يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش تېببىي ئىلمىدە «تور خۇمارى كېسىلى»دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سالامەتلىككە، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ئېغىز زىيان يەتكۈزىدۇ. كومپيۇتېرنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىپ چارچىسا، بەدەندە زور مىقداردا توكسىن پەيدا بولۇپ، ئورگانىزمدىكى توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرگە، بولۇپمۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسى ناچارلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كومپيۇتېرنى كۆپ ئىشلىتىپ چارچاشتىن پەيدا بولغان زور مىقداردىكى توكسىن مېڭە قان تومۇرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭە قان تومۇرى تارىيىشنى پەيدا قىلىپ، چوڭ مېڭىدە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىگە قىزىقماسلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
تورغا خۇمار بولغۇچىلاردا ئىنكاسى ئاستىلاش، ئۆگىنىش ئىقتىدارى چېكىنىش، تۇرمۇش مەنىسىز تۇيۇلۇش، ئۆگىنىش نەتىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
تورغا خۇمار بولغۇچىلار دائىم ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقىدىغان بولغاچقا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى دەرىجىدە جانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئاسانلا قان بېسىمى ئۆرلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، سەكتە پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ. تورغا خۇمار بولۇشنىڭ بىشارىتى كۆرۈلسە، كۈندىلىك كومپيۇتېر تورىغا چىقىش ۋاقتىنى 1 سائەتتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر تىت-تىت بولۇش، جىددىيلىشىش، مىجەزى چۇسلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.