ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ دېگەندە 20 مىنۇتلا ئويناش لازىم
![]() بالىلار ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ئوينىغاندا ، چوقۇم چەكلىمىسى بولۇشى، ھەر 20 مىنۇتتا چوقۇم ئازراق دەم ئېلىشى لازىم . دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ، Ipad كە ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنىڭ رەڭگى بەكلا ئوچۇق بولۇپ ، بالىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىكەن ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيانلىق ئىكەن . كۆز چارچايدۇ : بالىلار Ipad تىكى سۈرەت ، خەت ، رەقەملەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ، چوقۇم كىرپىكسىمان مۇسكۇلىنى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ : ئېلېكتىرونلۇق ئېكران بىۋاستە يورۇقلۇق مەنبەسىگە تەۋە بولۇپ ، يۇقىرى چاستوتىنىڭ تەكرار چاقنىشى كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى غىدىقلاپ جىددىي ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ-دە، كرىستال لىنزا ھەددىدىن زىيادە ئېگىلىپ ، ئۇزاق مۇددەت كۆزنى ئىشلەتكەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . كۆز قۇرغاقلىشىپ ياللۇغلىنىدۇ : Ipad كە ئۇزاق مۇددەت قادىلىپ ئولتۇرغاندا ، كۆزنى چىمچىقلىتىش قېتىم سانى ئازلاپ ، ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېزلاپ ئاجرالما ئازلايدۇ-دە ، كۆز ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ ئارامسىزلىنىدۇ. ھەمدە بۇ ۋاقىتتا بالا قولى بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاشقا ئامراق بولغاچقا، كۆزنىڭ قىزىرىپ ، ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن . ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
|