ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

تور خۇمارىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

ۋاقىت : 2013-03-03 19:47 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

تور خۇمارىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

تور خۇمارىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

ئېلىمىزنىڭ «تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر تور تەربىيەسى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى»دىن ئىگىلىنىشىچە، تور خۇمارى بارلارنى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ سالاھىيىتى ھەر خىل، داۋالاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاچقا، تور خۇمارى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ %70ىنى داۋالاش ئۈنۈملۈك بولمىغان.

جۇڭگو ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەملىكەتتىكى 65 تور خۇمارى بارلارنى داۋالاش ئورگىنىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ ئورگانلارنى مائارىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى، سەھىيە، خەلق ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار تەستىقلىغان. بۇ ئورگانلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى قالايمىقان، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەكشى ئەمەس ئىكەن. كۆپ ساندىكى تور خۇمارى بارلارنى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز، خىزمەتچىلىرى ساناقلىقلا بولۇپ، كەسپىي سەۋىيەسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.

كۆپ ساندىكى تور خۇمارى بارلارنى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ تورغا خۇمار بولۇشقا بولغان تونۇشى ئىلمىي بولمىغاچقا، تور خۇمارى بارلارنى داۋالاش ئۈنۈملۈك بولمىغان. كۆپ ساندىكى تور خۇمارى بارلارنى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش ئىدىيەسى ئاددىي ئىكەن. بەزىلىرى نوقۇل پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىدىكەن، بەزىلىرى ھەربىي مەشىق قىلدۇرىدىكەن، بەزىلىرى سۆز بىلەن قايىل قىلىدىكەن، بەزىلىرى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى بېرىدىكەن.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تور خۇمارى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن، تور خۇمارى بارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئالدىشى ياكى مەجبۇرلىشى بىلەن داۋالاش ئورگىنىغا ئېلىپ كېلىنگەنىكەن. كۆپ ساندىكى داۋالاش ئورگانلىرى يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇلغاچقا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسىخىكىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.

تور خۇمارى زەھەر خۇمارى، ھاراق خۇمارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 200 ستۇدېنتنى تەكشۈرۈپ، ئۇلاردىن ئۇدا 24 سائەت يان تېلېفون، ئىنتېرنېت قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، بۇنداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلالمىغان كۆپلىگەن تەتقىقات ئوبيېكىتلىرىدا، بىر كۈندىن كېيىن ئىچى تىتىلداش، چۈشكۈنلىشىش، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا نورمال پائالىيەت قىلالمىغانلىقى بايقالغان. بۇنداق كېسەل ئالامەتلىرى زەھەر خۇمارى، ھاراق خۇمارىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار