4) جەمىيەت ئامانلىقىغا، كىشىلەرنىڭ جىسمانى ۋە مال- مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئومۇمنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى ئىشلىتش؛

(5) ئىجتىمائى ئاممىۋى تەرتىپكە ۋە ياخشى ئىجتىمائى كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى ئىشلىتىش؛

(6) شەھۋانى، خۇراپى، قورقۇنچلۇق، تېرورلۇق ئارىلاشقان مەزمۇنلارنى ئىشلىتىش؛

(7) مىللەت، ئېرق، دىن، جىنسى ئايرىمىچىلىق ئارىلاشقان مەزمۇنلارنى ئىشلتىىش؛

(8) مۇھىت ۋە تەبىئى بايلىقلارنى قوغداشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئىشلىتىش؛

(9) قانۇن، مەمۇرى نىزام ۋە قائىدىلەردە چەكلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

8- ماددا ئېلاندا بالاغەتكە يەتمىگەنلەر ۋە مىيىپلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك.

9- ماددا ئېلاندا تاۋارنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتى، باھاسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقارغان ئورۇن، ئىشلەپچىقارغۇچى، ئۈنۈملۈك مۇددىتى توغرىسىدا كاپالەت سۆزلىرىنى ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، سۈپىتى، باھاسى توغرىسىدا كاپالەت سۆزلىرىنى يېزىش زۆرۈر بولسا، چوقۇم ئېنىق، چۈشىنىشلىك يېزىش كېرەك.

ئېلاندا تونۇشتۇرۇلغان تاۋار ياكى تەمىنلىنىدىغان مۇلازىمەتكە قوشۇمچە سوۋغا بىرىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنسە، سوۋغىنىڭ تۈرى ۋە سانى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

10- ماددا ئېلاندا ئىشلىتىلگەن سانلىق ئاساسلار، سىتاستىكا ماتېرىياللىرى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى، تەرمىلەر، نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر ھەقىقى، توغرا بولۇشى ھەم كىلىش مەنبەسى ئېنىق يېزىلىشى لازىم.

11- ماددا ئېلان پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە مەھسۇلات ياكى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە ئۇسۇللارغا چېتىشلىق بولسا، ئېلاندا چوقۇق پاتېنت نومۇرى ۋە پاتېنت تۈرى ئىزاھلىنىشى كېرەك.

پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغانلارنى ئېلاندا يالغاندىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە دىيىشكە بولمايدۇ.

پاتېنت ھوقۇقى بىرىلمىگەن پاتېنت ئىلتىماسلىرى ياكى توختىتىپ قويۇلغان، بىكار قىلىنغان، ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاتېنت ھوقۇقلىرىنى ئېلاندا بىرىشكە بولمايدۇ.

12- ماددا باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار مۇلازىمەتلىرى كەمسىتىلمەسلىكى كېرەك.

13- ماددا ئېلان پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، ئىستىمالچىلار ئۇنىڭ ئېلان ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

ئېلانلارنى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى شەكلىدە بىرىشكە بولمايدۇ. ئىستىمالچىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىرلگەن ئېلانلارغا چوقۇم ئېلان بەلگىسىنى قويۇپ غەيرى ئېلان ئۇچۇرلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

14- ماددا دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلانلىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

(1) دورىنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىلمى بولمىغان سۆزلەر ياكى كاپالەتلەر؛

(2) داۋالاپ ساقايتىش نىسپىتى ياكى دورىنىڭ ئۈنۈم نىسپىتى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر؛

(3) باشقا دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش؛

(4) تىببى دورا تەتقىقات ئورنى، ئىلمى ئورگانلار، داۋالاش ئورگانلىرى ياكى مۇتەخەسسىس، دوختۇر، بىمارلارنىڭ نامى ۋە ئوبرازىنى ئىسپاتلاشقا تارتىش؛

(5) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇنلار.

15- ماددا تىببى دورا ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى چوقۇم گوۋۇيۇەننىڭ سەھىيە مەمۇرى ئورگانلىرى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سەھىيە مەمۇرى ئورگانلىرى تەستىقلىغان چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

دۆلەت بەلگىلىگەن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىشكە تىگىشلىك بولغان داۋالاش خاراكتىرىدىكى دورا ئېلانلىرىغا چوقۇم «دوختۇرنىڭ رىتسىپى بويىچە ئىشلىتىڭ»دىگەن ئەسكەرتىش بىرىلىشى كېرەك.

16- ماددا ناركوز دورىلىرى، روھى كېسەل دورىلىرى، زەھەرلىك دورا، رادىئوئاكتىپىلىق دورا قاتارلىق ئالاھىدە دورىلارنى ئېلان قىلشقا بولمايدۇ.

17- ماددا دېھقانچىلىق دورا ئېلانلىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

(1) زەھەرسىز، زىيانسىز دىگەندەك بىخەتەرلىكى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلگەن مەزمۇنلار؛

(2) ئىلمى بولمىغان سۆزلەر ئارقىلىق دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە كاپالەتلىك قىلىدىغان مەزمۇنلار؛

(3) دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش قائىدىسىگە خىلاپ بولغان خەت، سۆز ياكى رەسىملىك مەزمۇنلار؛

(4) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇنلار.

18- ماددا رادىئو، كىنو- تېلېۋېزىيە، گېزىت- ژورناللاردىن پايدىلىنىپ تاماكا ئېلانلىرىنى چىقىرىش چەكلىنىدۇ.

ھەر خىل كۈتۈش ئورۇنلىرى، كىنو- تىياتىرخانىلار، يىغىن زاللىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانلىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا تاماكا ئېلانلىرىنى ئورنىتىش چەكلىنىدۇ.

تاماكا ئېلانلىرىدا چوقۇم «تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق»دىگەن سۆزنى ئەسكەرتىش كېرەك.

19- ماددا يېمەكلىك، ھاراق، گىرىم بۇيۇملىرى ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى چوقۇم سەھىيە ئورۇنلىرى رۇخسەت قىلغان تۈرلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، تىببى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ياكى دورىلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاسان ئارىلىشىپ كىتىدىغان سۆزلەر ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.

ئۈچىنچى باپ ئېلان پائالىيىتى

20- ماددا ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار ئېلان پائالىيىتى شۇغۇللانغاندا، قانۇنلۇق يازما توختام تۈزۈلۈشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرى ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك.

21- ماددا ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار ئېلان پائالىيىتى داۋامىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

22- ماددا ئېلان ئىگىلىرى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ياكى ئۆزى ئېلان لايىھەلەپ، ئىشلەپ، ئېلان قىلىپ تونۇشتۇرماقچى بولغان تاۋار ياكى تەمىنلىمەكچى بولغان مۇلازىمەت ئېلان ئىگىلىرىنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىچىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەت بولۇشى كېرەك.

23- ماددا ئېلان ئىگىلىرى ئېلان لايىھىلەش، ياساش، ۋە ئېلان قىلشنى ھاۋالە قىلماقچى بولسا، چوقۇم قانۇنلۇق تىجارەت سالاھىيىتىگە ئىگە ئېلان تىجارەتچىلىرى ياكى ئېلان چىقارغۇچىلارغا ھاۋالە قىلشى كېرەك.

24- ماددا ئېلان ئىگىلىرى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ياكى ئۆزى ئېلان لايىھىلەپ، ئىشلەپ ئېلان قىلماقچى بولسا، چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ھەقىقى، قانۇنلۇق ھەم ئۈنۈملۈك ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تەييارلىشى ياكى تەمىنلىشى كېرەك:

(1) تىجارەت كىنىشكىسى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ھۆججەتلەر؛

(2) سۈپەت تەكشۈرگۈچى ئورگانلارنىڭ ئېلاندىكى مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ھەققىدە بەرگەن ئىسپات ھۆججەتلىرى؛

(3) ئېلان مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ئىسپات ھۆججەتلىرى.

بۇ قانۇننىڭ 34- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى مەسئۇل تاماقلار تەكشۈرىدىغان ئېلانلارنى چىقىرىشتا، يەنە مۇناسىۋەتلىك تەستىقى ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنىلەش كېرەك.

25- ماددا ئېلان ئىگىلىرى ياكى ئېلان تىجارەتچىلىرى ئېلاندا باشقىلارنىڭ نامى، ئوبرازىدىن پايدىلانماقچى بولسا، ئاۋۋال چوقۇم شۇ كىشلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك كىشىلەرنىڭ  نامى ۋە ئوبرازىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال شۇ كىشىگە ۋەسىيلىك قىلغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

26- ماددا ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم زۆرۈر بولغان كەسپى تېخنىك خادىملارنى، ئۈسكىنىلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە شىركەت قۇرۇپ ياكى ئېلان تىجارىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاندىن ئېلان تىجارىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.

رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋېزىيە ئىستانسسى، گېزىت- ژورنال، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئېلان كەسپىنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگانلىرى ئارقىلىق بىجىرىشى ھەمدە قانۇن بويىچە ئېلان كەسپى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىشىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

27- ماددا ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار قانۇن، مەمۇرى نىزاملار بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېلان مەزمۇنىنى ئېنىقلىشى كېرەك. مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرى تولۇق بولمىغان ئېلاننى لايىھىلىمەسلىكى، ئىشلىمەسلىكى، ۋاكالىتەن بىجىرمەسلىكى، ئېلان چىقارغۇچىلار بۇنداق ئېلانلارنى چىقارماسلىقى كېرەك.

28- ماددا ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېلان كەسپىدىكى تاپشۇرۇش- تاپشۇرۇۋېلىشنى تىزىملاش، تەكشۈرۈپ بىكىتىش، ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

29- ماددا ئېلان ھەققى مۇۋاپىق، ئاشكارا بولۇش، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى مال باھا ۋە سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلار ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

30- ماددا ئېلان چىقارغۇچىلار ئېلان ئىگىلىرى بىلەن تىجارەتچىلەرنى تەمىنىلىگەن ئېلاننىڭ قاپلاش نىسپىتى، كۆرۈش نىسپتى، تارقىلىش مىقدارى قاتارلىق ماتېرىياللار ھەقىقى بولۇشى كېرەك.

31- ماددا قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش چەكلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت، شۇنداقلا ئېلان قىلىش چەكلەنگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېلانلىرىنى لايىھىلەش، ئىشلەش ياكى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

32- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى بولسا، تالا ئېلانلىرى چىقىرىشقا بولمايدۇ:

(1) قاتناش بىخەتەرلىك مۇئەسسەلىرى ۋە قاتناش بەلگىلىرىدىن پايدىلانغان بولسا؛

(2) شەھەر مەمۇرى مۇئەسسەلىرى، قاتناش بىخەتەرلىك مۇئەسسەلىرى، قاتناش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا؛

(3) ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، شەھەر تازىلىقى ۋە شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا؛

(4) دۆلەت ئورگانلىرى، مەدەنى يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورۇنلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىكى قۇرۇلۇش قىلىش كونترول قىلىنىدىغان جايلار؛

(5) جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تالا ئېلان تاختىسى قويۇشنى چەكلىگەن جايلار.

33- ماددا تالا ئېلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلانننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەشكىللەپ تۈزۈپ چىقىدۇ.

تۆتىنچى باپ ئېلان تەكشۈرۈش

34- ماددا رادىئو، كىنو- تېلېۋېزىيە، گېزىت- ژورنال شۇنداقلا باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى قاتارلىق تاۋار ئېلانلىرى، قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردا تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان باشقا ئېلانلارنىڭ مەزمۇنىنى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئېلان تەكشۈرۈش ئورگانلىرى دەپ ئېلىندى) ئېلان چىقىرىلىشىتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملارغا ئاساسەن تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈلمىگەنلىرىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

35- ماددا ئېلان ئىگىلىرى ئېلان تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملارغا ئاساسەن ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگانغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات- ھۆججەتلەرنى تاپشۇرىدۇ، ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگان قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملارغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىدۇ.

36- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھۆججىتىنى يالغاندىن ياسىشىغا، ئۆزگەرتىشىگە ياكى ئۆتۈنۈپ بىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

بەشىنچى باپ قانۇن جاۋاپكارلىقى

37- ماددا ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندىن پايديلىنىپ ساختا تاۋار ۋە يالغان مۇلازىمەتنى تەشۋىق قىلىغانلارنى ئېلانىنى تارقىتىشنى توختۇرتۇشقا ھەمدە قىمممەتتە ئېلان ھەققى ئاجىرىتىپ، مۇناسىپ دائىرىدە ئاشكارە تۈزتىش بېرىپ تەسىرنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئېلان ھەققىنىڭ بىرى ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەارىمانە قويۇدۇ؛ بۇ ئشتا مەسئۇلىيتى بار ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلارنىڭ ئېلان ھەققى مۇسادىر قىلىنىدۇ ھەمدە ئېلان ھەققىنىڭ بىرى ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەارىمانە قويىلىدۇ، قىلىمشى ئېغىرىلىرىنىڭ ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىندۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدۇ.

38- ماددا بۇ قانۇنىدىكى بەلگىلىملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يالغان، ساختا ئېلان چىقىرىپ ئستېمالچىلارنى ئالدىغان ياكى خاتا يېىتەكلىگەن، تاۋار سېىتۋالغان ياكى مۇلازىمىتىنى قوبول قىلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقوق- مەنپەئىتىنى زىياناغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويچە ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېلانىنىڭ يالغانلىقىنى ئېىنىق بىلگەن ياكى بىلىشكە تىگىشلىك تۇرۇپ ئېلان لاھىيىلەپ بەرگەن، ئىشلىگەن، چىقارغان ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار قانۇن بويچە چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئېلان ئگىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى، ئادىرىسى بىلەن تەمىن ئېتەلىمىگەن ئېلان تىجارىتچىلىرى ئېلان چىقارغۇچىلار ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئىجتىمائىي تەشكىلارتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار ساختا، يالغان ئېلاندا تونۇشۇرغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالچىلىرنىڭ قانۇنىتى ھوقوق- مەنئىتىنى زىيانغا ئۇچىراتقان بولسا، قانۇن بويىچە چاتما جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

39- ماددا ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 7- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىغا خىلاپلىق قىلغان قانۇن ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتلىرى ۋە ئېلان چاقۇرغىچىلارنى ئېلان چىقرىىشىنى توختىتىپ ئاشكارا تۈزتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان ھەققىنى مۇسادىر قىلىدۇ ئېلان ھەققىنىڭ بىرى ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەارىمانە قويىلىدۇ؛ قىلمشلىرى ئېغىرلارنىڭ ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىندۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدۇ.

40- ماددا ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 9-، 10-، 11-، 12-، ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچلارنى ئېلان چىقىرىشى توختىتىپ ئاشكارە تۈزتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان ھەققىنى مۇسادىر قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قۇشۇپ ئېلان ھەققنىڭ بىر ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 13- ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغان ئېلان چىقارغۇچىلارغا تۈزتىشىنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويىدۇ.

41- ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 14-، 15-، 16- 17- ماددىلىرىغا ۋە 19- ماددىسىغا خىلاپىلىق قىلىپ دورا، داۋالاش ئۈسكۈنلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى، يېمەكلىك، ھاراق، گىرىم بويۇملىرى ئېلانلىرىنى چىقارغان ياكى بۇ قانۇننىڭ 31- ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلان چىقارغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلىرنى ئېلان چىقرىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ھەققىنى مۇسادىر قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قۇشۇپ ئېلان ھەققنىڭ بىر ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئېلان تىجارتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىندۇ.

42- ماددا ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 18- ماددىسدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ رادىئو، كىنو- تېىلېۋىزىيە، گىزىت- ژورناللاردا تاماكا ئېلانى بەرگەن ياكى ئاممىۋى سورۇنلارغا تاماكا ئېلانلىرىنى ئورناتقان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلارنى ئېلان چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ھەققىنى مۇسادىر قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇشۇپ ئېلان ھەققنىڭ بىر ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەرىمانە قوييشقا بولىدۇ.

43- ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 34- ماددىسىدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلان تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزمەي ئېلان چىقارغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلارنى ئېلان چىقىرىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ھەققىنى مۇسادىر قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇشۇپ ئېلان ھەققنىڭ بىر ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەر, ىمانە قويىدۇ.

44- ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى يالغان ئىسپات ماتىرىيالى بىلەن تەمنىلىگەن ئېلان ئىگىلىرىگە 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئېلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغانلىق ھۆججەتلىرىنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەن ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنسىز كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە 10مىڭ يۇەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

45- ماددا قانۇنغا خىلاپ ئېلان مەزمۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ئېلان تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدىكى بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا ئۇلارنىڭ ئىدارىلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋە مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرى چارە كۆرىدۇ.

46- ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئېلان تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتقانلارغا مەمۇرى چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىلەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.

47- ماددا ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ئېلاندا بالاغەتكە يەتمىگەنلەر ياكى مىيىپلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(2) باشقىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى يالغاندىن ئىشلەتكەنلەر؛

(3) باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمىتىنى كەمسىتكەنلەر؛

(4) ئېلاندا باشقىلارنىڭ نامى ۋە ئوبرازىدىن رۇخسەتسىز پايدىلانغانلار؛

(5) باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەتىگە دەخلى- تەرۈز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

48- ماددا ئالاقىدار مەمۇرى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن تارتىپ 15كۈن ئىچىدە، جازا بەرگەن ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىنتارتىپ 60كۈنگىچە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك، ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن تارتىپ 15كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش ئورگانلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقارمىسا، ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى توشقان كۈندىن تارتىپ 15كۈنگىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلار بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا ھەمدە جازانى ئىجرا قىلمسىا، جازا بەرگەن ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە جازانى مەجبۇرى ئىجرا قىلدۇرۇپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئالتىنچى باپ قوشۇمچە پرىنسىپ

49- ماددا بۇ قانۇن 1995- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملارنىڭ مەزمۇنى بۇ قانۇندىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش بولمىسا، بۇ قانۇن ئاساس قىلىنىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش