ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق" مۇستەقىل پىكىر قىلال

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

بېل گايتىسنىڭ ئاتا- ئانىسى بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟

ۋاقىت : 2013-04-01 01:45 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
بېل گايتىسنىڭ ئاتا- ئانىسى  بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟

بېل گايتىسنىڭ دادىسى  ۋېليام ھېنرى گايتىس يېقىندا نەشىردىن چىققان بىر كىتابىدا ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن چىققان دۇنيا بويىچە ئەڭ باي كىشىنىڭ  ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ھەمدە شۇ مەزگىلدە قوبۇل قىلغان  ئائىلە تەربىيىسىنى تەسۋىرلىگەن.
گايتىس ئەپەندى كىتابىدا ئەڭ ئاۋۋال كىشىلىك ھاياتتا نېمە ئەڭ مۇھىم؟  دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: كىشىلىك ھاياتتا  ئەڭ مۇھىم  بولغىنى ئائىلە ئەزالىرى، دوستلار ھەمدە ئاممىۋى مۇلازىمەت. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر ئائىلىنىڭ چوقۇم  مۇنتىزىم باشقۇرۇش مىزانى بولۇش كېرەك ئىكەن. ئۇ كىتابىدا  ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مۇنتىزىم بولغان ئۆزگەرمەس ئائىلە تۈزۈمى-«يەكشەنبىلىك كەچلىك غىزا»نى  تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان:" بۇ بارلىق ئائىلە  ئەزالىرى شەرتسىز  بويسۇنىدىغان تۈزۈم، شۇنداقلا ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن قاتناشمايدىغانلىقىغا  يول قويۇلمايدىغان ئائىلە ئەزالىرى يىغىلىشى.« يەكشەنبىلىك  كەچلىك  غىزادا بىز پەرزەنتلىرىمىز بىلەن بىر ھەپتىدىن بۇيان  كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىز توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىمىز. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى  ئۈچۈن  ئىنتايىن  مۇھىم. نەسىھىتىم  شۇكى، مەيلى قانچە پەرزەنتىڭىز بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، ئۇلارغا باشقىلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت باغلاشنى، قانداق پىكىر  ئالماشتۇرۇشنى ئۈگىتىڭ ۋە ئۇنى ئائىلىدىن باشلاڭ.  مانا بۇ ھەر بىر ئاتا- ئانىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئورۇنداشقا  تېگىشلىك ئىشى. ھەرقانداق  ئائىلىنىڭ  ئۆز ئالدىغا  بىر  ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىمۇ دەل شۇ ئالاھىدىكتىن پايدىلىنىپ،  ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى ۋە خاسلىقىنى نامايەن قىلىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ  ئارتۇقچىلىقىنى ئۈگىنىدۇ. ئۆزئارا ئۈگىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل دوستلۇق ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتىڭىزنى دائىم يالغۇزسىراش، باشقىلارغا، تۇرمۇشقا ۋە ھاياتقا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشتىن ساقلاپ، ئۇلارنى ئەڭ  مۇھىم ياشاش ئىقتىدارىغا، يەنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش  ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ».
گايتىس ئەپەندى كىتابىدا يەنە بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك  قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، شۇنداق قىلغاندىلا بالىلاردا  كىچىگىدىن تارتىپ    "ھەر ۋاقىت جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق  بىلدۈرۈش  كېرەك" دېگەن ئىدىيىنى يېتىلدۈرگىلى ھەمدە ئۇلاردا ئىنسانىيەت  ئۈچۈن  تۆھپە قوشۇش، جۈملىدىن جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرش ئىرادىسىنى تىكلىگىلى  بولىدىكەن.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار