ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلاردىكى تۇتقاقل فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قى تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈ بالىلاردىكى يۆتەلنى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا

ۋاقىت : 2015-12-28 20:40 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا
 
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە


يېقىنى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكى دىققىتىمنى تارتتى. تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، قىسمەن ۋە ئومۇميۈزلۈك دەپ چوڭ ئىككىگە، ئاندى ھەر ئىككىسى يەنە قىسمەن ئاددى، قىسمەن مۇرەككەپ، داۋامسىز، مۇسكۇل خاراكتېرلىك ...دىگەندەك ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم توغرا، ئىنچىكە دىئاگنوز قويدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

تۇغما تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى

a. تۇغما ياكى ئېرسىيەت تۈپەيلى مەلۇم نېرۋا ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان گىنلارنىڭ كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن بولىدۇ، بۇ خىل ئېھتىماللىق پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا كۆپرەك تۇتقاقلىق كېسىلى بار بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
b. ئانا ھامىلدار ۋاقتىدا خىمىيىلىك، رادىئاتسىيىلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا. ئانا ھامىلدار مەزگىلىدە ئەپيۇن خاراكتېرىدىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا ياكى كۆپلەپ ھاراق ئىچكەن بولسا ھامىلىنىڭ مېڭە يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئانىنىڭ قورسىقى زەخمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ شۇنداق ئېھتىماللىق بار.
c. ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا ئوكسېگىن يېتىشمىسە ياكى تۇغۇت ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ تۇغۇت جەريانىدا بالىغا ئوكسېگىن يېتىشمەي مېڭە زەخىملەنسە. ئۇنىڭدىن باشقا، بالا تۇغۇلۇپ تۇنجى يىغلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئاندىن مۇستەقىل ھالدا نەپەس ئالالايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ يىغىسى كېچىكىپ كەتسىمۇ بالىغا ئوكسېگىن يېتىشمەي مېڭە زەخىملىنىشى ۋە بۇ تۇتقاقلىققا سەۋەب بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
d. تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا قاندىكى گلۇكوزا، كالتىسىي ۋە ماگنىي قاتارلىقلار ھەددىن زىيادە كەمچىل بولسا. تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى گلۇكوزا يېتىشمەسلىك كۆرۈلسە مېڭە زىيانغا ئۇچرايدۇ چۈنكى مېڭە پەقەت ۋە پەقەت گلۇكوزىنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ (كىتونلارنىمۇ گلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن)
e. مېڭە يۇقۇملىنىش، مېڭە قاناش (قان چۈشۈش) ۋە ياكى دېۋەڭلىك كېسىلى دىگەندەك بالىلاردىكى مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىك ئەھۋالى بولسا، تۇتقاقلىق شەكىللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا باشقا مېڭە زەخىملىنىش ياكى مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش لازىم.
f. تۇغما مىتابولىزىمدىكى كەمتۈكلۈكمۇ تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، تۇتقاقلىق كېسىلى نىرۋىلارنىڭ ھەددىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئېلېكتىر پائالىيىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ، نېرۋىنىڭ ئارتۇقچە غىدىقلىنىشى چوڭ مېڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتىدىن باشلىنىپ مېڭىنىڭ يېرىمىغا (قىسمەن تۇتقاقلىق) ياكى ھەممە قىسمىغا (ئومۇميۈزلۈك تۇتقاقلىق) تارقىلىپ، ئاخىرىدا مېڭىنىڭ بەدەندىكى مۇسكۇللارغا بولغان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، مۇسكۇلنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىسقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇتقاقلىققا توغرا دىئاگنوز قويۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر كۆپ خىل بولۇپ، مەخسۇس نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى مۇۋاپىق كىلىدىغان تەكشۈرۈشلەردىن ئاز دېگەندە 4-5 خىلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە چوقۇم تولۇق تەكشۈرگەندىلا كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققىلى ۋە مۇۋاپىق داۋالاش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. داۋالاشتا نۆۋەتتە دورا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش

بۇ كېسەل ئادەتتە داۋالاپ ساقايتىش قېيىن كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل. يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىرىنى (ئىرسىي سەۋەب ئەمەسلىرى) ئىمكانقەدەر ئالدىنى ئىلىش ئارقىلىق كېسەلدىن ساقلانغان ئەڭ ياخشى. ئەمدى ئاللىقاچان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاش ئۈچۈن بىمارلارنىڭ كېسەلنى قوزغىتىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت دورا يېيىشىگە توغرا كېلىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولسا كېسەللىك سەۋەبىنى تۈگىتىش، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە كېسەل قوزغىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن.

تۇتقاقلىق كېسىلى بارلاردا كېسەل قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

a. ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى
b. شامالداپ قىلىش
c. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارىنىڭ ھەددىن زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشى
d. قاتتىق قىزىپ قىلىش
f. ھېسسىي سەزگۈلىرىنى غىدىقلاش، يەنى بەك ھاياجانلىنىپ كېتىش، غال-پۇل قىلىپ يېنىپ تۇرىدىغان چىراغقا قاراش دېگەندەكلەر..
e. ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشى. بىمار بۇنى بىلىش ئۈچۈن ۋاقتى-ۋاقتىدا قان تەكشۈرتۈشى زۆرۈر.

تۇتقاقلىق كېسىلىگە ئىشلىتىدىغان دورىلار كۆپ خىل بولۇپ، چوڭلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى تۈپەيلى بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. سىز بالىغا يېگۈزگەن 德巴金 ئىسىملىك دورا، يەنى ئىنگلىزچە Valproic acid Sodium Valproate،(ئۇيغۇرچە ناترىي ۋالپىرويىك كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن) بالىلاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دورا بولۇپ، ئاساسلىقى نىۋرونلاردىكى ناترىي ۋە كالتىسىي قاناللىق ئېلېكتىر ئېقىملىرىنىڭ تورمۇزلاش ئارقىلىق رول ئوينايدۇ، لېكىن باشقا دورىلارغا ئوخشاش بەدەندە مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن قارشىلىق شەكىللىنىدۇ. 2 ياشتىن كىچىك بالىلارغا بۇ دورىنى بەرگەندە جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھـتىماللىقى زور بولىدۇ. بۇ دورىنىڭ يەنە ئاشقازان-ئۈچەى، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك قاتارلىق مېتابولىزمغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا ئەكسى تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى بىمارلاردا سەمىرىپ كېتىش ۋە چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ دورىغا قارشىلىق شەكىللىنىپ قالغان بالىلارغا يەنە ئىنگلىزچە Clonazepam، خەنزۇچە 氯硝西泮 دەپ ئاتىلىدىغان بىر دورىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك، Corticosteroid, Adrecnocorticotropin يەنى كورتىسول، ACTH تىپىدىكى سىتىروئىدلىق دورىلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭمۇ ئەكس تەسىرى كۈچلۈك.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، بۇ خىلدىكى دورىلارنى يەۋاتقىنىدا بەدەندە ئېغىر دەرىجىدىكى ۋىتامىن B9 ياكى فولىك كىسلاتاسى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، بولسا بۇ خىل ۋىتامىن تولۇقلىمىسى ئارقىلىق باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك. بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى يەڭگىللىتىش خاراكتېرىدىكى دورىلار بولۇپ، كېسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتىش ئۈنۈمى يوق چۈنكى بۇ خىل كېسەللىك مېڭە ئېلېكتىر ھەرىكىتىنىڭ بىنورماللىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، پەقەت شۇ مېڭە ئېلېكتىر پائالىيىتى ھەقىقىي نورماللاشسا، ئاندىن ساقىيىشى مۇمكىن.

ئەگەر بىماردا دورىلارغا قارشىلىق شەكىللىنىپ دورا كار قىلمىسا، تۇتقاقلىقنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر ياخشى ئۇسۇللاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار:

a. مېڭە ئوپراتىسيەسى قىلىش: بۇ ئۇسۇل ئامېرىكىدا ئۈنۈمى يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مېڭىنىڭ تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فوكۇس نۇقتىسى كېسىپ تاشلىنىدۇ. لېكىن پەقەت بىنورماللىق مېڭىدىكى مەلۇم ئورۇنغا مەركەزلەشكەن بىمارلارنىڭلا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئىمكانىيىتى بار، باشقىلارغا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.

b. ۋېگاس نىرۋىلىرىنى (Vegus nerve, 交感神经) غىدىقلاش ئۇسۇلى (مەن نېرۋا بىئولوگىيە دەرسىنى ئېنگلىزچە ئۆگەنگەن، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار رەھمەت ئېيتىمەن): بۇ ئۇسۇلدا كۆكرەككە بىر خىل ئېلېكتىر دولقۇنى چىقىرىدىغان ئەسۋاپ بېكىتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا كېسەلنىڭ قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ياكى كېسەل قوزغىلىش قېتىم سانى روشەن ئازىيىدۇ، لېكىن نىمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىقىنىڭ مىخانىزمى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئۇسۇلنى دورا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دورىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش مۇمكىن.

c. كىتونلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش: بۇ ئۇسۇل بالىلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، چوڭلارغا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ خىل تاماقتىكى پەرھىز تۇتۇش ئۇسۇلى كېتون ماددىلىرىنىڭ (مايلىق تاماقتا كۆپ بولىدۇ) مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ كىتون تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەل قوزغىلىش قېتىم سانىنى كۆپ تۆۋەنلىتىدۇ، لېكىن بۇنىڭمۇ زادى قانداق قىلىپ پايدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. كىتون دېگەن سۆز ئىنتايىن ئاددى تۈزۈلۈشتىكى بىر نەچچە خىل ماي كىسلاتالىرى (ئاسىتون، ئاسىتوئاتسىتات، ھىدروكسىل بىيۇتىرات قاتارلىقلار) نىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلار مايلىق تاماق ئاشقازانغا بارغاندىن كىيىن ئاۋۋال مۇشۇ خىل ماددىلارغا پارچىلىندۇ ۋە بۇ ماددىلار قانغا كىرگەندىن كىيىن ئاخىرى ئورگان-توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلۈپ مېڭە قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئاخىرى گلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەخسۇس كىتونلۇق تولۇقلىما كاپسۇللىرى ئىشلەنگەن بولۇپ بۇلارنى دورىخانىلاردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

كىتونلۇق يىمەكلىكلەرمۇ دورىلارغا قارشىلىق شەكىللىنىپ دورا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يوق بولغان بالىلار ياكى دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۈچلۈك بالىلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ماس كېلىدۇ. كىتونلۇق يىمەكلەرئادەتتە شېكەر ۋە ئاقسىل مىقدارى ئاز، لېكىن ماي مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر بولۇپ، بۇلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەكس تەسىرلىرى بولۇشى مۇمكىن، لىكن بالىلارنىڭ قانداق رېئاكسىيىدە بولۇشىنى كۆزىتىپ ئەگەر پايدىسى بولسا ۋە باشقا ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقمىسا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار