يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
بالىلىرىمىزغا توغرا
ئامانگۈل نىياز
يېڭى ئوقۇش باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر كۈنى چۈشتە ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز كارىدوردا بىر قىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسام يەسلىمىزنىڭ تەييارلىق سىنپىدىكى بىر قىز دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاۋېتىپتۇ، قىزنىڭ تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكەچ سەۋەبىنى سورىسام دادىسىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرمەي سېغىنىپ كەتكەنلىگىنى ئېسەدىگىنىچە ئېيتىپ بەردى. مەن سۇئال نەزىرىدە قىزنىڭ دادىسىغا قارىدىم، ئەر-ئايال ئىككىسى مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئاجرىشىپ كەتكىلى بىر يىل بوپتۇ. سەبىي قىزنىڭ مۇنچاق- مۇنچاق ياشلىرى تەسىر قىلدىمۇ ۋە ياكى ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالماي، ئاجرىشىپ پەرزەنتىنى مۇشۇ كۈنگە قويغىنى تەسىر قىلدىمۇ، ئەيتاۋۇر سەل جۇدۇنۇم تۇتۇپ سورىدىم:
- ھەر ئىككىڭلار ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىلەر، ئاجرىشىپ كەتمىسەڭلار بولمىغىدەك ئاراڭلاردا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان چوڭ ئىشلار بولغانمىدى؟!
- چوڭ ئىش دېگۈدەك ئىشمۇ بولمىغان، تۇرمۇشقا بىر نەرسە دېمەك بەك تەسكەن، بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، مەنمۇ بۇنداق بولۇشىنى پەقەت خالىمايتتىم... - دادا ئوڭايسىزلانغىنىچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
مەن بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاچ، قىزنى پەپىلەپ سىنىپىغا ئەكىرىپ قويدۇم. كىچىككىنە بىر ئىشلارغا قىيداپ ئاچچىقىدا ئاجرىشىپ كەتكەن بۇ ئاتا- ئانىنىڭ قىزىنىڭ چىرايىدىكى مەيۈسلۈك، ياش لىغىرلاپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلىرى بىردىنلا يۈرۈكىمنى ئېچىشتۇرۋەتتى، شۇ زامان مۇشۇ قىزغا ئوخشاش بالىلىق قەلبى جاراھەتلەنگەن، كۆزلىرى ياشقا تولغان سەبىيلەردىن يەسلىمىزدە قانچىسى بارلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئىستىگى تۇغۇلدى-دە، ئېنىقلاشقا كىرىشتىم. 4 سىنىپ، 133 نەپەر ئوقۇغۇچىسى (5 - 6 ياش) بار بۇ قوش تىللىق بالىلار يەسلىسىدە 13 سەبىي يېتىمكەن، توۋا… بۈگۈنكىدەك ھەممە كىشىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسۈپ، بىلىم ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان، پەقەت بىر، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان شارائىتتىمۇ شۇنچە كۆپ سەبىيلەرنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قېلىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز شۇنچىلىك جاپالىق مۇھىت، غۇربەتچىلىك شارائىتتىمۇ 5-6 بالىنى بېقىپ، تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ئەمەسمىدى؟! ھالا بۈگۈنكى بەختىيار كۈنگە كەلگەندە شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى نەگە كەتتى؟
ھەممە ئادەمگە بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان، ئاتا-ئانا باغرىدا ۋىلىقلاپ كۈلۈپ ئۆتىدىغان، بىغۇبار، سەبىي چىرايلارنى ئەكسىچە سۇلغۇنلۇق، مەيۈسلۈك قاپلىسا، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئىز باسارلىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن خازان قىلىپ، يەنە قانداقمۇ پارلاق ئەتىمىزدىن، شانلىق تەرەققىياتلاردىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ قانچىلىغان يېتىملارنىڭ مەكتەپلەردە، جەمئىيەتتە بويۇن قىسىپ يۈرىۋاتقانلىقىنى قايسىمىز ساناپ بېرەلەيمىز؟! يېتىملارغا يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئىللىقلىق، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىنىڭ مېھرى چەكلىك، ئاتا-ئانا مېھرىگە نېمە يەتسۇن؟!
بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتەلەيدىغان سۆيۈملۈك ھەدە - سىڭىللار، ئاجايىپ كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە ئاكا-ئىنىلەر! دۇنيا خىرىسقا تولغان، ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئۇچۇرلىشىۋاتقان، بۈگۈنكى يېڭىلىق ئەتىسىگىلا كونىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان شارائىتتا بىزمۇ ئۇيقىمىزنى ئېچىپ ئويلىنىپ باقايلى! باشقا ئەللەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى! قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر - بىرىمىزگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەيلى! جەمئىيەتكە، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلايلى! تۇرمۇش يولى گەرچە ئەگرى - توقاي بولسىمۇ، سۇنماس ئىرادىلا بولىدىكەن، چوقۇم تۇرمۇشنىڭ قاتتىق سىناقلىرىغا، تۈرلۈك بوران –چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلايمىز! بىغۇبار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى يارا قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەيلى! بىر كۈنلەر كېلىپ قىلغان ئەجرىمىزنىڭ تاتلىق مېۋىسىنى پەرزەنتلىرىمىز تېتىتسا ئەجەپ ئەمەس!