ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق" مۇستەقىل پىكىر قىلال

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنت تەربىيىسىدە بىرەر ياخشى ئۇسۇلىڭىز بارمۇ - قانداق؟»

ۋاقىت : 2014-10-22 21:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
پەرزەنت تەربىيىسىدە بىرەر ياخشى ئۇسۇلىڭىز بارمۇ - قانداق؟»
پەرزەنت تەربىيىسىدە بىرەر ياخشى ئۇسۇلىڭىز بارمۇ - قانداق؟»

خېلى يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان ئىدىم. غەربكە ماڭغان پويىزدا بىر مۇخبىر بىر دېھقاندىن سوراپتۇ : «سىز ئىككىلا بالىڭىزنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈپسىز، پەرزەنت تەربىيىسىدە بىرەر ياخشى ئۇسۇلىڭىز بارمۇ - قانداق؟». دېھقان دادىنىڭ جاۋابى ئويلىمىغان يەردىن چىقىپتۇ:
«ئەمەلىيەتتە باشقا ئالاھىدە ئۇسۇلۇممۇ يوق - مەن پەقەت بالامنى ماڭا ئۆگۈتىشكە يېتەكلىدىم شۇ!».
ئەسلىدە بۇ دېھقان كىچىك ۋاختىدا ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقىيالمىغاچقا، تەبىئىي ھالدا بالىسىنى يېتەكلەپ كەتكۈدەك مەدەنىيەت سەۋيىسىمۇ يوق ئىكەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە بالىلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتمەپتۇ ۋە ھەر كۈنى بالىسى مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن، دادىسى ئۇنىڭغا ئاۋال مەكتەپتە مۇئەللىم سۆزلىگەن مەزمونلارنى ئۆزىگە سۆزلەپ بېرىشنى، ئاندىن تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۆزىمۇ يېنىدا بىللە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەپتۇ، بىلمىگەنلىرىنى بالىسىدىن سوراپتۇ. ئەگەر بالىسىمۇ بىلەلمىسە، ئەتىسى مۇئەللىمدىن سوراپتۇ. شۇنداق قىلىپ،
بالىسى ھەم ئوقۇغۇچى ھەم ئۇقۇتقۇچى بوپتۇ. تېخى ئۇلارنىڭ ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى دىمەيلا قۇيۇڭ!
  ھەتتا باشقىلارنىڭ بالىلىرى سىرتتا ئويناپ چاڭ چىقىرۋەتسىمۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى تەۋرىنىپ قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە يۇقۇرى بوپتۇ ۋە ئاخىرىدا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپتۇ .
بەلكىم بۇ دېھقان دادىنىڭ نەزىرىدە «پەرزەنت تەربىيىسى دىگەنلىك مۇشۇنداق ئاددىي بولىشى مۇمكىن» دۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئالاھىدە ئۇسۇلمۇ يوقتۇر. ئەمما، مائارىپچىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېھقان دادىنىڭ ئۇسۇلى دەل تەربىيىچىلەرگە خاس ئۇسۇلدۇر.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار