كۆرۈش: 547|ئىنكاس: 0

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى



(1996-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەملىكەتلىك 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللاندى)



1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ



1-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي جازا بەلگىلەش ۋە بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈملۈك مەمۇرىي باشقۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، جامائەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي جازا بەلگىلەش ۋە بېرىشتە تەتبىقلىنىدۇ

3-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، مۇشۇ قانۇن بويىچە قانۇن، نىزام ياكى قائىدىلەردە بەلگىلىنىدۇ ھەمدە ئۇنى مەمۇرىي ئورگانلار مۇشۇ قانۇنغا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېرىدۇ.قانۇن ئاساسىي بولمىغان ياكى قانۇندىكى تەرتىپكە ئەمەل قىلىنمىغان مەمۇرىي جازا ئىناۋەتسىز.

4-ماددا مەمۇرىي جازا بېرىشتە ئادىل بولۇش، ئاشكارا بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.مەمۇرىي جازا بەلگىلەش ۋە بېرىشتە پاكىتنى ئاساس قىلىش، بېرىلىدىغان جازا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، خاراكتېرى، ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن زىيىنىغا لايىق كېلىشى شەرت.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا مەمۇرىي جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىش شەرت، ئېلان قىلىنمىغانلىرىنى مەمۇرىي جازا بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

5-ماددا مەمۇرىي جازا بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىشتە جازالاش بىلەن تەربىيە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارغا، قانۇنىي ئىگىلەرگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش لازىم.

6-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي جازاسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە ئاقلىنمىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇنغا خىلاپ مەمۇرىي جازاسىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرىقانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىتىش تەلىپىنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

7-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە توشقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، مەمۇرىي جازانى جىنايى جازانىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە يول قويۇلمايىدۇ.

2-باب مەمۇرىي قازانىڭ تۈرى ۋە بەلگىلىنىشى

8-ماددا مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى:

(1) ئاگاھلاندۇرۇش؛

(2) مەمۇرىي جەرىمانە؛

(3) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ۋە قانۇنسىز پۇل-مالنى مۇسادىرە قىلىش؛

(4) ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىش؛

(5) ئىجازەتنامىنى ۋە كېنىشكىنى ۋاقتىنچە ئېلىۋېلىش ياكى بىكار قىلىش؛

(6) مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەمۇرىي جازالار.

9-ماددا قانۇندا تۈرلۈك مەمۇرىي جازانى بەلگىلەشكە بولىدۇ.جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەمۇرىي جازاسى قانۇندىلا بەلگىلىنىدۇ.

10-ماددا مەمۇرىي نىزامدا جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەشتىن باشقا، مەمۇرىي جازالارنى بەلگىلەشكە بولىدۇ.قانۇندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەمۇرىي نىزامدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشقا توغرا كەلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان قىلمىش، تۈر ۋە دائىرە ئىچىدە چىقىرىش شەرت.

11-ماددا يەرلىك نىزامدا جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش، كارخانىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى بىكار قىلىشتىن باشقا مەمۇرىي جازالارنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزامدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش بەلگىلەنگەنبولۇپ، يەرلىك نىزامدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشقا توغرا كەلسە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان قىلمىش، تۈر ۋە دائىرە ئىچىدە چىقىرىش شەرت.

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى تۈزگەن قائىدىلەردە قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان قىلمىش، تۈر ۋە دائىرە ئىچىدە كونكرېت بەلگخلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ.قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزام تېخى تۈزۈلمىگەن بولسا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى تۈزگەن قائىدىلەردە مەمۇرىي باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى مەلۇم ساندا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي جازا بەلگىلەنگە بولىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە چېكىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەن مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مۇشۇ ماددىنىڭ 1-، 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بەلگىلەش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

13-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان قىلمىش، تۈر ۋە دائىرە ئىچىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ.قانۇن، نىزام تۈزۈلمىگەن بولسا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن قائىدىلەرگە مەمۇرىي باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى مەلۇم ساندا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي جازا بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مەمۇرىي جەرىمانە چېكىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ.

14-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-، 10-، 11-، 12- ۋە 13-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە مەمۇرىي جازا بەلگىلەشكە بولمايدۇ.

                  3-باب مەمۇرىي جازا بەرگۈچى ئورگان

15-ماددا مەمۇرىي جازانى مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگانقانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە بېرىدۇ.

16-ماددا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرەر مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى بېكىتسە بولىدۇ، لېكىن جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەمۇرىي جازاسى بېرىش ھوقۇقىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىلا يۈرگۈزىدۇ.
17-ماددا قانۇن ۋە نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكىسىيىسى بولغان تەشكىلات قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسدە مەمۇرىي جازا بەرسە بولىدۇ.
18-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلاتلارغا مەمۇرىي جازا بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقا تەشكىلات ياكى شەخسكە مەمۇرىي جازا بېرىشنى ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.ھاۋالە قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگان ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەمۇرىي جازا بېرىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە شۇ ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.ھاۋالە قىلىنغۇچى تەشكىلات مەمۇرىي جازانى ھاۋالە دائىرىسىدە ھاۋالە قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامىدا بېرىدۇ، مەمۇرىي جازا بېرىشنى باشقا ھەرقانداق تەشكىلاتقا ياكى شەخسكە قايتا ھاۋالە قىلسا بولمايدۇ.

19-ماددا ھاۋالە قىلىنغۇچى تەشكىلات تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت:

(1) قانۇن بويىچە قۇرۇلغان جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان كەسپىي تەشكىلات بولۇش؛

(2) ئالاقىدار قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە كەسىپنى پىششىق بىلىدىغان خادىمى بولۇش؛

(3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تېخنىكىلىق تەشكۈرۈش ياكى تېخنىكىلىق باھالاشتا، شۇنىڭغا مۇناسىپ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ياكى تېخنىكىلىق باھالاشنى تەشكىللىيەلەيدىغان شارائىتى بولۇش.

                  4-باب مەمۇرىي جازانىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە تەتبىقلىنىشى

20-ماددا مەمۇرىي جازا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقۇقرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

21-ماددا باشقۇرۇش تەۋەلىكى تالاشتا قالسا، ئىككى تەرەپكە ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگاننىڭ بېكىتىپ بېرىشىگە يوللىنىدۇ.

22-ماددا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش جىنايەتكە توشسا، مەمۇرىي ئورگان دېلونى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ جىنايى جاۋابكالرىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشىگە بېرىشى شەرت.

23-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي جازا بېرىشتە،ئالاقىدار تەرەپنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشكە ياكى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

24-ماددا ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنغا خىلاپ بىر قىلمىشىغا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

25-ماددا يېشى 14كە شوتمىغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، ئۇلار ۋەسىيلىرىنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ يېشى 14كە توشقان، 18گە توشمىغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
26-روھى كېسەللەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالماي ياكى كونترول قىلالماي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا ۋە داۋالىتىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەردىن روھىي ھالىتى نورمال چاغلاردا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

27-ماددا ئالاقىدار تەرەپلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ:

(1) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ زىيىنىنى ئۆزلۈكىدىن تۈگەتكەن ياكى يېنىكلەتكەنلەر؛

(2) باشقىلارنىڭ تەھدىر سېلىشى بىلەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلار؛

(3) مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر؛

(4) قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان باشقا كىشىلەر.

قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىيېنىك بولغان ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىپ، زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ.

28-ماددا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە توشقانلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈمقىلغانلىرىنى مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي جازا سۈپىتىدە توختىتىپ قويغان بولسا، توختىتىپ قويۇلغان بۇ ۋاقىتمۇ جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇلىدۇ.

قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە توشقانلاردىن خەلق سوت مەھكىمىسى جەرىمانە قويغانلىرىغا مەمۇرىي ئورگاننىڭ قويغان مەمۇرىي جەرىمانىسى قانۇنغا قويۇلغان جەرىمانىغا سۇندۇرۇلىدۇ.

29-ماددا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئىكى يىلغىچە بايقالمىغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈزۈلمىگەن ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، قىلمىش ئاخىرلاشقاندىن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

                  5-باب مەمۇرىي جازا قارارى

30-ماددا مەمۇرىي باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانپۇقرالار،قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، مەمۇرىي ئورگان پاكىتنى ئېنىقلىشى شەرت. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى ئېنىق بولمىغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

31-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپكە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشنىڭ پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئاساسىنى ھەمدە ئۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

32-ماددا ئالاقىدار تەرەپ پىكىرىنى بايان قىلىشقا ۋە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق، مەمۇرىي ئورگان ئالاقىدار تەرەپنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئاڭلىشى شەرت، ئالاقىدار تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەپ ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى قايتا قاراپ چىقىشى كېرەك، ئالاقىدار تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ياكى دەلىل-ئىسپات ئورۇنلۇق بولسا، مەمۇرىي ئورگان قوبۇل قىلىشى كېرەك.ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئاقلىغانلىقى تۈپەيلىدىن مەمۇرىي ئورگاننىڭ بېرىلىدىغان جازانى ئېغىرلىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

1-پاراگراف ئاددىي تەرتىپ

33-ماددا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى تولۇق ھەمدە قانۇنىي ئاساسى بولغان ئەھۋالدا پۇقرالارغا 50 يۈەندىن تۆۋەن، قانۇنىي ئىگىلەرگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىغانياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازا قارارىنى نەق مەيداندىلا چىقىرىشقا بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپ بۇ  قانۇننىڭ 46-، 47-، 48-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

34-ماددا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشتا، كىشىنىشكىسىنى ئالاقىدار تەرەپكە كۆرسىتىشى، ئالدىن تەييارلانغان، نومۇر قويۇلغان مەمۇرىي جازا قارارىنى تولدۇرۇشى لزىم. مەمۇرىي جازا قارارىنى ئالاقىدار تەرەپكە شۇ جايدىلا بېرىش كېرەك.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا قارارىغا ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى، مەمۇرىي جازا ئاساسى، مەمۇرىي جەرىمانە سوممىسى، ۋاقىت، ئورۇن، شۇنىڭدەك مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار نەق مەيداندا چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىنى ئۆزى قاراشلىق مەمۇرىي ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى شەرت.

35-ماددا ئالاقىدار تەرەپلەردىن نەق مەيداندا چىقىرىلغان مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

                  2-پاراگراف ئادەتتىكى تەرتىپ

36-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن نەق مەيداندا بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازانى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي ئورگان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلىرىنى سەزگەندە، ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ، ئادىل تەكشۈرۈشى ۋە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىشى شەرت، زۆرۈر تېپىلغاندا، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

37-ماددا مەمۇرىي ئورگان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئىككىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر ياكى خادىملارغا كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر ياكى خادىملار سوئاللارغا ئەينەن جاۋاب بېرىشى ھەمدە تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلماي ماسلىشىشى كېرەك، سورالغان ئەھۋال ياكى تەكشۈرۈشتىن خاتىرە قالدۇرۇلۇشى كېرەك.مەمۇرىي ئورگان دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاشتا، تاللاپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، دەلىل-ئىسپاتنىڭ يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى ئۇنى كېيىن ئېلىش تەس بولغان ئەھۋالدا، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دەلىل-ئىسپاتنى ئالدىن توپلاپ ساقلاشقا بولىدۇ ھەمدە يەتتە كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك، شۇ مەزگىلدە ئالاقىدار تەرەپلەر ياكى خادىملارنىڭ دەلىل-ئىسپاتنى كۆيدۈرۈۋېتىشىگە ياكى يۆتكىۋىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلاردىن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

38-ماددا تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا، مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇقلى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قاراپ، تۆۋەندىكى قارارنى چىقىرىشى كېرەك:

(1) ھەقىقەتەن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلار ئۈستىدە قىلمىشنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكى ۋە كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، مەمۇرىي جازا قارارى چقىرىش؛

(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى يېنىك بولۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرىغا مەمۇرىي جازا بەرمەسلىك؛

(3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنىڭ پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىرىغا مەمۇرىي جازا بەرمەسلىك؛

(4) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە توشقانلارنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى مۇرەككەپ ياكى ئېغىر بولغانلارغا ئېغىرراق مەمۇرىي جازا بېرىشنى مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇللىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك.
39-ماددا مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇنىڭ 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشتە مەمۇرىي جازا قارارى تەييارلىشى كېرەك. مەمۇرىي جازا قارارىغا تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىدۇ:

(1) ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، ئادرېسى؛

(2) قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتى؛

(3) مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى ۋە ئاساسى؛

(4) مەمۇرىي جازانى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۆھلىتى؛

(5) مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلارنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش يولى ۋە مۆھلىتى؛

(6) مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغۇچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى ۋە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىلغان ۋاقتى.

مەمۇرىي جازا قارارىغا مەمۇرىي جازا بەرگۈچى مەمۇرىي ئورگاننىڭ تەامغىسى بېسىلىشى شەرت.

40-ماددا مەمۇرىي جازا قارارنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپكە شۇ جايدىلا بېرىلىشى لازىم؛ ئالاقىدار تەرەپ شۇ مەيداندا بولمىسا، مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى ئالاقىدار تەرەپكە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يەتتە كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

41-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ قانۇننىڭ 31-، 32-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالاقىدار تەرەپكە مەمۇرىي جازا بېرىش پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئاساسىنى ئۇقتۇرۇپ قويمىسا ياكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ پىكىر بايان قىلىشىنى ياكى ئاقلىنىشىنى رەت قىلسا، مەمۇرىي جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر بايان قىلىش ياكى ئاقلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

                  3-پاراگراف دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش تەرتىپى

42-ماددا مەمۇرىي ئورگان ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، ئىجازەتنامە ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش، كۆپرەك مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپكە دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشنى ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپ دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپ مەمۇرىي ئورگاننىڭ دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشنى ئۇيۇشتۇرۇش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ:

(1) ئالاقىدار تەرەپ دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش تەلىپىنى مەمۇرىي ئورگان ئۇقتۇرغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛

(2) مەمۇرىي ئورگان دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى ئالاقىدار تەرەپكە دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئۇقتۇرىدۇ؛

(3) دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش ئاشكارا ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ؛

(4) دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشقا مەمۇرىي ئورگان كۆرسەتكەن، شۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان خادىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ ئالاقىدار تەرەپ رىياسەتچىنىڭ مۇشۇ دېلو بىلەن بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىسا، رىياسەتچىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛

(5) ئالاقىدار تەرەپ دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشتا، تەكشۈرگۈچى ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرىنى، دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ ئالاقىدار تەرەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ ۋە يۈزلىشىدۇ؛

(6) دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشتىن خاتىرە قالدۇرۇلىدۇ؛ خاتىرە ئالاقىدار تەرەپنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا بېرىلىدۇ؛ ئالاقىدار تەرەپ خاتالىق يوق دەپ قارىغاندىن كېيىن ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ.

ئالاقىدار تەرەپ جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەمۇرىي جازاسىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، ئامانلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىش كۆرۈلىدۇ

43-ماددا دەلىل-ئىسپات ئاڭلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قارار چىقىرىدۇ.

                  6-باب مەمۇرىي جازانى ئىجرا قىلىش

44-ماددا مەمۇرىي جازا قارارى قانۇن بويىچە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپ مەمۇرىي جازا قارارىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىجرا قىلىشى كېرەك.

45-ماددا ئالاقىدار تەرەپ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولماي مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا، مەمۇرىي جازانى ئىجرا قىلىش توختىتىلمايدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

46-ماددا جەرىمانە قويۇش قارارىنى چىقارغۇچى مەمۇرىي ئورگان بىلەن جەرىمانە ئالغۇچى ئاپپارات ئايرىم بولۇشى لازىم.مۇشۇ قانۇننىڭ 47-، 48-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەق مەيداندا ئېلىنىدىغان جەرىمانىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى جەرىمانىنى ئۆزى ئالسا بولمايدۇ.

ئالاقىدار تەرەپ مەمۇرىي جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشى لازىم. بانكا جەرىمانىنى ئېلىشى ھەمدە دۆلەت خەزىنىسىگە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈشى لازىم.

  47-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نەق مەيداندا جەرىمانە ئالسا بولىدۇ:

(1) قانۇن بويىچە 20 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلغان بولسا؛

(2) جەرىمانىنى نەق مەيداندا ئېلىۋالمىسا،كېيىن ئىجرا قىلىش تەس بولسا.

  48-ماددا چەت، يىراق جايلاردا، سۇ ئۈستىدە ۋە قاتناش قولايسىز جايلاردا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 33-، 38-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپنىڭ بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشى ھەققىقەتەن قىيىن بولسا، ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى جەرىمانىنى نەق مەيداندا ئالسا بولىدۇ.

49-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجرا قىنلغۇچى خادىملىرى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالغاندا، ئالاقىدار تەرەپكە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرۇپ تارقاتقان جەرىمانە تالونى بېرىشى شەرت؛ مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرۇپ تارقاتقان جەرىمانە تالونى بەرمىسە، ئالاقىدار تەرەپ جەرىمانە تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

50-ماددا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانىنى جەرىمانە ئالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە مەمۇرىي ئورگانغا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ سۇ ئۈستىدە نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانىنى قىرغاققا چىققان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈچ ئىچىدە مەمۇرىي ئورگانغا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ مەمۇرىي ئورگان جەرىمانىنى ئىككى كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

51-ماددا ئالاقىدار تەرەپ مەمۇرىي جازا قارارىنى سۈرۈك توشقۇچە ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) جەرىمانىنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرمىغان بولسا، كۈنىگە جەرىمانە پۇلىنىڭ ئۈچ پىرسەنتى بويىچە قوشۇپ جەرىمانە ئېلىش؛

(2) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان مال-مۈلۈكنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى توڭلىتىپ قويۇلغان ئامانەت پۇلىنى جەرىمانە ئورنىدا ئاجرىتىۋېلىش؛
(3) خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش.

52-ماددا ئالاقىدار تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولۇپ، جەرىمانىنى كېچىكتۈرۈپ ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش زۆرۈر بولسا، ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشكە ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.

53-ماددا قانۇن بويىچە كۆيدۈرۈۋېتىشگە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز مال-مۈلۈكنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كىم ئارتۇق قىلىپ ئاشكارا سېتىش ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش شەرت.جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ياكى مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز مال-مۈلۈكنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان پۇلنى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق ئۆتكۈزۈش شەرت. ھەرقانداق مەمۇرىي ئورگان ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تۇتۇپ قېلىشىغا، بۆلۈشىۋېلىشىغا ياكى باشقا شەكىل بىلەن بۆلۈشۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مالىيە تارمىقىنىڭ جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋاتنى ياكى مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنسىز مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان پۇلنى جازا قارارىنى چىقارغان مەمۇرىي ئورگانغا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

54-ماددا مەمۇرىي ئورگانلار، مەمۇرىي جازاغا بولغان نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىي جازاغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان بەرگەن مەمۇرىي جازا ئۈستىدە ئەرز قىلىشقا ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەمۇرىي ئورگان ئۇنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، مەمۇرىي جازانىڭ خاتا بولغانلىقىنى بايقىسا ئۈزلۈكىدىن تۈزىتىشى كېرەك.



                  7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى



55-ماددا مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي جازا بەرگەندە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى ئالاقىدار تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ:

(1) مەمۇرىي جازا بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى بولمىسا؛

(2) مەمۇرىي جازانىڭ تۈرىنى، دائىرىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(4) مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى جازالاشنى ھاۋالە قىلىش توغرىسىدىكى بەلگخلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا.

56-ماددا مەمۇرىي ئورگان ئالاقىدار تەرەپنى جازالاشتا جەرىمانە قويۇش، پۇل، مالنى مۇسادىرە قىلىش تالونىنى ئىشلەتمىسە ياكى قانۇندا بەلگىلەنمىگەن تارماقلار باستۇرۇپ تارقاتقان جەرىمانە قويۇش، پۇل، مالنى مۇسادىرە قىلىش تالونىنى ئىشلەتسە، ئالاقىدار تەرەپ جازانى رەت قىلىشقا ھەمدە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى ئالاقىدار تارماقلار ئىشلىتىلگەن قانۇنسىز تالوننى يىغىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

57-ماددا مەمۇرىي ئورگان مۇشۇ قانۇننىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا جەرىمانە ئالسا، مالىيە تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي ئورگانغا جەرىمانە پۇلىنى ياكى كىمئارۇق قىلىپ سېتىشتىن كەلگەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسە، يۇقىرى دەرىجىلىكمەمۇرىي ئورگان ياكى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

58-ماددا مەمۇرىي ئورگان جەرىمانىنى، مۇسادىرە قىلىنغانقانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ياكى پۇل، مالنى تۇتۇپ قالغان، بۆلۈشۈۋالغان ياكى باشقا شەكىل بىلەن بۆلۈشۈۋالغان بولسا، مالىيە تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار سۈرۈشتە قىلىپ تاپشۇرغۇزىدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈدىۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملاردىن خىزمەت ۋەزىپىسى جەھەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل، مال ئۈندۈرۈۋالغان ياكى قوبۇل قىلغان، ئالغان جەرىمانىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە توشسا، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەتكە توشمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

59-ماددا مەمۇرىي ئورگان تۇتۇپ قالغان پۇل، مالنى ئىشلىتىۋېلىپ ياكى بۇزۇۋېتىپ، ئالاقىدار تەرەپكە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

60-ماددا مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈش تەدبىرى ياكى ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ پۇقرالارغا جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەن ياكى مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قانۇنىي ئىگىلەرگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان يەتكاستىغا ئالغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 188-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

62-ماددا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، توسۇش ۋە جازالاشقا تېگىشلىك بولغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسماي ۋە جازالىماي، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، جامائەت مەنپەئىتىنى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؟ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

                  8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

63-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 46-ماددىسىدىكى جەرىمانە ئېلىشنى قارار قىلغۇچى بىلەن جەرىمانە ئالغۇچىنىڭ ئايرىم بولۇشۇ ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ

چىقىدۇ.

  64-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن نىزام ۋە قائىدىلەردىكى مەمۇرىي جازا توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن مۇشۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىش كېرەك، تۈزىتىشنى 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن تۈگىتىش لازىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش