خەلق قەھرىمانى- غېنى باتۇر
ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھپەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلىق قەخىرمانى ، ھەربى قوماندان غېنى مۇھەممەت باقىر 1901 – يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۇز مەھەللىسىدە كەمبەغەل دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان ، باتۇر ، كۇچلۇك ، غەيرەتلىك بالا بولۇپ ، بالا ۋاقتىدا چىلىشتا داڭ چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي ، گەۋدىلىك ، يوغان باش ، كەڭ ۋە سوزۇق يۇزى قىپ – قىزىل ، قوي كۆز ، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ .
غېنى16 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۇنى تۇققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە << مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۇۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نىمە دەيسەن ؟>> دەپ 150مىتىر ئارلىقنى كۆرسۇتىدۇ .قازاق يىگىت ئەگەر ئەگەر دىگىنىڭدەك قىلساڭ ، ئاتنى ساڭا بەردىم . قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مىنىڭ >> دەيدۇ ، غىنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ ، قىيقاس كۆتۇرۇلىدۇ . غېنى ئاتنى كۆتۇرۇپ قارياغاچتىن 100مىتىر نىرى يارگە ئېلىپ بېرىپ ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . خەلىق ھەيران قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غىنىنىڭ << باتۇر >> دىگەن نامى پۇتۇن ئىلى رايۇنىغا تارقىلىدۇ . ھەم زۇلۇمغا جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ . ئۇلار زالىم بەگلەر ، جازانىخور بايلار ، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ ، مەسخىرە قىلىدۇ ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۇلكىنى ئوغۇرلاپ ، يىتىم – يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا غېنى 1944 يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۇرمىلەرگە تاشلىنىدۇ ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۇزۇپ تاشلاپ كاچىدۇ .
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۇنى دۇشەنبە ئۇرۇمچى 2 – تۇرمىدىن ( ھازىرقى ئۇرۇمچى شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرنۇپ يۇرىدۇ . شۇ كۇنلەردە نىلقا تاغلىرىدا گومىداڭغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بىرىۋاتقان فاتىخ باتۇر ، ئەكبەر باتۇر ، قۇربان بۇرھانىدوف ، ئوسمان ئىبرايىمۇف ، سىيىت ئاۋان ( ئەكبەرنىڭ ئىنىسى ) ، نۇر ئوبولۇف ، ھوشۇر مامۇتۇف ، ، مۇساقان قۇربان ، خەمىت مۇسلىمۇف ( فاتىخ باتۇرنىڭ ئىنىسى ) ، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۇرۇمچى تۇرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غېىنى ئىنقىلاپقا قېتىلىدۇ . پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2- پارتىزانلار گۇرپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ ، بۇ گۇرپىدا زۇلۇمغا قارشى ، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى 200دىن ئارتۇق پارتىزان بار ئىدى .
غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسۇ ئۇرۇش رايۇنلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ . غىنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ ، مازار رايونىغا كىرگۇزمەي يوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قورال ياراقلىرىنى غەنىمەت ئالىدۇ . سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ . ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ .غىنى يەنە قارا سۇ ، سۇپتاي ، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتۇدۇ . دۇشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ دۇشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ . غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلىق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھوكۇمەت ئۇنىڭ قەخىرمانلىق جاسارىتى ، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە << خەلىق قەخىرمانى >> دىگەن ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ .ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنىڭ ئەزاسى ، مىللى ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا << جۇمھۇريەت >> ، <<ئازاتلىق >> ، << ئىستىقلالىيەت >> ، << باھادۇرلۇق ئۇچۇن >> قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلان تارتۇقلىنىدۇ .
ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن كېيى پاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا 1953- يىلىغىچە دەم ئالىدۇ . 1953 – يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ . 1954- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 – يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ . 1997 – يىلى 96 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ .
(تەھرىر : سەپەر)
«خەلق قەھرىمانى- غېنى باتۇر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-28 08:08
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى