ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

ئامەتلىك ئوغلان ــ ‹‹ بارى››

ۋاقىت : 2012-01-23 23:05 | مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گې | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئامەتلىك ئوغلان ــ ‹‹ بارى››

ئامەتلىك ئوغلان ــ ‹‹ بارى››
 

      ئىسىم – فامىلىسى: بارى

      تۇغۇلغان ۋاقتى: 1980 – يىلى 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

      مىللىتى: ئۇيغۇر

      بوي ئېگىزلىكى: 1.75cm    

      ئېغىرلىقى: 70kg

      تۇغۇلغان جاي: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى.

      ئويناۋاتقان كۆماندىسى: ھازىر خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۆماندىسى

      مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇمچى

      بۇ يىل 1 ــ مارت، خاڭجۇ شەھىرىدە ئاسىيا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 4 ــ لىككە ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۆتكەنكى مۇسابىقە پەسلىدە ياپونىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەمدە ياپونىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قوش چېمپىيونى بولغان ‹‹گۇۋۇجىڭبا›› كۇلۇبىنى كۈتۈۋالغان ئىدى.

      ئالدىنقى يىرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقىچە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزمىدى. كېيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 59 مىنۇت بولغاندا خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ۋۇجىنگۈي ناھايىتى ھالقىلىق پەيىتتە ئادەم ئالماشتۇردى. ئۇ چارچاپ قالغان ھۇجۇمچىسىدىن بىرنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئورنىغا 20 ــ نومۇرلۇق ياش ھۇجۇمچىسىنى چىقاردى. بۇ ماھىر مەيدانغا چۈشۈشى بىلەن تەڭ خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى قارشى تەرەپ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دەل شۇ ماھىرنىڭ ئەپلىك پاس بېرىشى بىلەن قارشى تەرەپ قاپقىسى ئالدىغىلا كېلىپ قالغان رامرېيىس ھېچقانچە كۈچىمەيلا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىنى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. بۇنى ئاز دەپ مۇسابىقە داۋاملىشىپ 85 مىنۇت بولغاندا، يەنە شۇ ماھىر چەكلەنگەن رايون سىرتىدا تۇرۇپ بىر توپنى قاتتىق تېپىپ، قاپقىنىڭ 90 گىرادۇس بۇلۇڭىدىن كىرگۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ قوش چېمپىيونىغا قىلچىمۇ ‹‹يۈز›› بەرمىدى.

      ئەسلىمۇ جۇڭگو ياپونىيە كوماندىلىرى ئوتتۇرسىدا پەرق چوڭ. بىرى كۈچلۈك تەرەپتىن كەلگەن قوش چېمپىيون، يەنە بىرى ئاجىز تەرەپتىن كەلگەن 4 ــ كۇلۇب بولۇش سۈپىتى بىلەن باشلانغان بۇ مۇسابىقىگە، مېنىڭ پەرىزىمچە %70 تىن كۆپرەك ئادەم ياپۇنىيە كوماندىسى ئۇتىدۇ، دەپ دو تىكىدۇ ياكى ھۆكۈم قىلىدۇ، قالغان %30 ئادەممۇ ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ياكى ھېسداشلىق نۇقتىسىدىن خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىنى ئۇتىدۇ، دېگەن بولۇشى مۇمكىن. ‹‹ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ›› دېگەندەك، پۇتبول مەيدانىدا گاھى مۇشۇنداق ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. بىر قېتىملىق پاسى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك ئېسىل توپى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن خاڭجۇ خەلقىنىلا ئەمەس، بارلىق جۇڭگو خەلقىنى ھاياجانغا سالغان 20 ــ نومۇرلۇق بۇ ھۇجۇمچى كىم؟

      ھېلىمۇ ئېسىڭلاردا بولۇشى مۇمكىن، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تېخى يېقىنلا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا 46 يىلدىن بۇيان بۆسۈپ كىرەلمەسلىكتەك ئېچىنىشلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان توپنى كىمنىڭ تېپىپ كىرگۈزگىنى يادىڭىزدىمۇ؟ مېنى ‹‹ئىچى تاركەن›› دېسىڭىزمۇ مەيلى، ئىچىمگە پاتماي قالغان ھاياجىنىمنى بىرئاز بېسىۋالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىۋېتىشنى خالىمايمەن.

      يارايسەن يىگىت، قەدىمىڭدىن گۈل ئۈنسۇن! داۋاملىق ئالغا! ھۇررا، ھۇررا، ھۇررا!

      سەن خىزمەت ئىستاژىنى سېتىپ يۈرۈپ، سېنى پۇتبولچى قىلىپ تەربىيەلىگەن كۆيۈمچان ئاتا ــ ئاناڭنىڭ  ئۈمىدىنى ئاقلىدىڭ؛ پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنڭ پەخىرلىك ئوغلانى بولدۇڭ؛ سەن شىنجاڭدىكى بارلىق پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ باشلامچىسى بولدۇڭ؛ ئەڭ مۇھىمى جۇڭگودىكى بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى يورۇتقۇچى نۇر بولدۇڭ! سېنى ھەرقانچە ماختىساممۇ قەلىمىم توختاپ قالمايدۇ، ئەمما بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىرىمنى تەقەززا قىلماسلىق ئۈچۈن، سېنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىڭنى ئۇلارغا كۆپرەك سۆزلەپ بېرەي.

      ئۇنىڭغا شۇ كۈندىن باشلاپ ‹‹بادى›› دەپ تەخەللۇس (لەقەم) قويۇلدى. بۇ خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى رىياسەتچىسىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىۋاتقان پىروگراممىسىدا ھاياجېنىنى باسالماي تۇرۇپ ‹‹بۇ بادىنىڭ ئۆزىغۇ؟!›› دەۋەتكىنىدىن قويۇلۇپ قالغان تەخەللۇس. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ‹‹بادى›› بادستۇنا، يەنى ئارگېنتىنالىق داڭلىق ھۇجۇمچى، ئۇنىڭ تېپىپ كىرگۈزگەن توپىنىڭ كۆپىنچىسى يىراق ئارىلىقتىن تېپىپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشىشىپ كەتكىنىدەك، بۇ ئاتۇقچىلىقمۇ ئوخشىشىپ قالاتتى. كېيىن مۇخبىرلار ئۇنى زىيارەت قىلىپ، ‹‹بادى›› دەپ ئاتاشقا قانداق قارايدىغىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹بادىستۇتا مەن چوقۇنىدىغان چولپانلارنىڭ بىرى، ئەگەر سىلەر مېنى شۇنداق دەپ چاقىرىشنى خالىغان بولساڭلار، شۇنداق دەپ چاقىرىۋىڭلار، بۇ ئىسىمغا مەنمۇ ئامراق›› دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭدىن بۇيان مەملىكتىمىزدىكى كۆپىنچە پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنى جۇڭگونىڭ ‹‹بادى››سى دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن.

      بۇ توپ ھەقىقەتەن ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالغىدەك چىرايلىق كىرگەن ئىدى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹جاھان پۇتبولچىلىقى›› پىروگراممىسى تارىختىن بۇيانقى شۇ ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم مۇسابىقىلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق كىرگەن 10 توپنى باھالاشقا قويغاندا، ‹‹بادى››نىڭ كىرگۈزگەن بۇ توپى كىچىك رونالدو قاتارلىق چولپانلار كىرگۈزگەن توپىنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ، 2 ــ بولۇپ باھالانغان.

      شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئامەتلىك ئوغلانمۇ دەل شۇ ‹‹بادى›› ئىدى. ئۇ 11 ــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى يېشى كىچىك ماھىر ھېسابلانسىمۇ، ئەمما مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن تەڭلا كوماندىغا ئامەت ياغدۇرغان. ئۇ ھالقىلق بىر توپ كىرگۈزۈپ شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ 46 يىللىق ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇ چاغدا ئۇ تېخى 16 ياشتا ئىدى. جۇغىمۇ ھەم يېشىمۇ كىچىك بۇ ماھىرنى شىنجاڭ كوماندىسىغا تىرېنېر بولغان پەرھات ئەزمەت قانداقمۇ شۇنچە چوڭ مۇسابىقىگە چۈشۈرۈشكە جۈرئەت قىلغاندۇ؟ ئۇ يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ماھىرنى ئىككى قېتىم دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەندۇ؟

      پەرھات ئەزىمەتمۇ ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىغا باش بولۇپ، مەملىكەتلىك B،A دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ تەربىيەلىنىپ كەلگەن بولغاچقا، كۆزى ‹‹مال›› تونۇيدۇ ــ دە. گەرچە جۇڭگو ياشلار كوماندىسى ئەينى چاغدا ‹‹بادى››غا ئېرەن قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇزاققا قالماي ئۇ يەنىلا يېشىل مەيداندىكى چاقنىغان يېڭى يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئالتۇن نەدىلا بولسا پارقىرايدۇ. پەرھات ئەزىمەت بۇ ياراملىق شاگىرتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا يېڭىلىق يارىتىش روھى بار، ھەممىدىن گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ــ كاللىسى سەگەك، ئۆزى چەبدەس، مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشقا لايىق بەدەن قۇۋۋىتى بار››.

      خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ۋۇجىنگۈي شىنجاڭ كوماندىسىدا ‹‹كىچىك تانكا›› دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن بۇ ماھىرغا خېلىدىن بېرى قىزىقىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەمدە شىنجاڭ لاتارىيە كۇلۇبىنىڭ مەملىكەتلىك C دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بۇ ئامەتلىك ئوغلاننى بايقاپ قالغان ئىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ياش مايسا تاللاش ئۈچۈن ۋۇجىنگۈي شىنجاڭغا كېلىپ ئۇنى تالاپ ئېلىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۇنى پەقەت 50 مىڭ يۈەن بىلەنلا يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. ھازىر ئويلىمىغان يەردىن تېپىلغۇسىز بايلىققا ئايلاندى.

      ئامەتلىك ئوغلانىمىز مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئەينى چاغدا شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى سەپتىن چۈشۈپ قالدى، مەن قاندق قىلىشىمنى بىلەلمەي يۈرگەنىدىم. تەلىيىمگە ۋۇجىنگۈي ماڭا يېڭى بىر يول ئېچىپ بەردى. ئۇ مېنى خاڭجۇ ‹لۈچېڭ› كۇلۇبىغا ئەكەلگەندىن كېيىن ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. ئۆتكەن يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ماڭا 11 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈش پۇرسىتى بىرىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى. مەن ھەر بىر قېتىم نەتىجە ياراتقىنىمدا ئالدى بىلەن ئۇستازىم ۋۇجىنگۈيگە رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ››.

      ۋۇجىنگۈي ئۇنى ماختاش بىلەن بىللە، ئەيىبىنىمۇ كۆرستىپ بەردى: ‹‹ئۇنىڭ كورىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىدە ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى، ئۇ مۇسابىقىدىن بەكلا پايدىلانماقچى بولدى. بەزىدە قاپقىغا توپ تېپىش ئەپسىز، ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قاپقىغا توپ تېپىش يولىنى تاللىۋالدى. ئەمەلىيەتتە سەپداشلىرىغا پاس بەرگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى››. بىراق ئۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ‹‹بادى››نىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس، مەيلى بەدەن قۇۋۋىتى بولسۇن ياكى تېخنىكىسى بولسۇن 1 ــ دەرىجىلىك. مەن بۇ شىنجاڭلىق بالىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەستايىدىل پوزىتسىيەسىنى ياقتۇرىمەن. ناۋادا ئۇ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلىسنى ساقلاپ قالالىسا، ئاسىيا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلىرىدە مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن››.

      شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى مانا سىلەردەك بايراققا، يول باشلىغۇچىغا مۇھتاج ئىدى. مانا ئەمدى بۇ رېئاللىققا ئايلاندى. سىلەر بۇ سېھرىي كۈچكە تولغان يېشىل مەيداندا يەنە 10 يىلدىن ئارتۇق دەۋىر سۈرەلەيسىلەر. دېمەك، سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىشىڭلار، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىشىڭلار، جۈملىدىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن پۇرسەت ۋە ۋاقىت تېخى يېتەرلىك. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ پۇتبول ماكانىنى جۇڭگونىڭ ‹‹بىرازىلىيە››سى قىلىپ تونۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇتبولچىلىرىمىزغا يول ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقايسىلەر! رەھمەت ساڭا، بارى!  

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ