كۆرۈش: 505|ئىنكاس: 0

ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغداش قانونى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغداش قانونى

(1993-يىلى10-ئاينىڭ 31- كۈنى8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىندا ماقۇللانغان)

بىرىنچى باپ    ئومومى پىرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئسىتىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش، جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالسىتك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلىدى.

2- ماددا ئىسىتمالچىلار تۇرمۇش ئىستىمال ئېھتىياجى ئۈچۈن تاۋار سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ھوقۇق- مەنپەتى بۇ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملار بويىچە قوغدىلىدۇ.

3- ماددا تىجارەتچىلەر ئىستىمالچىلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتىدىغان تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە، بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى لازىم؛ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى لازىم.

4- ماددا تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستىمالچىلار سودىلاشقاندا، ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئادىل بولۇش، سەمىمى بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنىسپىغا ئەمەل قىلىشى لازىم.

5- ماددا دۆلەت ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداپ دەخلى- تەرۈزگە ئۇچراتمايدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغدايدۇ.

6- ماددا ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

دۆلەت بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئىجتىمائى نازارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە مەدەت بىرىدۇ.

ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقوق- مەنپەتىنى قوغداش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى جامائەت پىكرى جەھەتتىن نازارەت قىلىشى لازىم.

ئىككىنچى باپ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقى

7- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتا جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستىمالچىلار تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

8- ماددا ئىستىمالچىلار سېتىۋالىدىغان، ئىشلىتىدىغان تاۋار ياكى قوبۇل قىلغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستىمالچىلار تاۋار ياى مۇلازىمەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار باھاسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى، ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىقتىدارى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى، ئاساسى تەركىپى، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، لاياقەتلىكى تەكشۈرۈلگەن ئىسپاتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ساتقاندىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ياكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئۆلچىمى، راسخوتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بىلەن تەمنىلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

9- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئسىتىمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، تاۋار خىللىرى ياكى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، ھەرقانداق بىر خىل تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى، ھەرقانداق بىر مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

ئىستىمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاشتا سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ۋە تاللاشقا ھوقۇقلۇق.

10- ماددا ئىستىمالچىلار ئادىل سودىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، سۈپىتى ئىشەنچىلىك، باھاسى مۇۋاپىق، مىقدارى توغرا بولۇشتەك ئادىل سودىلىشىش شارائىتىغا ئىرىشىشكە ھوقۇقلۇق، تىجارەتچىلەرنىڭ زورلاپ سېتىش قىلمىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

11- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋېلش، ئىشلىتىش ياكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش سەۋەبىدىن، جىسمانى، مال- مۈلۈك جەھەتتىن زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىغاندا، قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

12- ماددا ئىستىمالچىلار قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

13- ماددا ئىستىمالچىلار ئىستىمال ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداشقا دائىر ساۋاتلارغا ئىرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستىمالچىلار ئېھتىياجلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ساۋات ۋە ئشىلىتىش ماھارىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

14- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتا، ئۆزىنىڭ ئىنسانى ئىززەت- ھۆرمىتى، مىللى ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

15- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ھەم ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستىمالچىلار ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىگە دەخلى- تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش خىزمىتى جەريانىدىكى  قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا تەنقىد، تەكلىپ بىرىشكە ھوقۇقلۇق.

ئۈچىنچى باپ تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۈرىيىتى

16- ماددا تىجارەتچىلەر ئىستىمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش لازىم.

تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستىمالچىلار ۋەدىلەشكەن بولسا، ۋەدىسى بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. لىكىن ئىككى تەرەپنىڭ ۋەدىسى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە زىت بولماسلىقى لازىم.

17- ماددا تىجارەتچىلەر ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە بولغان پىكرىنى ئاڭلىشى، ئىستىمالچىلارنىڭ نازارتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

18- ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزلىرى تەمىنلىگە تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئويغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت توغرىسىدا ئىستىمالچىلارغا ئەينەن چۈشەنچە ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىشى، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ۋە خەۋپ يۈز بىرىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىزاھلىشى ۋە ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم.

تىجارەتچىلەر ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئېغىر نۇقسان بارلىقىنى، تاۋارنى توغرا ئىشلەتكەن، مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزگەن ھامان، مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلارغا مەلۇم قىلشى ۋە ئىستىمالچىلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە زىيان يۈز بىرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنشى لازىم.

19- ماددا تىجارەتچىلەر ئىستىمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ھەقىقى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى لازىم. خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلۇ قاتارلىق مەسلىلەر توغرىسىدا ئستىمالچىلار سورىغان سوئاللارغا ھەقىقى، ئەينەن، ئېنىق جاۋاپ بىرىشى لازىم.

ماگىزىنلار ئۆزى تەمىنلەيدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى لازىم.

20- ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقى نامى ۋە بەلگىسىنى ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم.

باشقىلارنىڭ پەشتاختا ياكى ئورۇنلىرىنى ئىجارىگە ئالغان تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقى نامى ۋە بەلگىسىنى ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم.

21- ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ياكى سودا ئادىتى بويىچە ئىستىمالچىلارغا مال سېتىۋېلىش ئىسپاتى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتى بىرىشىلازىم؛ ئىستىمالچىلار مال سېتىۋېلىش ئىسپاتى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر يېزىپ بىرىشى لازىم.

22- ماددا تىجارەتچىلەر تاۋارنى نورمال ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمەتنى نورمال قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەت ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئورنى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ لىكىن ئىستىمالچىلار شۇ تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى نۇقسان بارلىقىنى بىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

تىجارەتچىلەر ئېلان، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، ماددى بۇيۇم ئەۋرىشكىسى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى ئېنىق بىلگەن بولسا، ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئەمىلى سۈپىتىنىڭ ئېنىق ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

23- ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى ئىستىمالچىلار بىلەن قىلىشقان ۋەدىسى بويىچە، رىمونت قىلىپ بىرىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش، قايتۇرۇپ بىرىش ياكى باشقا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئادا قىلىشى لازىم، قەستەن كەينىگە سۈرۈشكە ياكى ئورۇنسىز رەت قىلشقا بولمايدۇ.

24- ماددا تىجارەتچىلەر نۇسخا توختام، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمالچىلارغا ئادىل بولمىغان، مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلەرنى چىقىرىشقا ياكى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ دەۋا مەسئۇلىيىتىنى يەڭگىللىتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.

توختام، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىقلاردا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلار بولغان بولسا، ئۇلار ئىناۋەتىسز.

25- ماددا تىجارەتچىلەر ئىستىمالچىلارنى ھاقارەتلەشكە، ئىستىمالچىلارغا تۆھمەت چاپلاشقا، ئىستىمالچىلارنىڭ يېىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسە- كىرەكلىرىنى ئاختۇرۇشقا، ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكىگە دەخلى- تەرۈز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

تۆتىنچى باپ دۆلەت ئىستىمالچىلارنڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغدايدۇ

26- ماددا دۆلەت ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىگە ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە، ئىستىمالچىلار نىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى لازىم.

27- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلارنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە بولغان رەھبەرلىك قىلىش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيانيەتركۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى لازىم.

28- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغدىشى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلار ئىستىمالچىلار ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى تەشكىلاتلىرىنىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ سودا ھەرىكىتى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسلىسى توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلاپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

29- ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنىلەش جەريانىدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى جازالىشى لازىم.

30- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ دەۋا قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشى لازىم. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»دىكى دەۋا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەت ماجرالىنى قوبۇل قىلىپ ۋاقتىدا قاراپ چىقىشى لازىم.

بەشىنچى باپ ئىستىمالچىلار تەشكىلاتى

31- ماددا ئىستىمالچىلار جەمىيىتى ۋە باشقا ئىستىمالچىلار تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئىجتىمائى نازارەت قىلىدىغان، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائى تەشكىلاتلاردۇر.

32- ماددا ئىستىمالچىلار جەمىيىتى تۆۋەندىكى فۇنكىسىيىلەرنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) ئىستىمالچىلارنى ئىستىمال ئۇچۇرى ۋە مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛

(2) مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلارنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ؛

(3) ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتى مەسلىسى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىدۇ، ئۇلاردىن سۈرۈشتە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا تەكلىپ بىرىدۇ؛

(4) ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئەرز قىلغان ئىشلارنى تەكشۈرىدۇ، كىلىشتۈرىدۇ؛

(5) ئەرز قىلغان ئىشلار تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسلىسىگە چېتىلسا، باھالاش يەكۈنىنى ئۇقتۇرۇشى لازىم؛

(6) ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى يۈز بەرسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشىنى قوللايدۇ؛

(7) ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلايدۇ، تەنقىدلەيدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىستىمالچىلار جەمىيەتلىرىنىڭ ئۆز فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى لازىم.

33- ماددا ئىستىمالچىلار تەشكىلاتلىرى تاۋار تىجارىتى ۋە پايدا ئېلىش خاراكتىرىدكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، پايدا ئېلىشنى مەقسەق قىلىپ، جەمىيەتكە تاۋار ۋە مۇلازىمەت تونۇشتۇرسا بولمايدۇ.

ئالتىنچى باپ تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىش

34- ماددا ئىستىمالچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەتى توغرىسىدا تالاش- تارتىش يۈز بەرگەندە، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ:

(1) تىجارەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ يارىشىش؛

(2) ئىستىمالچىلار جەمىيىتىنىڭ كىلىشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش؛

(3) مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلارغا ئەرز قىلش؛

(4) تىجارەتچىلەر بىلەن ھاسىل قىلغان كىسىم كىلىشىمىگە ئاساسەن، كىسىم ئورگانلىرىنىڭ كىسىم قىلىشىغا سۇنۇش؛

(5) خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش.

35- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان ۋە ئىشلەتكەندە، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتى زىيانغا ئۇچرىسا، ساتقۇچىلاردىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ساتقۇچىلار تۆلەپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن، مەسئۇلىيەت ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى تاۋار بىلەن تەمىنلىگەن باشقا ساتقۇچىلاردا بولسا، ساتقۇچىلار ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

زىيانغا ئۇچرىغان ئىستىمالچىلار ياكى باشقا كىشلىەر تاۋار نۇقسانى تۈپەيلىدىن جىسمانى، مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچىرىسا، ساتقۇچىلاردىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسئۇلىيەت ئىشلەپچىقارغۇچىلاردا بولسا، ساتقۇچىلار تۆلەپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشىقا ھوقۇقلۇق. مەسئۇلىيەت ساتقۇچىلاردا بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچىلار تۆلەپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن، ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشىقا ھوقۇقلۇق.

ئىستىمالچىلار مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇلازىمەت قىلغۇچىدىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

36- ماددا ئىستىمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئەسلىدىكى كارخانا بۆلۈنۈپ ياكى قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ھوقۇق، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىدىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

37- ماددا باشقىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئىستىمالچىلار ئۇلاردىن تژلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ھەم تىجارەت كىنشكىسىنىڭ ئىگىسىدىن تژلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

38- ماددا ئىستىمالچىلار يەرمەنكە، ئىجارىگە بىرىلگەن پەشتاختىلاردىن تاۋار سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ساتقۇچىلار ياكى مۇلازىمەتچىلەردىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يەرمەنكە ئاياغلاشقان ياكى پەشتاختىلارنى ئىجارىگە بىرىش مۇددىتى توشۇپ كەتكەن بولسا، يەرمەنكە ئويۇشتۇرغۇچى، پەشتاختا ئىجارىگە بەرگۈچىدىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، يەرمەنكە ئويۇشتۇرغۇچى، پەشتاختا ئىجارىگە بەرگۈچى تۆلەپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن، ساتقۇچى ياكى مۇلازىمەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

39- ماددا تىجارەتچىلەر ساختا ئېلان بىرىشىتىن پايدىلىنىپ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتى زىيانغا ئۇچىرىغان بولسا، ئىستىمالچىلار تىجارەتچىلەردىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تىجارەتچىلەر يالغان ئېلان بەرگەن بولسا، ئىستىمالچىلار مەمۇرى جەھەتتىن ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن ئۇلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئېلان تىجارەتچىلىرى تىجارەتچىنىڭ ھەقىقى نامى، ئادىرىسىنى كۆرسىتىپ بىرەلمىسە، تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

يەتتىنچى باپ قانۇن جاۋاپكارلىقى

40- ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغاندىن باشقا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم:

(1) تاۋاردا نۇقسا بولۇش؛

(2) تاۋاردا ئىشلىتىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان بولۇش ھەم ساتقاندا بۇنى ئەسكەرتىپ قويماسلىق؛

(3) تاۋار ياكى تاۋار قېپىدىكى ئىزاھاتلار تاۋار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛

(4) تاۋارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلاردا كۆرسىتىلگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولماسلىق؛

(5) دۆلەت شاللىۋېتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن تاۋارلارنى ئىشلەش ياكى ئۈنۈمىنى يوقاتقان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋارلارنى سېتىش؛

(6) ساتقان تاۋارنىڭ مىقدارى تولۇق بولماسلىق؛

(7) مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە راسخوتى ۋەدىگە خىلاپ بولۇش؛

(8) ئىستىمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان رىمونت قىلىپ بىرىش، قايتا ياساپ بىرىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش، مالنى قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بىرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى زىياننى تۆلەپ بىرىش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سۈرۈش ياكى يولسىز رەت قىلش؛

(9) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئىستىمالچىلارنڭ ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

41- ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن ئىستىمالچىلار ياكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار زەخمىلەنگەن بولسا، داۋالىنىش ھەققى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى كۈتۈش ھەققى، خىزمىتىگە دەخلى يىتىپ ئازىيىپ كەتكەن كىرىمى قاتارلىقلارنى بىرىشى لازىم. مىيىپ بولۇپ قالغانلارغا تۇرمۇش سايمان پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، مىيىپ تۆلەم پۇلى ۋە ئۇنى باققۇچى كىشىگە ئېھتىياجلىق تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق ھەقلەرنى تۆلشى لازىم. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

42- ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگە تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن ئىستىمالچىلار ياكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۆلۈپ كەتكەنبولسا، ئۆلۈم ئۇزىتىش پۇلى، ئۆلۈم پۇلى ۋە ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا باققان كىشىلەرگە كىرەكلىك تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى بىرىشى لازىم؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

43- ماددا تىجارەتچىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 25- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىنسانى ئىززەت- ھۆرمىتى ياكى ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكىگە دەخى- تەرۈز قىلغان بولسا، دەخلى- تەرۈز قىلىشنى توختىتىشى، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى، ناماقۇل بولۇشى ۋە زىياننى تۆلەپ بىرىشى لازىم.

44- ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن ئىستىمالچىلارنىڭ مال- مۈلۈكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە رىمونت قىلىپ بىرىش، قايتا ياساپ بىرىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش، قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇلاپ بىرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى زىياننى تۆلەپ بىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، ئىستىمالچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئايرىم ۋەدىلەشكەن بولسا، ۋەدە بويىچە ئىش قىلىشى لازىم.

45- ماددا دۆلەت رىمونت قىلىپ بىرىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش، قايتۇرۇپ بىرىشنى ھۆددە قىلىشنى بەلگىلىگەن ياكى تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستىمالچىلار رىمونت قىلىپ بىرىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش ياكى مالنى قايتۇرۇشقا ۋەدىلەشكەن تاۋارلارغا تىجارەتچىلەر مەسئۇل بولۇشى لازىم. رىمونت قىلىپ بىرىش ھۆددە قىلىنغان مەزگىل ئىچىدە ئىككى قېتىم رىمونت قىلىنغاندىن كىينمۇ، يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولمىغانلىرنى ئالماشتۇرۇپ بىرىش ياكى مال قايتۇرۇشقا تىجارەتچىلەر مەسئۇل بولۇشى لازىم.

رىمونت قىلىپ بىرىش، ئالماشتۇرۇپ بىرىش، قايتۇرۇش ھۆددە قىلىنغان چوڭ تاۋارلارنى ئىستىمالچىلار تىجارەتچىلەرنىڭ رىمونت قىلىپ بىرىشى، ئالماشتۇرپ بىرىشى، قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغاندا، تىجارەتچىلەر توشۇش راسخوتى قاتارلىق مۇۋاپىق راسخوتلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

46- ماددا تاۋارنى پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بويىچە تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەر تاۋارنى ۋەدە بويىچە تەمىنلىشى لازىم. ۋەدە بويىچە تەمىنلىمىگەنلىرى ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشى ياكى مال پۇلىنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئىستىمالچىلار تۆلەشكە تىگىشلىك مۇۋاپىق راسخوتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

47- ماددا ئالدىن پۇل ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ۋەدە بويىچە تەمىنلىشى لازىم. ۋەدە بويىچە تەمىنلىمىگەنلىرى ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ۋەدىسىنى ئادا قىلىش ياكى ئالدىنئالغان پۇلنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئالدىن ئالغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى، ئىستىمالچىلار تۆلەشكە تىگىشلىك مۇۋاپىق راسخوتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

48- ماددا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماقلار قانۇن بويىچە لاياقەتسىزلىكىنى بىكىتكەن تاۋارلارنى ئىستىمالچىلار قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر مالنى قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى لازىم.

49- ماددا تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە ئالدامچىلىق قىلمىشى بولسا، ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇچرىغان زىياننى ھەسسىلەپ تۆلەپ بىرىشى لازىم. ھەسسىلەپ تۆلەپ بىرىلگەن سومما ئىستىمالچىلار سېتىۋالغان تاۋارنىڭ باھاسى ياكى قوبۇل قىلغان مۇلازىمەت راسخوتىنىڭ بىر ھەسسىسىچىلىك بولىدۇ.

50- ماددا تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملاردا جازالاش ئورگىنى ۋە جازالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا بەلگىلىمە بارلىرى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرىنى سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم ياكى قوشۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلسا، قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا 10مىڭ يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) جىسمانى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان تاۋارلارنى ئىشلەش ۋە سېتىش؛

(2) تاۋارغا باشقا ساختا تاۋارلارنى ئارىلارشتۇرۇش، ساختا تاۋارنى راسىت قىلىپ كۆرسىتىش، ناچار تاۋارنى ياخشى تاۋار قىلىپ يىكىلاياقەتسىز تاۋارنى لاياقەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش؛

(3) دۆلەت شاللىۋىتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن تاۋارلارنى ئىشلەش ياكى ئۈنۈمىنى يوقاتقان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋارلارنى سېتىش؛

(4) تاۋار ئىشلەپچىقىرىلغان جاينى ئويدۇرۇش، باشقا زاۋۇتلارنىڭ نامى، ئادىرىسىنى ئويدۇرۇش ياكى سۈيئىستىمال قىلىش، گۇۋاھلىق بەلگىسى، داڭلىق مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ئويدۇرۇش ياكى سۈيئىستىمال قىلىش؛

(5) تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشقا تىگىشلىك تاۋارلارنى تەكشۈرۈتمەي، كارانتىن قىلدۇرماي سېتىش ياكى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇش؛

(6) تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش؛

(7) ئىستىمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان رىمونت قىلىپ بىرىش، قايتا ياساپ بىرىش، ئالماشتۇرپ بىرىش، مال قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بىرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بىرىش ياكى زىياننى تۆلەپ بىرىش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سرۈش ياكى يولسىز رەت قىلش؛

(8) ئىستىمالچىلارنىڭ ئىنسانى ئىززەت- ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكىگە دەخلى- تەرۈز قىلىش؛

(9) قانۇن، نىزاملاردا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزسە جازالاش كىرەكلىكى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

51- ماددا تىجارەتچى مەمۇرى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

52- ماددا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماق خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرى تارماق خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشتا، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشتا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى قوللانمىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش- باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ.

53- ماددا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ياكى ئىستىمالچىلارنڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزگەن تىجارەتچىلەرنىڭ قىلمىشىنى قانات ئاستىغا ئالغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرى چارە كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىناي جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

سەككىزىنچى باپ قوشۇمچە پرىنسىپ

54- ماددا دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاستە ئىشلىتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشتە بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

55- ماددا بۇ قانۇن 1994- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش