ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ كىشى

ۋاقىت : 2013-07-25 18:43 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەمگەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ كىشى
 

                                                                                  جاڭ جىمىن
 
       قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر دىئالوگ بار. خەن شەنزى شى دېدىن : « ھاياتتا بەزىلەر ماڭا قارا چاپلاپ، مېنى ئالدىسا؛ بەزىلەر مېنى ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلدى؛يەنە بەزىلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمسىتتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. شى دې كۈلۈپ تۇرۇپ :« ئۇنىڭغا چىدا،يول قوي؛ ئۇنىڭدىن ساقلان،ئۇنى مەيلىگە قويىۋەت؛ ئۇنىڭغا سەۋر قىل،ھۆرمەت قىل؛ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. نەچچە يىل ئۆتكەندە ئاشۇلارغا قايتا قاراپ باققىن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
  بۇنداق دۇردانە جۈملىلەر نۇرغۇن ھايات ھېكمىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان. كەڭ قورساقلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھايات پەلسەپىسىدۇر.سىز ھاياتىڭىزدا كۆكسى –قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ بۇ ئۈچ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.
 

ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. ھاياتتا قىلغان ئون ئىشىڭىزنىڭ سەككىز-توققۇزى دېگۈدەك كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. جاھاندا كەم-كۇتىسىز ئىش بولمايدۇ.شۇنداقلا، ھەممە ئادەمنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ۋە قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ.
 كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز دائىم ئۆز- ئۆزىڭىزنى  ئەيىبلەۋەرسىڭىز، ھاياتىڭىز ئۈمۈتسىزلىك پاتقىغىقا پېتىپ قالىدۇ.ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىز تۈزەلمەيلا قالماي ، ئەكسىچە  تېخىمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ. شۇڭا، سىز ھەر ۋاقىت تەبەسسۇمىڭىز بىلەن ئۆز -ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇڭ.
 

دۇشمەنلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ.رىقابەت كەسكىن بۇ دەۋردە قاچانلاردا بىر دۈشمىنىڭىزنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىسىز.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىزمەت بېسىمى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان زاماندا بەزى كىشىلەرنىڭ سىز بىلەن ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولىشىدىن خالىي بولماق تەس.
 ئۇ، بەلكىم كەينىڭىزدىن گەپ تاپقاندۇ،سىزگە قارا چاپلىغاندۇ ياكى  سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەندۇ. شۇنداق ،گەرچە سىز بىر يۇۋاش-يۇمشاق ئادەم بولسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىقلار بۇسۇغىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق چاغدا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ دۈشمىنڭىزگە ئوخشاش پىتنىخورلوق قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى سىزنى ئورىغا ئىتتىزگەنلەرگە  ئاداۋەت ساقلاپ ئۆتۈشىڭىز كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە،ئۇلارغا يەنىلا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.
 چۈنكى، غەزەپلەنسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىسىز. دۈشمىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ،ئاشۇ رەزىللىكلەر سىزنى ھاياتتىكى گۈزەللىكلەرنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگەتتى.سىزگە ھەقىقىي بەختنىڭ نىمىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تۇنۇتتى.
سىز يەنە دوستلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. خوشاللىق ئىزدەش سەپىرىدە ئېھتىمال ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز سىزگە ئەڭ ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەندۇ. بىراق،دوستلىرىڭىز بۇلارنى مەقسەتسىزلا ياكى بىر دەملىك ھەسەتخورلۇقتىن قىلىپ سالغان بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا،سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.چۈنكى،ئۇلار ئىلگىرى سىزگە ياردەم بەرگەن ۋە خوشاللىق ئاتا قىلغان.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ