ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى-ئابلىكىم ياسىن

ۋاقىت : 2011-12-18 05:31 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : م.قانات | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى-ئابلىكىم ياسىن

 

ئابلىكىم ياسىن 1964-يىلى 10-ئايدا ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 1993-يىلى ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 2006-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى دوكتورئاشتىلار تەتقىقات پونكىتىدا ئىشلەپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق تەتقىقات تېمىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان.

ئابلىكىم ياسىن بۇ جەرياندا فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا «قەدىمكى تۈرك تىلى يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يادىكارلىقلىرى»، « تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى»، «ئۇيغۇر تىلى ئېتىمولوگىيەسى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش بىلەن بىرگە يەنە، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»، «تىلشۇناسلىق»، «ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. «تۇرپان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي ۋەسىقىلەر تىل قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى)، «يىپەك يولىدىكى تىللار ۋە غەربىي دىيار مەدەنىيىتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى، باشقىلار بىلەن بىرگە) دىن ئىبارەت ئىككى پارچە ئىلمىي ئەسىرى نەشر قىلىندى. مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ژۇرناللاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ئابلىكىم ياسىن 2004-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق جۇڭگو دوكتور ئاشتىلار تەتقىقات تېمىسىنى ئىككى يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرى «يىپەك يولىدىكى تىللار ۋە غەربىي دىيار مەدەنىيىتى» تەتقىقات تېمىسىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى بوستانلىق مەدەنىيەت ئىنسىكلوپېدىيەسى» ناملىق تارماق تەتقىقات تېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇ 2001-يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى قىلىپ بېكىتىلدى. 2002-يىلىدىن باشلاپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىنى يېتەكلەشكە باشلىدى. ئۇ 2002-يىلى كادىرلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر دوكتورئاشتى بولۇپ مۇكاپاتلاندى ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقاتى مۇكاپاتى ۋە ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئابلىكىم ياسىن ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، مائارىپ مىنىستىرلىقى لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات بازىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
م.قانات تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-13 22:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ