يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
بالىلىرىمىزغا توغرا
پەرزەنىت كۆڭلى ئۆلمىسۇن ، گۈل چىرايلار سۇلمىسۇن
ئوسمان زاھىر
50 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ دادا ئەينى چاغدا ياشلىقنىڭ بەڭۋاش كوچىلىرىغا كىرىپ، ئارمانلىق دۇنيانىڭ گۈزەل چىمەنلىكلىرىنى كېزىپ، بەخت، ئازاب، نى–نى قىسمەت، رەڭگارەڭ تۇيغۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان. ۋەھالەنكى، ئۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكنىڭ، توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ‹‹ئازغۇن››لۇقنىڭ ئۆز ھاياتىغا ئۆمۈرلۈك غەم–غۇسسە كۆلەڭگىسى تاشلاپ، يۈرەك پارىسىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرۈلمەيدىغان تاش يۈرەككە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ توي قىلىپ بەش–ئالتە يىلغىچە تۇرمۇشى ھەر ھالدا خاتىرجەم ئۆتتى. بالىلار ئۈچكە يەتكەندە ئۇ ھاراققا خۇمار بولۇۋېلىپ دائىم ئۆيىگە مەست كىرىپ ئايالىنى ئۇرىدىغان بولۇۋالدى. ئۆيىدە ئولتۇرۇش بولغان كۈنلىرى بىچارە ئايال قۇچىقىدىكى بالىسىنى پەپىلىگەچ ئۇنىڭغا زاكۇسكا تەييارلايتتى. تۈگىمەس تېتىقسىز پاراڭلار، ھاياسىز كۆز بېقىشىشلارغا تەڭكەش ئالا–تاغىل ناخشىلار تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلاتتى. ئۈزۈلمەس ئولتۇرۇش، جەڭگە–جېدەللەر داۋامىدا ئوغۇلمۇ بارا–بارا چوڭىيىپ مەكتەپتە بالىلارنىڭ نوچىسى، مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئاتامانى بولۇپ قالدى. كۈنلەر ئۆتۈپ تېخى دادىسىنىڭ تىقىپ قويغان ھاراق–تاماكىلىرىغا شېرىكمۇ بولىدىغان بولدى. ئۇ ئوغرىلاپ كەلگەن توخۇلار زاكۇسكىغا ئايلىناتتى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتىن ئۇلار ئاخىر زېرىكتى. تۇنجى نىكاھ سەپىرىگە ئەنە ئاشۇنداق چېكىت قويۇلدى. ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىدى. ئوغۇل دادىغا بۇيرۇپ بېرىلدى. دادا ئۈچ نىكاھلىق بولۇپمۇ كېلىشەلمىدى. ئوغۇل يېڭىدىن–يېڭى ئائىلە مۇھىتى، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ‹‹ئانا››لار ئالدىدا مۇھەببەتسىز، مېھىرسىز چوڭ بولدى. تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن تەلتۆكۈس يۈز ئۆرىدى. تالاي ئاچچىق قىسمەتلەر دادىنىمۇ ئۆزگەرتتى. ئۇ ھاراقنى ئۈزۈل–كېسىل تاشلىدى. تۇرمۇشىنى يېڭىباشتىن باشلاشقا، پەرزەنتىگە ھەقىقىي ئاتىلىق مېھرىنى بېرىشكە بەل باغلىدى. ئەپسۇس، ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى. ئوغۇل ئاللىبۇرۇن تۈرمىنىڭ دائىملىق ‹‹مېھمان››ىغا ئايلىنىپ بولغانىدى. مەن ئۇنىڭ يېقىندا يەنە ئوغرىلىق سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
دادا ئاخىرقى قېتىم نىكاھلانغاندىن كېيىن ئوغلى بۇ ئۆيگە قايتا ئاياغ باسمىدى. دادىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالمىدى. ئاران تېپىپ كەلگەندە بولسا يەنە غىپپىدە تىكىۋەتتى. دادا ئۇنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھەتتا تەسىرلىنىپ قالار دەپ ياخشى گەپلەرنىمۇ قىلىپ باقتى. بىراق ئوغۇل بارلىق تىرىشچانلىقلار ئالدىدا ياغاچ ھەيكەلدەك ئىپادىسىز قېتىپ تۇرۇۋەردى. بۇنىڭ بىلەن دادا بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ‹‹نۆل›› بىلەن خۇلاسىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
مەن ھەر قېتىم بۇ ئادەمنى كوچىدا ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭ ياداڭغۇ چىرايى، ئورا كۆزلىرىگە چوڭقۇر بىر ھەسرەتنىڭ يوشۇرۇنغىنىنى كۆرىمەن. بەلكىم بۇ دادا ھاياتىدىكى خاتا باسقان قەدىمىگە، بالىسىغا كىچىكىدىن ئىگە بولمىغانلىقى، مىللەتكە بالا ئەمەس، ‹‹بالا›› تەربىيىلەپ بەرگەنلىكىگە ئۆكۈنىۋاتقاندۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن مەن مەنىۋى جەھەتتە ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى قالمىغان بۇ دادىغا، تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ۋۇجۇدى، قەلبى تېخىمۇ سوۋۇپ كېتىۋاتقان، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىۋاتقان شور پېشانە بالىغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇشىنى، ئاتا–بالىلىق مېھرىنىڭ قايتا يېلىنجىشىنى تىلەيمەن. شۇنداقلا ھەر قېتىم بۇ ئىش يادىمغا يەتسە: ‹‹تالنى نوتا چېغىدا ئەگ›› دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمەن.
يېقىندا مەن بۇ ئەرنىڭ تۇنجى ئايالى بىلەن قايتا يارىشىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. يىللار ئەر–خوتۇن ئىككىيلەنگە ئوخشاشلا قورۇق، ئاق چاچلارنى ھەدىيە قىپتۇ. ئوغۇلمۇ ئۆيلەنگۈدەك بوپتۇ. كۆرۈنۈشتىكى ئىللىق ئائىلە ۋۇجۇدقا كەلگەن بىلەن كۆڭۈلگە سېلىنغان دەز بىر ئۆمۈر بۇ ئائىلە كىشىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ قالدى. ئىنسانغا ھايات پۇرسىتى پەقەت بىرلا قېتىم بېرىلىدۇ. ئاتا–ئانىلارنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ دەردىنى پەرزەنتلەر تارتىشى كېرەكمۇ؟
نۆۋەتتە نىكاھ، ئائىلە ماجىرالىرى كۆپىيىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قاردەك ئاق ۋۇجۇدىغا قورقۇنچلۇق جاراھەتلەرنى قالدۇرماقتا. بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولۇۋاتقىنى تەربىيىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىش سەۋەبىدىن بۇدرۇق، يۇمران قوللار ئوغرىلىق كوچىلىرىدا ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان يىرگىنىشلىك قىلمىشلارغا يانتاياق بولماقتا. ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا.
بۇنىڭدىن بىز بىر قىسىم ياش ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈم ئاتا قىلالىغىنى بىلەن پەرزەنتلىرىنى نىشان، بىلىم ۋە ئىرادە يېتىشتۈرۈش، مۇكەممەل ئەخلاقىي پرىنسىپ بويىچە ياشايدىغان، مۇستەقىل پىكىر يولىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش جەھەتتە نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلىنىڭ جان يېرى دەل ھازىرقى بىر قىسىم ياش ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە.
كۆيۈم ئىچىدە نىشان، پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۇزۇن يىللىق پىلان بولماسلىق ئاقىۋەتتە كۆيۈمىلا بار، ئىرادىسى يوق، ئوتىلا بار، سۈيى يوق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇنبەت تۇپراق بولىدۇ. ئارىمىزدا شۇنداق ياشلار بار، ئۇلار 30ياشقا كىرگەن تۇرۇقلۇقمۇ يات شەھەردە 10كۈن ئاتا–ئانىسىز ياشاپ قالسا ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلايدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقاتونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئۆز ئوقۇش تارىخىنىمۇ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇلار نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
بىز پەرزەنتلىرىمىزگە گۈلنىلا كۆرسىتىپ، تىكىنىنى كۆرسەتمىدۇق. نامەلۇم نەرسىلەردىن قورقۇشنى ئۆگىتىپ،ئىنتىلىشنى ئۆگەتمىدۇق. ‹‹ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن ئادەم قۇل›› دېگەن ھېكمەتنى چۈشەندۈرمىدۇق. پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ناقىسلىقى ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئادەمگە ئەمەس،بەلكى بىر مىللەتكىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى، غايىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ساپا مائارىپىنىڭ مەقسىتىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىلدىكى ئىرادە زەئىپلىكىدىن خالىي، ياشاش ئىرادىسى كۈچلۈك ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئىدى. ئائىلە پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەكتىپى. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ئاتا–ئانىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پەرزەنت تەربىيىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. ئائىلە ئاتموسفېراسىنى ساپلاشتۇرۇپ پەرزەنت تەربىيىسىنى مەلۇم نىشان، كەلگۈسى پىلان ئىچىگە سىڭدۈرۈش يولىدا ئىزدىنىش بەكمۇ زۆرۈر بولماقتا. جاھان تېز سۈرئەتلىكئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر ئىنسان تەربىيىلىنىشكە ھوقۇقلۇق.
پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا–ئانا مېھرى قان بىلەن جاندەك زۆرۈر بولىدىغان چاغدا بىز ئۇلارنى جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭقۇچىقىغا تاشلاپ بەردۇق. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىزگە خۇددى يات ئادەمگە قارىغاندەك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە بولسا، نېمىلەرگە ئېرىشىپ، نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى كېچىككەن ھالدا ھېس قىلدۇق. كارل ۋېتىر پەرزەنتلەرنى ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق تەربىيىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹قۇرت–قوڭغۇزلارمۇ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلمايدۇ››. بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. دەرۋەقە، پەرزەنتىگە چىن كۆڭلىدىن مېھىر بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئاتا–ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار تۈگىمەس ئادەمگەرچىلىك، خىزمەت باھانىسى بىلەن ئائىلىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا، ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ جازا تەربىيىسز قېلىش. بۇ ھەقتەمۇنداقبىر ھېكايەتبار. ئالىملار ئافرىقىدىكى ئىنتايىن ياۋايى بىر قەبىلىنىڭئارىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ قەبىلە ئادەم گۆشى يەيدىكەن. ئالىملار بۇ قەبىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىپ، ئۇلارنى مەدەنىي جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىشئويىغا كەپتۇ. ئۇلارشۇ قەبىلىدىكى بىر بوۋاقنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئىنتايىن ياخشى شارائىتتا تەربىيىلەپتۇ. زامانىۋى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئۇنى قەبىلىسى ئىچىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇ يىگىت دۆلىتىگە قايتىپتۇ. ئالىملار ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئافرىقىغا بېرىپ ھېلىقىقەبىلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بوپتۇ. ئۇلار بېرىپ قارىغۇدەك بولسا ھېلىقىقەبىلە يەنىلا بۇرۇنقى قېلىپتا ياشاۋاتقۇدەك. ئالىملار ھېلىقى ساپالىق يىگىتنىسورىغان ئىكەن، ئۇلار:‹‹ ئۇنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن،شۇڭا ئۆلتۈرۈپ يەۋەتتۇق›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ھېكايەت كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بىر مىللەتتە ئومۇمىي ساپا يۇقىرى بولمايدىكەن، بىر نەچچەئالىم، ئۆلىما ھېچقانچە ئىش قىلالمايدۇ.
تۇيۇقسىز بالىلىق دەۋرىم ئېسىمدىن كەچتى. رەختتىن تىكىلگەن سومكىغا پارچە قەغەزلەرنى يىپ بىلەن تىكىش ئارقىلىق ياسالغان دەپتەرنى، تولا ئۇچلىنىپ قولدا ئاران تۇرغۇدەك دەرىجىدە قىسقىراپ كەتكەن قېرىنداش قەلەمنى ئىشلەتسەكمۇ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى قەدىردان ئاتا–ئانام دېھقان بولسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىمىزدىكى ئالتە بالىدىن بەشىمىز دۆلەت كادىرى بولۇپ ئاتا–ئانامنى پەخىرلەندۈرۈۋاتىمىز.
ئانام تۇخۇم ساتقان پۇللارنى يىغىپ كىتاب پۇلى تاپشۇرغاندا، دادام بىر كالاچنى ئاز كىيىش بەدىلىگە ماڭا ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك شەھەر مۇھىتىدا ياشايدىغان كادىر بولۇشۇمنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەمما ئۇلار بالا تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ۋە شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشقانىدى. ئائىلە باشلىقلىرىدا ئائىلىگە مەسئۇل بولىدىغان ئاڭ بولمايدىكەن، بۇ ئائىلىدە جەمئىيەتكە مەسئۇل بولىدىغان ساپالىق ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئاجرىشىش نىسبىتى كۈندىن–كۈنگە ئېشىۋاتقان، ئائىلە، نىكاھ كرىزىسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر–مۇھەببەت سۇسلاۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، پەرزەنتلەرنىڭ كۈتىدىغىنى پەقەتلا بىر ئىللىق ئائىلە. بىز بالىلىرىمىزغا ئېسىل ياسىداق ئۆيلەرنى مىراس قالدۇرۇشنى قوغلاشتۇقكى، ئېسىل قائىدە–يوسۇن، ئادىمىيلىك خىسلىتىمىزنى مىراس قالدۇرۇشنى ئويلاشمىدۇق. بەزى ئاتا–ئانىلار ھە دېسىلا پەرزەنتلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن ‹‹ئەقىللىق يىشۇ›› قىلىشقا تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىقىغا قېنىپ چوڭ بولۇشىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇۋاتىدۇ.
كۆچەتنى تىكىپ قويۇپ پەرۋىش قىلمىغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك. شۇڭا ئاتا–ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆز ساپايىمىز ئۈستىدە دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلىنايلى. تۈگىمەس ئادەمگەرچىلىكلەر ئىچىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ–ئارمانلىرىغا، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى! ئۇلارغا كۆپرەك مېھىر بېرەيلى! ئۇلار كەلگۈسىدىكى يېڭىچەتەرەققىياتلارنىڭ شاھىدلىرى بولسۇن! بارلىق ئوي–پىكرىمىز ئىلمىيلىككە، رېئاللىققا، پەرزەنت تەقدىرىگە باغلانسۇن. شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى...