تۇرغان شاۋۇدۇن
قىرىق نەچچە يىلدىن بۇيانقى مول ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان شائىر تۇرغان شاۋۇدۇن 1940 - يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1957 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، 1960 - يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1960 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىدە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.
شائىر تۇرغان شاۋۇدۇننىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 1958 - يىلىدىن باشلاندى. ئۇ شۇندىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ‹‹گېنېرالنىڭ يامغۇرلۇق چاپىنى››، ‹‹ئىختىرا ھەۋىسى باشلىنار شۇنداق››، ‹‹مۇقام››، ‹‹ئىسمىنى قالدۇرمىغان يىگىت››، ‹‹تۇرپان ئۈزۈمى›› قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر، ‹‹گۈلسۈم››، ‹‹ئاتا ئىزىدىن››، ‹‹توكۇلاڭ ئاۋازى››، ‹‹كارىز ناخشىسى››، ‹‹قەرز قالغان توي ھەققىدە قىسسە››، ‹‹ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتتى›› دېگەندەك باللادا، داستان، ‹‹ئاتا نەسھىتى››، ‹‹سازچىمەن ـــ سازاندىمەن››، ‹‹تاڭ شامىلى››، ‹‹گۈلباغ››، ‹‹قوغۇنچى››، ‹‹سەھرا قىزى›› دېگەنگە ئوخشاش نەچچە يۈز پارچە ناخشا تېكىستى ئېلان قىلدۇردى. شائىرنىڭ ‹‹ھايات دولقۇنلىرى››، ‹‹ئىختىرا ھەۋىسى باشلىنار شۇنداق››، ‹‹قەرز قالغان توي ›› ناملىق شېئىر توپلاملىرى، ‹‹سازەندە ناخشىسى›› ناملىق ناخشا تېكىستلىرى توپلىمى، ‹‹تاشۋاي›› ناملىق كىنو سىنارىيەسى نەشىر قىلىندى. ئۇندىن سىرت، ناخشا توپلىمى ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە››، ‹‹ئىلى خەلق ناخشىلىرى›› نى ۋە ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى(5)›› نى نەشىرگە تەييارلىدى. كىلاسسىك شائىر گىيۇتىنىڭ ‹‹فائۇسىت›› ناملىق ئىككى توملۇق شېئىرىي رومانىنى تەرجىمە قىلدى. ئۇنىڭ ‹‹گۈلسۈم›› ناملىق داستانى، ‹‹تاشۋاي›› ناملىق رادىيو درامىسى، ‹‹گىلەم توقۇغۇچى قىزلار ناخشىسى››، ‹‹گۈللەيدۇ ۋەتەن قوينى››، ‹‹گۈزەل دولان دەرياسى››، ‹‹تاڭ شامىلى››، ‹‹سېغىنىش›› قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ناخشا تېكىستى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش ۋە كۆرەكلەردە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ رادىيو درامىسى ساھەسىدىمۇ دادىللىق بىلەن ئىشلەپ، ‹‹تاشۋاي››، ‹‹ئۈجمە سايىسى››، ‹‹پالۋان كەلدى››، ‹‹قەيسەر جەڭچى››، ‹‹قۇشلارنىڭ نەمۇنىچى سايلىشى›› قاتارلىق رادىيو درامىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رادىيو درامىسى ژانىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، راۋاجلىنىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ‹‹ئائىلە بەرىكىتى››، ‹‹ئەيىب كىمدە››، ‹‹ھەزەر ئەيلەش››، ‹‹شىپا تاپماس كېسەل›› دېگەندەك ھېكايىلەرنىمۇ خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقتى.
تۇرغان شاۋۇدۇننىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئاددىي، يېقىملىقلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچاملىقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىلەرگە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.
شائىر تۇرغان شاۋۇدۇن جۇڭگو رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مۇقام تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
بىز شائىرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز!
(تەھرىر : سەپەر)
«تۇرغان شاۋۇدۇن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-28 08:08
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى