ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىكى تۆت ئۈنۈملۈك چارە

ۋاقىت : 2015-04-09 14:37 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىكى تۆت ئۈنۈملۈك چارە
 
 
孩子兴趣.jpg
 
 

بىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە ئۈزۈكسىز ئالغا ئىنتىلىش روھى-بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشقا ھەقىقىي تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. بىز ئادەتتە ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان «بىلىمخۇمارلىق» - بالىلارنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەش ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە ئىچىدىن ئىنتىلىشىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىنى، ۋە شۇ ئارقىلىق ياخشى ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجىسىنى ئىزچىل ساقلاپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چوقۇم پەرزەنتىنىڭ قەلبىدە بىلىمگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياق پەيدا قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. تۆۋەندە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىكى تۆت ئۈنۈملۈك چارە توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
1.        بالىنىڭ سورىغان سوئالىغا كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب بېرىش
سوئال سوراش بالىلارنىڭ گۆدەك دەۋرىدىكى بىلىمگە بولغان تەشنالىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر. ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ سوئالىغا: «بېرىپ ئويۇنۇڭنى ئوينا، ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟»  دېگەندەك جاۋابلار بىلەن بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى، ياكى ئۇنىڭغا رەددىيە بەرمەسلىكى كېرەك، مەسىلەن:«سەن نېمانچە دۆت؟» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ بىلىمگە تەشنا قەلبىگە سۇ سەپمەسلىكى لازىم، بولمىسا ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، بالا بىلىمگە نىسبەتەن قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار سورىغان سوئاللارنىڭ بەزىسى ناھايىتى ئاددىي، بەزىسى خېلى مۇرەككەپ، ھەتتا بەزى سوئاللىرىدىن ناھايىتى ئەخمەقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، بەزىسىدىن يەنە تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ناھايىتى موللىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بۇنداق سوئاللارغا سەۋرچانلىق بىلەن ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشى، ئەگەر ۋاقىت يار بېرىپ قالسا بالىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىگىلىگەن بىلىمى ياكى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ قويۇشى لازىم. ئەگەر جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالسا ياكى جاۋاب بېرىش تەس سوئاللار بولسا، بالىغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كەسپى ئادەملەردىن سوراش، ياكى بولمىسا تورغا چىقىپ سوراش قاتارلىق بىر قاتار ۋاستىلەرنى قوللىنىپ جاۋابىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ سوئالغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. بالىنىڭ ھەربىر سوئالىغا كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب بېرىش، ئۇنىڭ بىلىمگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقىنى قوزغاشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
2.        بالىغا بىلىمنىڭ پايدىلىق رولىنى ھېس قىلدۇرۇش
بالىنىڭ بىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ھەمىشە ئىختىيارى شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ، بۈگۈن بۇنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالسا، ئەتىسى باشقا بىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كېتىدۇ، ھەتتا ئىككى كۈن ئۆتە ئۆتمەيلا ھېچنېمىگە قىزىقماس بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنا روھىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قايسى بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىۋېلىشى، ئاندىن ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئامال بار شۇ بىلىملەرنى ئىشلىتىپ، ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ ئەمەلىي رولىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى ئارقىلىق بۇ ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈرۈشى لازىم. بالا ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ ناھايىتى قوللىنىشچانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن نەپ ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىغا ھەمىشە تەسىر قىلغىلى بولىدۇ.
3.        ئۆگىنىش بىلەن ئويۇننى بىرلەشتۈرۈش
ئۆگىنىش جاپالىق، ئويناش ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىش، بالا جاپا بىلەن راھەتنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولماسلىقى، بەك قاتتىق تەلەپ قويماسلىقى، بالىلارنى ئۆگىنىشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆگەتكەن ۋاقىتتا، خۇددى بالا بىلەن ئويناۋاتقاندەك، ئويۇنغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار بالا ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنى بىلىمىگە باغلاپ تۇرۇپ ئويناشقا يېتەكلىيەلىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
4.        بالىنىڭ قىزىقىشىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ يېتەكلەش
ئەگەر بالا دىنوزاۋرغا ئامراق بولسا، ئۇنى دائىم تەبىئەت موزېيخانىسىغا ئاپارسىڭىز، ياكى كۇتۇپخانىغا بېرىپ يەر شارى تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمىي ھايۋاناتلار رەسىملىك كىتابلىرىدىن ئارىيەت ئىلىپ بەرسىڭىز، ياكى دىنازاۋۇر مودېللىرىنى سېتىۋېلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ئۆيدە يۇرا دەۋرى ئۇرۇشىنى تەقلىد قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ بىرقىسىم غەيرىي بىلىمگە ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۇنىڭدىن قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ئەسلىدە بالىلار دەل مۇشۇنداق كەم ئۇچرايدىغان خاسلىققا ئىگە قىزىقىشلارنى قانچە ئۇزۇن ساقلاپ قالالىسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار