يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلاردىكى قان ئازل
بالىلىرىمىز نىمە ئۈچ
بالىلارغا مېۋە–چېۋە
توڭلاتقۇدىكى بەزى نە
1. موزاي، قوي، ئۆچكە بېغىرلىرىنى چالا كاۋاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا زېرە، قارىمۇچ سېپىپ يېگۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئون گرام چوڭ چىلاننى پاكىز يۇيۇپ، 250 گرام پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، 400 گرام كالا قېنى بىلەن بىللە قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ، نورمال ئوتتا قاينىتىپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. مۇۋاپىق مىقداردا بادام مېغىزى ۋە ئامۇت يېگۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. 100 گىرام پالەكنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچكۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىل ئۈزۈمنى چىلاپ(دەملەپ) ئىچۈرسە بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. نارجىلنى شېكەر بىلەن قوشۇپ يېگۈزسە بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. 200 گىرام بېدە كۆكىنى بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، 200 گىرام شېكەر سېلىپ شەربەت قىلىپ مۇۋاپىق ئىچكۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. بىر دانە تۇخۇم سېرىقىغا 200 گىرام يىلىكنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ يېگۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
9. شاتۇت يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، ناۋات سېلىپ قىيام قىلىپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15~30 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرسا، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن