![]() |
ئېلىمىزدە جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ دوختۇرغا
كۆرۈنۈش نىسبىتى %1كە يەتمەيدۇ 2012-يىللىق «جۇڭگو جىم تۇرالماسلىق كېسىلى (مېڭە ئىقتىدارى يېنىك دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچراش ئۇنىۋېرسال كېسىلى)گە گىرىپتار بولغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى 5 - ماي بېيجىڭدا باشلاندى.
بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بالىلار جىم تۇرالماسلىق كېسىلى توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى ۋە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
جۇڭخۇا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى بالىلار كېسەللىرى شۆبە جەمئىيىتىدىن پىروفېسسور شېن كۇنلىڭ مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ بالىلار جىم تۇرالماسلىق كېسىلى توغرىسىدىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، بۇنداق كېسەلنىڭ مەخسۇس دوختۇرلىرى يېتىشمەيدۇ، داۋالاش قېلىپلاشمىغان، ئېلىمىزدە جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش نىسبىتى %1كە يەتمەيدۇ. جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، مەملىكەت دائىرىسىدە قېلىپلاشقان داۋالاش ئەندىزىسى ئورنىتىش، بۇ كېسەل توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمىي بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئارىسىدا جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار %3تىن %5كىچە ئىكەن، بۇ، جۇڭگودا 20 مىليون بالىنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭخۇا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى روھىي كېسەللەر شۆبە جەمئىيىتى بالىلار روھىي كېسىلى ئىلمىي گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، بېيجىڭ «ئەندىڭ» دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور جېڭ يى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋاقتىدا داۋالىنالمىسا، ئۇلارنىڭ %50 ~ %60ىنىڭ كېسەل ئالامىتى قۇرامىغا يەتكۈچە داۋاملىشىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %75ى قۇرامىغا يەتكەندە روھىي توسالغۇ، خامۇشلۇق قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. تەھىرلىگۇچى:admin
|