شىنجاڭدا يېزا ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز ئوزۇقلۇق تاماق يى
شىنجاڭدا 917 مىڭ يېزا ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز ئوزۇقلۇق تاماق يىيەلەيدىغان بولدى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جىڭ بو خەۋىرى) : «ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى ئومۇميۈزلۈك يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ناچار بولۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، 917 مىڭ يېزا ئوقۇغۇچىسى مەنپەئەتكە ئېرىشتى». 3-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى جىن بورەن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بىر يىلغا يېقىن بولغان ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىغا باھا بەردى.
دۆلەت يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەتنىڭ سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 840 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەربىرى كۈنىگە 3 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلۇق ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇ يىل فېۋرالدا، ئوزۇقلۇق تاماق پىلانى ئاپتونوم رايون يولغا قويغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىكى مەركەزلىك ھالدا مەكتەپ باشقۇرغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ۋە ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم تەستىقلاپ بېكىتكەن يەتتە سىناق ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلاردىن جەمئىي 77مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق تاماق ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئەڭ نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تاماق يېيىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىنى سىناق قىلىش خىزمىتىدە جەمئىي 917 مىڭ ئوقۇغۇچى مەنپەئەتكە ئېرىشتى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ئومومىي سانىنىڭ %53.32 نى تەشكىل قىلىدۇ.
قەشقەر يېڭىشەھەر ئارال يېزىسىدىكى ئەخەت ئۇبۇل خوشال بولغان ھالدا:«ھازىر بالىلار ھەركۈنى بىخەتەر، مېزىلىك ئوزۇقلۇق تاماق يېيەلەيدىغان بولدى، بىز ئاتا-ئانىلار بەك خاتىرجەم بولدۇق» دېگەن.
مۇخبىر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئۇقتى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى مەزكۇر ناھىيەدىكى جەمئىي 108 مەكتەپ، 460مىڭ 950 ئوقۇغۇچىغا چېتىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى تويغۇچە تاماق يېيىشى ئۈچۈن، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى مەكتەپ ئاشخانىسىنى بىردەك ئۆزى ئېچىشنى، سىرتقا ھۆددىگە بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى يەنە مەخسۇس ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تاماق-سەي تىزىملىكى تۈزۈپ، يېمەكلىك ئەشيالىرىنى كىرگۈزۈش يوللىرى ۋە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تاماق بىلەن تەمىنلەش كارخانلىرى بىر تۇتاش تەقسىملەشنى يولغا قويغان. ھەربىر ئوقۇغۇچىنى كۈنىگە ئۈچ يۈەندىن، ھەريىلى 200 كۈن ئۆلچەم بويىچە، بىر خالتا ئوقۇغۇچىلار سۈتى، بىر تۇخۇم، بىر بولكا بىلەن تەمىنلىگەن.
ئاپتونوم رايوننىڭ سىناق ناھىيەسى بولغان ئارشاڭ ناھىيەسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تامىقىنىڭ بىخەتەر، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن كارخانىلار ئوزۇقلۇق يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى بېكىتكەن، ھەمدە ساقلاش، تەقسىملەش مەركىزى قۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ تاقاق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئۈچ نەپەر مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ يېمەكلىكلەرنى ئىسكىلاتتىن چىقىرىش ۋە تەقسىملەش قاتارلىق ھالقىلارنى پۈتۈن جەريان بويىچە نازارەت قىلىپ، ھەركۈنى تەقسىملىگەن يېمەكلىكلەردىن ئەۋرىشكە قالدۇرۇپ تىزىملىغان، ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىنى قاتتىق چەكلىگەن.
جىم بورەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىدىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئىشنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن جايلار يەنە «ئۈچ يۈەن» دىن پۇل قوشتى. بەزى جايلار يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغى ئاجىرتىپ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق بولغان تاماق يەتكۈزۈش ماشىنىسى، تاماق ئېتىش ئۈسكىنىسى، سۇ قاينىتىش پار قازىنى، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى، سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسى، يېمەكلىكلەرنى ساقلاش جازىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى.
ئاشخانا قۇرۇلۇشى ئاجىز بولغانلىقدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تەخمىنەن %90 ى سىناق ناھىيەسى كارخانىلار تاماق بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسى ۋە دەرىس ئارلىقىدا تاماقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللىغان، ئاز ساندىكى ئاشخانا قۇرۇلۇشى ئاساسىي بىر قەدەر ياخشى ناھىيەگە ئاشخانا تاماق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقلىنىش مۇھىتى ناچار بولۇش ، تاماق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا ھەددىن ئارتۇق تايىنىۋېلىش ۋە دەرس ئارلىقىدا تاقاق بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، بۇ ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىكى 31 سىناق ناھىيەسىنى قاپلىدى.
(تەھرىر : سەپەر)
« شىنجاڭدا يېزا ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز ئوزۇقلۇق تاماق يى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: پويىز بېلىتىدە مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىش خەۋپى بار
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مە
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كا
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پاي
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالاي
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچ
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسى
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- كېسەللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش .
- ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىس
- دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە جەمئىيەتكە زىيان ي
- سۇغوق ئىچملىكنىڭ تەسرى
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خا
- مەكتەپ چوقۇم 48 سائەت ئىچىدە دېلو مەلۇم ق
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- دۇنيا مىراسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى
- 272 نەپەر ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىر-س
- تاماقتىن كېيىن جىم ئولتۇرۇش جىگەرگە پايدىلىق
- ياز پەسلى يۈرەكنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
- ياشانغانلار كۆزىنى ئاسرىشى كىرەك.
- ئاققوناق ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدۇ
- ناشتا قىلمايدىغانلار بەش خىل خەۋپكە ئۇچرايدى
- قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر تۇزنى كۆپ ئىسىتمال ق
- «ت»تاۋۇشىدا تەسۋىرلەنگەن تەپسىرات
- تور بانكىسى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىل
- ئاپتونوم رايون 6 مىڭ 599 مەخسۇس تېخنىكا خادىم ت
- ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ئىنسانىي مېھىرنىڭ قىممىتى
- كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى نىمە ئۈ
- ‹ئانا تىلىمنى سۆيىمەن› مايكىلىرى بازارغا س
- قۇش زۇكۇمى كىشىلەرگە ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىشكە
- ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكم
- 2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئ
- 2013- يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېك
- جىددى خوشخەۋەر (10مىڭ ئوقۇتقۇچى تول
- ئۆزىڭىزنىڭ قىياپىتىدىن پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى
- ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بىرىدىغانلار ئۇچۇن د
- مەكتەپ قوش تىل ئارخىپى ماتىرياللى
- ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۇپ،گۇزەل
- ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 520جۇملە
- بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەببۇس
- خەنزۇتىلىدىكى يان بۆلەكلەر چۇشەند
- ئائىلە _ جەننەت، ئائىلە _ بىر كىچىك
- ( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير