ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

تولۇقسىز سىنىپتىكى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا قانداق

ۋاقىت : 2011-12-18 05:19 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : م.قانات | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

تولۇقسىز سىنىپتىكى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك

 

بالىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىلى دەل بالىلارنىڭ ياشلىق بوسۇغۇسىغا قەدەم قويغان دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىققە ۋە ئائىلىدىن جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان شۇنداقلا ئاتا–ئانىلارنى تەشۋىشكە سالىدىغان ۋاقتى. نورمال ئەھۋالدا ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پسىخىكىسى تەڭ يېتىلىدۇ. ئەمما ياش ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئەكسىچە ئىنسانلار ئالاھىدە بىر دەۋردە تۇرىدۇ، بۇ مەزگىلدە فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات بىر قەدەر تېز بولىدۇ، ئەمما پسىخىكىسى سەل ئاستا سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى چوڭ دېسە چوڭ ئەمەس، كىچىك دېسە كىچىك ئەمەس بىر خىل تەڭپۇڭسىز ھالەتتە تۇرغاچقا ئىنتايىن زىل ۋە مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ ئالاھىدە مەزگىلدىكى فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق تەلەپلىرىگە ماسلىشىشى كېرەك.

   بىرىنچى، ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بىر ئادەملىكىنى، يەككە تەنلىكىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ‹‹خاس پسىخىك دائىرە››سىنىڭ يەنى ئۆزىنىڭ خاس دۇنياسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇش لازىم. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار بالىلىق ۋاقتىدىكىدەك ئاتا–ئانىنىڭ ھەر قانداق تەلەپ–بۇيرۇقلىرىغا ‹‹خوش، ماقۇل›› دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرمايدۇ، ئۇلار ئاتا–ئانىسى ئوڭدىن چىقسا سولدىن چىقىپ، ‹‹قىلما›› دېگەننى قىلىپ ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئۇرىنىدۇ. ئاتا–ئانا بولغۇچى ئۇلارنىكىچىك بالىدەك ھېلى ئۇنىڭغا– ھېلى بۇنىڭغا بۇيرىماي، ئۇلارنىڭ پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشى، بەزى ئىشلارنى ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇشى كېرەك. ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ‹‹مۇتلەق ھوقۇق›› ۋە ‹‹ تەڭ باراۋەرلىك›› پەقەت مەلۇم چەكلىمە ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بەزى پىرىنسىپ ۋە ‹‹ چەكلەنگەن دائىرە›› (زەھەر، ئەيدىز دېگەندەكلەر) گە قەتئىي ئاياق باسماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم .

   ئىككىنچى، بالىلارنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىشكە، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىش لازىم. ئاتا–ئانىلىق سالاھىيىتىڭىزنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاڭلىسىڭىز، سەمىمىيىتىڭىز بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە يول ئاچىدۇ. سەمىمىي سىردىشىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. بالىڭىز مۇشۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە ئاستا–ئاستا ئۆز–ئۆزىنى باشقۇرۇشنى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشنى ۋە مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ئىگىلىۋالىدۇ. بەزىدە بالىلار ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىنى دەمال ھەل قىلالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئاتا–ئانا بولغۇچى بالا بىلەن دوستانە ھالدا سىرداشسا، بالىنىڭ كۆڭلىدىكى پاراكەندىچىلىك ۋە ئەنسىزلىك بېسىقىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتتىكى بالىلارنىڭ ئوي–خىياللىرى تولىمۇ غەلىتە بولىدۇ، جەمئىيەتتىكى بەزى ئاساسىي قائىدە–يوسۇنلارغىمۇ ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئاتا–ئانا بولغۇچى، بالىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان بۇنداق پىكىرلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئوي–پىكىرلىرىنى، ھېس–تۇيغۇلىرىنى ھەقىقەتەن ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى لېكىن بۇنداق پىكىرلەرنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىڭىز كېرەك.

   ئۈچىنچى، بالىلار بىلەن بولغان دوستانە ئىشەنچلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىپ، بالىلار بىلەن تىركىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلار ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا كۆز قاراشتىكى بىر تەرەپلىمىلىك ياكى گەپ–سۆزدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بالىلاردا قارشىلىشىش پسىخىكىسى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ناۋادا بالىلار بىلەن تالىشىپ قالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئېغىر–بېسىق سۆزلىشىش كېرەك.

   تۆتىنچى، يات جىنىستىكى بالىلار بىلەن يولىدا ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ جىنىسقا بولغان چۈشەنچىسى كۈنسېرى ئېنىقلىشىدۇ، بالىلاردىكى فىزىئولىگىيىلىك ئۆزگۈرۈشكە قارىتا ئەگەر بالىدا ئالدىنئالا ئىدىيە تەييارلىقى بولمىسا نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىئارام بولۇپ، تەمتىرەپ قالىدۇ. دەل ۋاقتىدا قىلىنغان مۇۋاپىق ئۇسۇلدىكى جىنسىي تەربىيە بالىلارغا ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە بولغان قىزىقىشى ئاشىدۇ، يات جىنىسنى چۈشۈنۈشكە ۋە ئۇلاردىن دوست تۇتۇشقا ھېرىس بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن نورمال ھادىسە. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر جەريان. بۇنىڭدىن ئاتا–ئانىلار بىھۇدە تەشۋىشلىنىپ ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ ئالدىراپ–سالدىراپلا ئۇلارغا <<بالدۇر ئالىيىپ قالغان غورا>> دېگەن ئاتاقنى چاپلىماسلىقى لازىم. ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، نورمال ئالاقىدە بولۇشىغا يول قويۇش، ئۇلارنىڭمۇ ئەركىن ۋە بىمالال ئىجتىمائىي كوللېكتىپ ئىچىدە ياشىشىغا ھەمدەم بولۇش، بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ مول ۋە تولۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، بالىلار خاتىرجەم ۋە بىمالال ھالدا بالىلار بىلەن نورمال ئالاقىدا بولالايدۇ–دە، ئۆزىمۇ بىلمەستىنلا ‹‹تۇنجى سۆيگۈ››نىڭ قاينىمىغا شۇڭغىمايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇھىم، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئادەملىكىگە، ئىچكى دۇنياسىغا، كۈندىلىك تازىلىق–تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ كەلگۈسىگە قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە كۈچكە تولۇپ ھەرقانداق ئىشقا تەمكىن يۈزلىنەلەيدىغان بولىدۇ. ئاتا–ئانا بولۇش تەس، تولۇقسىزدىكى بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسى بولۇش تېخىمۇ تەس. شۇڭا ئاتا–ئانىلارمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، بىلىم ۋە تونۇش جەھەتتە توختىماي ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرىشى لازىم .

   بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىلار يىغىنىغا بېرىشتىن ھەممە ئادەم قورقىدۇ. ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ يامان تەرىپىمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ كەمچىلىكىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ چوڭ بولىدۇ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان بىر ھالدىكى خاراكتېرنى ئىپادىلەش ئادەملەرنىڭ ئورتاق ھالىتى. شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا بالىلارنىڭ شۇنداق بولۇشىغا يول قويمايمىز؟ بەزى بالىلارنىڭ ئالاھىدە خاسلىقىغا ئاتا–ئانىلار زىيادە سەزگۈرلىشىپ، كۆزىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئاۋاملىشىشى ئۈچۈن قىستاپ مەجبۇر قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئاستا–ئاستا مۇۋاپىق ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ھامان ئۇلارغا ماس كېلىدىغان بىر كەلگۈسىنى كۆرسۈتۈپ بەرگىلى بولىدۇ.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار