ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

كومپيۇتېر سەركىسى دوكتۇر تۈرگۈن ئبىراھىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

ۋاقىت : 2013-06-26 20:00 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : قۇردانلىق | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

تۈرگۈن ئبىراھىم ،1958-يىلى8-ئايدا بيجڭدا تۇغۇلغان.پىرافىسور،دوكتۇر يىتەكچىسى.1983يىلى شنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ماتىماتىكا فاكۇلتىتى ماتىماتىكا كەسپىنى پۇتتۇرگەن.1987يىلدىن1988يىلغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنۋىرسىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.1991- يىلدىن1992-يىلغىچە پىتىربۇرگ ئىلكتىرون تىخنىكسى ئۇنۋىرسىتىدا بىلىم ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارغان.1988-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەرىپىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن دۆلەتكە قايىتقان .ئوقوغۇچى بولۇپ باھالانغان. شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ماتىماتىكا فاكۇلتىتى كومپىيوتىر يۇمشاق دىتال كافىدىراسنڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،كومپىيوتىر ئىلمى فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن فاكۇلتىت مۇدىرى ھەمدە ئىلمي تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان.ھازىر  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ھىساپلاش مەركىزىنىڭ دائىمى ئشلار مۇئاۋىن مۇدىرى ھەمدە ئۇچۇر پەن- تىخنىكىسى ئىلمي ئىنىستىتونىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرجىلىك )مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەر كوپىيوتىر ئوقۇتىش يىتەكچى ھەيىتىنىڭ ئىجتىمايى پەن كەسپى ھەيئەت ئەزاسى.مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر كومپىيوتىر ئاساسي ئوقۇتۇش تەتقىقات  يىغىنىڭ كىڭەش ئەزاسى ، شىنجاڭ كومپىيوتىر مائارىپ تەتقىقات يىغىننڭ دائىمي ئىشلار كىڭەش ئەزاسى ،خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر ئىلمي جەمىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كەسپى ھەيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.جۇڭگو خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر ئىلمي جەمىيىتىنىڭ كىڭەش ئەزاسى)،(<<خەنزۇچە ئۇچۇر ئىلمي>> ژۇرنىلىنىڭ تۇزۇش ھەيىتى،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 9،10-قىتىملىق سىياسى مەسلەھەت كىڭەش ئەزاسى. شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 9--قىتىملىق سىياسى مەسلەھەت كىڭەش ئەزاسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 10-قىتىملىق سىياسى مەسلەھەت كىڭىشىنىڭ دائىمي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.ئاساسلىق كۆپ خىل ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دىتال قۇرلىشى ،كومپىيوتىر ئامىۋيى ئوقۇتۇش ئىشلىرى تەرەپلەردىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇلىنىدۇ.


80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئۇزلۇكسىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر-يىزىق بىر تەرەپ قىلىش تىخىكىسى ۋەكومپىيوتىر ئاساسىي مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلدى.ئۇدا ئۇچ تۇرلۇك دۆلەت پەن-تىخنىكا پىلانى<<863 تىمىسى>>غا قاتناشقان ھەم  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ كۆپلىگەن پەن-تىجنىكا ئۆتكۇلۇگە ھۇجۇم قىلىش تۇرلىرىگە قاتناشقان .ئىلگىرى پەن -تىخنىكا مىنىستىرلىكى ئاساسي تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى ئالاھىدە تەتقىقات تۇرىدىن  بىر،دۆلەت تەبئى پەن مەبلەغ تۇرىدىن  بىر،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تىخنىكا ئۆتكۇلۇگە ھۇجۇم قىلىش  تۇرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلغان.نۆۋەتتە دۆلەت تەبئى پەن مەبلەغ تۇرىدىن بىر،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تىخنىكا ئۆتكۇللۇگە ھۇجۇم قىلىش تۇرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

ئاساسلىق نەتىجىلىرىدىن <<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز،رەسىم،يىزىق بىرلەشتۇرىلگەن ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېتىمىسى>>.<<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز،رەسىم،يىزىق بىرلەشتۇرىلگەن ئۇچۇر باشقۇرۇش   مۇھىتى بىلەن قولىنىشچان سېستىمىسىى >>نى بارلىققا كەلتۇرگەن .بۇ تىمىلار 1998-يىلى 8-ئايدا مەملىكەتلىك 11-قىتىملىق كەشپىيات پاتنىت كۆرگەزمە يىغىنىدا <<كەشپىيات پاتنىت كۇمۇش مىدالى>>،<<ئاپتۇنۇم رايۇن بويۇنچە ئىلغار پەن-تىخنىكا نەتىجسى ئالتۇن لوڭقىسى>>،مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .1999-يىل ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە پەن-تىخنىكا ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا  ئىرىشكەن.2001-يىلى مەملىكەت بويىچە پەن-تىخنىكا ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا  ئىرىشكەن.2008يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە پەن-تىخنىكا ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا  ئىرىشكەن.كۆپ يىللىق ئوقو-ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى جەريانىدا مىللىي تىل-يىزىقنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۆپ ئۆتكەلىك تىېخنىكىدىكى قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۇپ  ئۆتۇپ ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 40پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلغان.ئەنگە ئىلىنغان يۇمشاق دىتال ئاپتۇرلۇق ھوقوقىدىن 9 دانە بار.ئۇچ يۇرۇش خەنزۇچە يىزىقتىكى كومپىيوتىر ئاساسىي ئوقو-ئوقوتۇش ماتىريالىنى تۇزۇشكە قاتناشقان.بەش يۇرۇش ئۇيغۇر يىزىقتىكى كومپىيوتىر ئاساسىي ئوقو-ئوقۇتىش ماتىريالىنى تۇزۇشكە قاتناشقان ھەم تۇزۇپ چىقىشقا رەھپەرلىك قىلغان.چىگىرا رايۇنلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قوشقان.يېقىنقى بەش يىلدا ئىرىشكەن مۇكاپاتلىرىدىن كۆپ تىللىق-كۆپ ۋاستە تىخنىكىسىدىكى ئلىكتىرونلۇق لوغەت سىستىمىسى ۋە بلىقۇت ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىلىكتىرونلۇق لوغىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىنچە پەن-تىخنىكىنى ئىلگىرى سۇرۇش 2-دەرىجىلىك قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.


يۇقارقىلار تۈرگۈن مۇئەللىمنىڭ كومپىيوتىر ساھاسىدە ئىرىشكەن نەتىجىلىرنىڭ ئاز بىر قىسمى .تۈرگۈن مۇئەللىم پەن-تەتقىقات جەھەتتە يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئىرىشىپلا قالماي ئوقۇتۇش جەھەتتە ئۇستاز.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
قۇردانلىق تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-18 23:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-26 23:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ