يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
مېھرىگۈل باراتجان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى بەس – بەستە تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتناشتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. لېكىن تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇشتا نوقۇل يۇقىرى نومۇرنى قوغلىشىپ، بالىلىرىنىڭ قىزىقىشى بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايۋاتىدۇ. بۇنداق كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلاش، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەنبە، يەكشەنبىسىنى ۋە ھېيت – بايرام كۈنلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ. قىزىقىش ئەڭ ياخشى يېتەكچىدۇر. ئەگەر بالىلاردا دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەشكە قارىتا ھېچقانداق قىزىقىش بولمىسا، ئۇلارنى ھەرقانچە كۆپ تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەكلا ئۈنۈمسىز بولىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، پەقەت %5 ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭلا ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار دەل پەۋقۇلئاددە ‹‹تالانتلىق بالىلار›› ئىكەن. شۇڭا بالىلارنىڭ مەلۇم تالانتى ياكى قىزىقىشى يوقلۇقىغا قارىماي ئۇلارنى تەربىيەلەشكە مەجبۇرىي قاتناشتۇرساق ھەم ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنىڭ تەرەققىياتىنىلا كۆزلەپ، چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويۇۋېلىپ، ھېسسىيات ۋە پىسخولوگىيەسىنىڭ يېتىلىشىگە سەل قارىساق بولمايدۇ ھەم بۇنداق تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تەربىيەلىنىشتە قانچىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى مائارىپىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتىنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ مەلۇم تەرەپتە ھەقىقەتەن يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ئوتتەك ئىشتىياقى بولسا، يېتەكلەش ئارقىلىق مەلۇم مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلىسە بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. نوقۇل يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
دەرۋەقە، بالىلار كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشسە، ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىغا پايدىسى بولىدۇ. بىراق بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىز ئۇنداق – مۇنداق مۇكاپاتلارنى پەش قىلىش ئارقىلىق بىراۋنى باھالىماسلىقىمىز لازىم. ئېينىشتىيىن ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيەسىمۇ تارتۇقلانغان ئەمەس.
قىسقىسى، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشى تەربىيەلەشتىكى سەۋەنلىك ئەمەس، بەلكى مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىۋېتىپ، بۇنى ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتىكى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىۋالغانلىقىدا ھەم ئاتا – ئانىلارنىڭ قايمۇقۇپ، شامالغا ئەگەشكەنلىكىدە.