يېڭى قىزىق نۇقتا :
شاۋقۇننىڭ بالىلارنى
بالىڭىزنى شامالدۇرغ
بالىلارنى بەك قېلىن
بالىلاردىكى تۇتقاقل
بوۋاقلارنىڭ تېرىسى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا يۇمران ھەم قىل تومۇرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان ئاساسىي نېرۋا تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى سەل ئاجىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شامالدۇرغۇچنىڭ شامال كۈچى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەن، شامال چىقىرىشى كۈچلۈك بولغاچقا قىل تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى ۋە تەرنىڭ پارغا ئايلىنىشى بوۋاقلاردا تېز بولىدۇ. شامالدۇرغۇچنىڭ شامىلى تەگمىگەن جايلاردىكى قىل تومۇرلار يەنىلا كېڭىيىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ ھالەت بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋە قان ئايلىنىشنى تەڭشىگۈچى ئاساسىي نېرۋىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، ناھايىتى ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىش، يۆتىلىپ قېلىش، باش ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنى ئەڭ ياخشىسى شامالدۇرغۇچنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزماسلىق كېرەك.
ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەندە كۈنلەردە بوۋاقنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئىلمان سۇ تېرە ئاستىدىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، بەدەندىكى ئىسسىقنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، بالىغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ياكى بولمىسا يەلپۈگۈچ بىلەن يېنىك يەلپۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.