تۇنجى ئۇيغۇر سىياسىيۇن - ئەخمەتجان قاسىمى
تۇنجى ئۇيغۇر سىياسىيۇن - ئەخمەتجان قاسىمى
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەخمەتجان قاسىمى (ئۇيغۇر) 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.كىچىك چېغىدىلا دادىسىدىن يېتىم قالغان.ئائىلە تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا، كۈن ئالماق ئۈچۈن 1924-يىلى تاغىسى ئۆمەر بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، يەركەنت رايۇنىدا دارىلتام،باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1929-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شۇ مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1934-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئۆزبىكىستاندىكى سوۋىت ئېتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئونۋىرسىسىتىدا ئوقۇغان.1937-يىلى موسكۋا شەرق سوتسىيالىزىمچىلىرى ئەمگەك ئونۋىرسىسىتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋە شۇ مەزگىلدە تاتارىستان قازان ئونۋىرسىسىتىدا پىراكتىكا قىلغان. 1941-يىلى گېرمانىيە سوۋىت ئېتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندا، مەكتەپ ئوقۇش توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتقان.
ئەخمەتجان قاسىمى 1942-يىلى 6-ئايدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ،يەر ئاستى ئېنقىلابى تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1943-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭدىكى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ،شۇيىلى 12-ئايدائۈرۈمچىگە يالاپ كېلىنىپ،تۈرمىگە تاشلانغان. 1944-يىلى 10-ئايدا قويۇۋىتىلگەندىن كېتىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھەربى ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ھۆكۈمەت ئەزاسى، ھەربى ئىشلار ھەيئەتلىرىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1946-يىلى 7-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1947-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ، ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ كۆرەشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئېنقىلابى قۇشۇننى ئۇلغايتىش ئۈچۈن، غۇلجىدا‹‹شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايەت قىلىش ئېتتىپاقى››نى قۇرغان ۋە ئېتتىپاق مەركىزى كومىتىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
1948-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىگىنى باشلاپ تۈنجى نۆۋەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋىتىپ، سابىق سوۋىت ئېتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلى ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە، ئايرۇپىلاندىن كاشىلا چىقىپ،ھادىسىگە يولۇقۇپ بەختكە قارشى قازاقىلغان. شۇيىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئاران 35ياشتا ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتىغان. ئۇ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. غۇلجا شەھىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى تارىخى خاتىرە سارىيى بار. ئۇ ئىلى،تارغاباتاي،ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەت خەلقلىرى 1944-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىغان زور كۆلەملىك كۆرەشتە قۇربان بولغان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يەتتە ئېنقىلابى قۇرباننى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1959-يىلى 8-ئايدا سېلىنغان. ئالدى تەرىپىدە مىللى ئۇسلۇبدىكى قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ماۋزىدۇڭ 1949-يىلى 10-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا ‹‹ئىلىمىز دېموكراتىك ئېنقىلابىنىڭ بىرقىسمى››دەپ باھا بېرىپ يېزىپ بەرگەن يادنامە ئۇيغۇرچە، قازاقچە،خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا نەقىشلەنگەن. بۇ ئورۇن ھازىر مەملىكەت دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئېنقىلابى قۇربانلار خاتىرە قۇرۇشلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى خاتىرە سارىيى ئېنقىلابى قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتىنى قايتا ۋەجانلىق نامايەن قىلىپ تۇرماقتا .
(تەھرىر : admin)
«تۇنجى ئۇيغۇر سىياسىيۇن - ئەخمەتجان قاسىمى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 11:08
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى