‹‹چۆچۈرە قايناق›› ئويۇنى
‹‹چۆچۈرە قايناق›› ئويۇنى
‹‹چۆچۈرە قايناق›› ئويۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى بولغان چۆچۈرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قىز – ئوغۇل ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ‹‹ئانىكام چۆچۈرە›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇن ئادەتتە بىر يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە، كۆپىنچە ئەتىيازدا ئوينىلىدۇ.

بالىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، لايدىن يۇغۇرۇلغان ‹‹خېمىر››، ئوت ــ چۆپتىن تەييارلانغان ‹‹كۆك›› قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەقلەپ، ئۆز ئىچىدىن چوڭراق بىرەيلەننى ‹‹ئانا›› سايلايدۇ، ئاندىن ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ بىر چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ – دە، ‹‹ئانا››نى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چۆرگىلەيدۇ. ‹‹ئانا›› دۈگىلەك ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرۇپ ‹‹چۆچۈرە›› تۈگۈش ھەرىكىتىنى دوراپ، باشتا تەييارلانغان ئوت – چۆپلەرنى لاي جىلتىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ‹‹چۆچۈرە›› تۈگىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ‹‹ئانا›› ئەتراپىدا دۈگىلەك بولۇپ ئايلىنىۋاتقان بالىلار:
چۆچۈرە قاينايدۇ،
ئانام ماڭا بەرمەيدۇ.
بەرمىسە بەرمىسۇن،
ئىشىكىنى تاقاپ يېۋاسۇن.
ئاق ئۆيدە ئايىم بار،
پىيالىدە چايىم بار.
مېنىڭ ياراتقان ئىگەم بار،
ئاخىر بىر كۈن سوراق بار.
ئاش بەرسە سۇيۇق بەردى،
نان بەرسە كۆيۈك بەردى.
قانداق قىلاي، ئاللا،
ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.
......
دەپ قوشاق ئېيتقاچ گۈررىدە ‹‹ئانا››نىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:
– چۆچۈرە پىشتىمۇ؟ – دەپ توۋلايدۇ.
– بىردەم تۇرۇپ كېلىڭلار، – دەپ جاۋاب بېرىدۇ «ئانا».
بالىلار دەرھال ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ قايتىدىن دۈگلەك بولۇپ، بايىقى قوشاقنى تەكرار ئوقۇپ ئاندىن: ‹‹چۆچۈرە پىشتىمۇ؟›› دەپ قايتا سورايدۇ. ‹‹ئانا››: ‹‹پىشتى، مەن قاچا – قۇچا تەييارلاي›› دەپ بىر يانغا سۈرۈلىدۇ. بالىلار ئانىنىڭ چۆچۈرە يېنىدىن نېرى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ چۆچۈرىنىڭ ھەممىسىنى ‹‹يېۋالىدۇ››. بىردەمدىن كېيىن قاچا – قۇچا ئېلىپ كەلگەن ‹‹ئانا›› بالىلارنى قوغلايدۇ، بالىلار قاچىدۇ. ‹‹ئانا›› قوغلاپ تۇتۇۋالغان بالىدىن: ‹‹سەن قانچە چۆچۈرە يېدىڭ؟›› دەپ سورايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بالىلارنىڭ چۆچۈرىنى ئەڭ كۆپ ‹‹يېۋال››غىنى ‹‹ئانا›› قىلىنىپ، ئويۇن يېڭىدىن باشلىنىدۇ.
بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق ئۆز ئاتا – بوۋىسىدىن تارتىپ ئەتىۋارلىنىپ كېلىۋاتقان چۆچۈرە تۈرلىرىنى ياد ئېتىدۇ، كىچىكىدىنلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دائىر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىدۇ، ئۆزئار ئىناق ئۆتۈشكە، ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولۇشقا ئادەتلىنىدۇ.
مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.
(تەھرىر : admin)
«‹‹چۆچۈرە قايناق›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسىخىكىسىغا قا
- ‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
- ‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى
- ‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى
- سالما تاشلاش ئويۇنى
- ‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى
- پىلانلىق بالا
- تاپالامسىز؟
- ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى