پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-14 15:13 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: تىۋىپ كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: بىرىنچى: بالىلارنىڭ بۇرۇن شى

 

بالىلارنىڭ بۇرنى قانىسا

 

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:

  بىرىنچى: بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار بەك كۆپ بولىدۇ. بۇرۇن توسمىسى (ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تام)نىڭ ئالدى ۋە ئاستى تەرىپىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇرۇن ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇرۇن قاناشنىڭ90 پىرسەنتى مۇشۇ ئورۇندىن بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ–دە، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

  ئىككىنچى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

  ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ بۇرنىنى تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى يەنى بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكىنى چىڭ قىسىۋېلىپ ماڭقىسىنى تاشلىغاندا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچ بېسىمى ئۆرلەپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

  تۆتىنچى، بۇرۇننى كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

  بەشىنچى، بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش. مەسىلەن، قان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا–ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، قان تېخىمۇ كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا–ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ قايسى تەرىپىدىن قان چىققانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ، ئاندىن قول بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوش سىقىپ بېرىشى كېرەك. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئارىسىدىكى ئاسان قانايدىغان شىللىق پەردىنىڭ ئورنىنى بېسىپ تۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بېسىپ بەرسە قان ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ ياكى يېرىم ئولتۇرغۇزۇپ بەرسىمۇ بۇرۇننىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ قان توختايدۇ. ئەگەر قان بەك كۆپ چىقىپ كەتسە، بالىنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق سۇ سېپىش ياكى لۆڭگىگە مۇز ئوراپ يېقىپ بەرسىمۇ يۈز قىسمىدىكى تومۇرلار تارىيىپ بۇرۇنغا بارىدىغان قان ئازلايدۇ ۋە ئىككى–ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قان كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ بۇرنى قانىغاندا بالىنىڭ بېشىنى پەس قىلىپ، ئۈستىگە قاراتماسلىق كېرەك. بولمىسا قان بالىنىڭ يۇتقۇنچىقى ئارقىلىق نەپەس يولىغا ئۆتۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ قان يەنە توختىمىسا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

تىۋىپنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر