يېڭى قىزىق نۇقتا :
تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈ
بالىلاردىكى يۆتەلنى
بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا
بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ
يېقىندا بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيەدە ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى قانۇنغا خىلاپ ئىكەن، چۈنكى كىچىك بالىلار تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرسە ساغلاملىققا پايدىسىز بىر قاتار يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى سالىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ خەۋەر راستمۇ؟
بۇ خەۋەر ھەقىقەتەن راست. ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلار ئۇزاق مۇددەت تېلېۋىزور كۆرسە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق بولىدۇ، بۇ ئاساسلىق تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈش كىتاب ئوقۇشقا ئوخشىمايدۇ، كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلاھىزە قىلىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈش بولسا پاسسىپ قوبۇل قىلىش جەريانى بولۇپ، بالىلارنىڭ رېئال دۇنيانى چۈشىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئەسلىدە ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى %80 لىك تەرەققىياتنى تاماملاپ بولۇشى كېرەك، ئەمما دائىم تېلېۋىزور كۆرۈپ تۇرغاندا چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
2. ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بويى ئۆسمەيدۇ. بەدەندىكى مېلاتونىننىڭ مىقدارى ئۇيقۇ سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ بويى ئۇخلاش جەريانىدا ئۆسىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرگەندە بەدەندىكى مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن، ئەگەر بالىلار ئۇدا بىر ھەپتە تېلېۋىزور كۆرمىسىلا بەدىنىدىكى مېلاتونىننىڭ مىقدارى %30 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
3. ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئاۋسترالىيە سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغان 290 ئوغۇل بالا ئىچىدە ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى كومپيۇتېر ئويناش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلارنىڭ قېنىدىكى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ماددىسىنىڭ مىقدارى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.
4. مىجەزى تۇترۇقسىزلىشىپ دوست تۇتۇشى قىيىنلىشىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم تېلېۋىزور كۆرىدىغان بالىلار چېچىلاڭغۇ، تەرسا ۋە نېرۋا مىجەز بولۇپ قالىدىكەن.
بالىلارنى مۇۋاپىق تېلېۋىزور كۆرۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىروگراممىلارنى تاللاش، چوڭلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرسەتمەسلىك كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئالدى بىلەن بالىلار ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا دىققەت قىلىشى، كارتون فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىلا بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، دەپ قارىماسلىقى كېرەك. ئىككىنچىدىن، تېلېۋىزور ئېچىش ۋە كۆرۈش ۋاقتىنى كونترول قىلىش كېرەك. ئاتا – ئانىلار تېلېۋىزورنى ئەڭ ياخشىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىدىلا ئېچىشى، خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. يەتتە ياشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئۇدا تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ يەتتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇدا تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئون ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بىر يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ 13 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تېلېۋىزور كۆرگەن چاغدا كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ساغلام قىياپەتنى ساقلاش كېرەك. تېلېۋىزور كۆرگەن چاغدا تېلېۋىزور بىلەن بولغان ئارىلىق ۋە بۇلۇڭ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ئادەتتە ئىككى مېتىردىن 2.5 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىق نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ، ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ قالسا كۆز كىرپىكسىمان مۇسكۇلىنىڭ كىرىستال تەنچىنى تەڭشەش يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزىرىشى بىلەن ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، تېلېۋىزور كۆرگەن چاغدا كىرېسلوغا يۆلىنىپ دۇرۇس ئولتۇرۇشى كېرەك، بولمىسا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېگىلىپ قالىدۇ.