يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
بالىلىرىمىزغا توغرا
پولات نىياز
يىتىم قىلدۇق بالىنى ئۆلمەي ھايات تۇرۇقلۇق،
كېلىشەلمەي تۇرمۇشتا قىلىشىپلا ئۇشۇقلۇق،
ئۆزىمىزنىڭ پۇشتىغا بېرەلمەستىن ئۇتۇقلۇق،
قاراڭغۇدا تىنىسە ئاچالمىدۇق يورۇقلۇق،
يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.
ياخشى كۆردۇق دىيىشىپ تەستە قىلدۇق بۇ توينى،
جامائەتنى چاقىرىپ سۇيۇپ كالا ۋە قوينى،
جاپا تارتىپ ھالالدىن ئاران تۇتتۇق بۇ ئۆينى،
ئۈزۈلدۈرمەي ئېيتايلى بىرگە ئېيتقان بۇ كۈينى،
يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.
ئۆگەي بالا ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە شوخ ئويناپ،
يەنە كەلدى بۇ شۇم دەپ يەكلىمەيلى غۇدۇراپ،
ئالاي تەتىل تاپشۇرۇق دېسە بىزگە پۇل سوراپ،
يولغا سېلىپ قويمايلى بېرىپ لازا توڭ غۇراپ،
يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.
ئۆگەي بالا بىزنىڭمۇ كۆزىمىزنىڭ قارىسى،
ياخشى كۆرگەن ئاشىقنىڭ يۈرۈگۈنىڭ پارىسى،
ئەگەر قالسا تەڭلىكتە يوقتۇر ئۇنىڭ چارىسى،
بىزنى خىجىل قىلمىسۇن ئۆگەيلەرنىڭ نالىسى،
يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.
ئىككى ئۆينىڭ ئارىستا بالا تىنەپ يۈرمىسۇن،
ئوغرىلىقچە باغلاردىن مېۋە ئۈزۈپ سالمىسۇن،
ناچار ئىللەت يۇقتۇرۇپ يامان ئىشقا ئازمىسۇن،
جەمئىيەتتە ئاقىۋەت داشقال بولۇپ قالمىسۇن،
يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.
ئۆگەي بالا ئۆز بالا، ئۆگەي ئانا ئۆز ئانا،
گۈل چىمەندەك كۆكلىسۇن نارىسىدە شۇ بالا،
يامان غەيرى ئىشلارغا بوپ قالمىسۇن مۇپتىلا،
مېھرى - شەپقەت چېھرىدىن گۈلگە تولسۇن بۇ دۇنيا،
يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇنا يوق.
(ئاپتور چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن)