يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلاردىكى تۇتقاقل
فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قى
تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈ
بالىلاردىكى يۆتەلنى
كىچىك بالىلار ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ. كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار تۆۋەن قىزىتمىنى فىزىكىلىق قايتۇرۇشنى بىلىدۇ، بىراق بەزى خاتا ھالدىكى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قىزىتما قايتۇرۇشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلمەيدۇ.
قىزىش كۆپ خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغىنى بولسا، ھەرخىل كېسەل قوزغاتقۇچى جانلىقلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى بولۇپ، قىزىتمىنى ياندۇرۇشنى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئادەتتە قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىلىرىنى تېمپېراتۇرىسى ℃38.5تىن يۇقىرى بولغان بالىلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ. فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قىزىتما قايتۇرۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
ئىسپىرت سۈركەش. ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا، بالىلارغا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت(%20 لىك) ئېرىتمىسىنى ئىسسىقراق تەڭشەپ سۈركەش كېرەك. ئاساسلىقى بويۇن، قول – پۇتتىكى چوڭ قان تومۇر قىسىملىرىغا سۈركەپ، قىزىتما قايتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۈچ ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارغا ئىسپىرت سۈركەپ قىزىتما قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. بالا قىزىغاندا ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى ئازايتىپ، ئىسسىقلىق تارقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەگەر بۇ ئۈنۈم بەرمىسە، لۆڭگىنى ھۆلدەپ، بالىنىڭ قول – پۇتى ۋە مەيدە – دۈمبىلىرىنى سۈرتكەندە، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تېرىسى يارا ياكى ئىسپىرتقا زىيادە سېزىمچان بالىلارنى ئىسپىرت سۈركەپ داۋالىماسلىق كېرەك.
مۇز بىلەن قىزىتما قايتۇرۇش. مۇز خالتىسى، مۇز ياستۇقى ئىشلىتىپ قىزىتما قايتۇرغاندا مۇز خالتىسى ياكى ياستۇقنى بىۋاسىتە قويۇشقا بولمايدۇ، لۆڭگە ۋە قول ياغلىق بىلەن ئوراپ قويۇش كېرەك. مۇز ياستۇق بىلەن قىزىتما ياندۇرۇش جەريانىدا، بالىنىڭ قول – پۇتى مۇزلاش، پۈتۈن بەدىنى تىترەش، كالپۇكى قارىداش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال توختىتىش كېرەك. بىراق ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارغا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
پەرىزات پولات تەرجىمىسى