XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر
XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر رىياسەتچىلەرنىڭ كىچىك ئارخىپى،رەسىملىرى
غالىپ نىياز
1954 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تۇغۇلغان ، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كومپارتىيە ئەزاسى . 1975 – يىلى 7 – ئايدا مەركەزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ دىكتور بولغان ھەمدە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر دىكتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن . 1984 – يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ ئۇيغۇر دىكتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان . 1999 – يىلى 7 – ئايدىن 2002 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تېلىۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان . 1981 – يىلى << مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى >> دىگەن تېمىدىكى بىلەت تاشلاپ باھالاش پائالىيىتىدە <<مۇنەۋۋەر دىكتور >> بولۇپ باھالانغان . 1991 - ، 1992 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن <<بۇلبۇل لوڭقىسى >> نى تالىشىش مۇنەۋۋەر دىكتورلۇق ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن . 1992 – يىلى گۇيجڭدا ئۆتكۈزۈلگەن <<مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر رادىئو ، تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى>>دە ئۇ ئوقۇغان <<شىنجاڭ خەۋەرلىرى >> 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن . 1997 – يىلى <<9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دىكتور ، رىياسەتچىلىك ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى>> دە ئۇ ئوقۇغان << بۈگۈنكى شىنجاڭ >> پروگراممىسى كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن . 1997 – يىلى 12 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى جەمىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو كىنو - تېلىۋىزىيە نازارىتى << 20 مۇنەۋۋەر دىكتور ، رىياسەتچىنىڭ بىرى >> دەپ نام بەرگەن . 2004 – يىلى 5 – ئايدا مەملىكەتلىك ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە مۇنەۋۋەر رادىئو ، تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئۇ ئوقۇغان << بۈگۈنكى سۆھبەت >> پروگراممىسى 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن .
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1970 - يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى
ئوقۇش تارىخى : ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس
ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى : شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنىستىتوتى
خاراكتىرى : ئوچۇق - يورۇق ، يۇمۇرىستىك
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى : 2006- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دىكتور- رىياسەتچىلەرنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
غايىسى: مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە ئاخباراتچىسى بۇلۇش
ھازىرقى خىزمەت ئورنى : شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى << مەدەنىيەت بوستانى >> پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى
جۇشقۇن جۈمە
جۇشقۇن جۈمە ، <<شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>پروگراممىسىنىڭ دىكتورى ، <<شىنجاڭ تەنتەربىيىسى >> پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى . 1976 – يىلى 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان ، 1998 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ ئاۋاز ئارتىسى بولغان . بۇ مەزگىلدە << پولات قانداق تاۋلاندى << ، << خاربىندىكى ھىكايە >> ، << يولداش ليۇ شياۋچى >> ، << ئاجراشقان ئەرلەر >> قاتارلىق كىنو ، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بىرىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ، 2000 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ دىكتورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ، ئۇ ئوقۇغان << شىنجاڭ خەۋەرلىرى << پروگراممىسى مەملىكەتلىك رادىئو ، تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ، 2006 – يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 18 – نإۋەتلىك <<دۇنيا لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسى>> نى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىشكە قاتنىشىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
گۈلشەن ئابدۇرېھىم
ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.
ئوقۇش تارىخى : ئالىي تېخنىكوم
1980- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 1- ئەۋلات دىكتورى بولغان.
ئۇ دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت <<دىكتور ۋە رىياسەتچى خەلقنى ئۇستاز تۇتىشى كېرەك>> ، <<تېلېۋىزىيە دىكتورى ۋە رىياسەتچى>> ، <<تېلېۋىزىيە دىكتورلىقى ھەققىدە>>، <<دىكتورلارنىڭ ماقالىلارنى ئەستايدىل تەييارلىشى ۋە مىكرافون ئالدىدىكى ھالەت >> قاتارلىق ئىلىمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان . بۇلاردىن <<تېلېۋىزىيە دىكتورلىقى ھەققىدە>> دىگەن ئىلىمىي ماقالە 1995-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق <<بۇلبۇل >> لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنىچىلىككە ئېرىشكەن . << دىكتور ۋە رىياسەتچى خەلقنى ئۇستاز تۇتىشى كېرەك >> دىگەن ئىلمىي ماقالىسى 2000- يىلى مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى باھالاشتا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ <<شىنجاڭ خەۋەرلىرى >> ،<< ئادەم ۋە تەبىئەت >> ،<< تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى >>، <<بۈگۈنكى سۆھبەت>> ،<< جاھاندىكى ئىشلار>> قاتارلىق دىكتورلۇق ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق 1-، 2- ،3- قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن
نەشپەت ئۆمەر
نەشپەت ئۆمەر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرجىمە- تەھرىر مەركىزى تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىدىغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ <<مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر>>، <<جاھاندىكى ئىشلار>>، <<قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت >> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ دىكتورى ، <<بېيىش يولى>> پروگراممىسىنىڭ دىكتور رىياسەتچىسى. 1968- يىلى 6- ئاينىڭ 11-كۈنى قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان .-يىلى 7- ئايدىن 1992-يىلغىچە خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا دىكتور- رىياسەتچى بولغان . 1992- يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن . ئۇ دىكتورلۇق قىلغان پروگراممىلار بولۇپمۇ ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان<< مۇنبەت تۇپراق >> پروگراممىسى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . 20پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى، 10پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايون بويىچە 1-2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2003 – يىلى 10 مۇنەۋۋەر دىكتور-رىياسەتچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا رادىئو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋىرسىتىتى، مائارىپ ئىنستىتۇتى... قاتارلىق مەكتەپلەردە << دىكتورلۇق ئۇسلۇبى>>، <<رىياسەتچى پروگراممىسى ۋە پروگرامما رىياسەتچىسى>> دەرسلىكلىرىنى ئۆتۈپ كەلگۈسى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر دىكتور –رىياسەتچىلىرىنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. ئۇ ھېلىھەم يۇقارقى مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپلىك لىكتورى. ئۇ <<مەن دېھقاننىڭ قىزى ،دېھقان- چارۋىچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېنىڭ زور بەختىم>> دىگەن ئېتىقادى بىلەن ھازىر <<بېيىش يولى >> پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ.
دىلبەر غاپپار
ئىسىم-فامىلىسى: دىلبەر غاپپار تۇغۇلغان ۋاقتى : 1979- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى قان گۈرۇپپىسى :O بوي ئېگىزلىكى 1.65CM ، ئېغىرلىقى : 52KG ئائىلە كېلىپ چىقىشى: سەنئەتكار ئائىلىسى مىجەز- خارەكتېرى : ئېغىر –بېسىق، چىقىشقاق پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى قانۇن پەنلىرى ئىنستىتوتى (تولۇق كۇرس) خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى : 2004-يىلى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى قىزىقىشى: رومان ئوقۇش ، ساياھەت قىلىش ياخشى كۆردىغان رىياسەتچى : ئابلەت ئابدۇرېھىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى :<<تۇرمىدىن قېچىش>> ، <<رومانتىك داچا>> ھاياتىدىكى ئۆزىنى ئەڭ خوشال قىلغان ئىش: ئوغلىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئەدەبىي ئەسەر : جالالىدىن بەھرامنىڭ <<ئامەت ۋە ئاپەت>> رومانى ئەڭ ياخشى كۆردىغان ھېكمەتلىك سۆز: ئانا تىلنى جايىدا ئىشلىتەلمىگەن ئادەمنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالىشى ناتايىن. ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىللەت: يالغانچىلىق ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان كۈنى: ئوغلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى : يولدىشى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى : ئوغلى دىلزاتنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەش ھازىرغىچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى:خىزمەتكە قاتناشقاندىن تا ھازىرغىچە <<قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت >>، <<جاھاندىكى ئىشلار >>، <<مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئار خەۋەرلەر >>، << دۇنيا ھەپتىلىكى>> ،<< بېيىش يولى >> قاتارلىق پروگراممىلارنى ئوقۇپ خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .
ئۈمىد غەنى
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستىتى تۈركى تىللار فاكولتىتى ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى ئوقۇغان يۇلتۇز تۈركۈمى: شىر قان تىپى: B بويىنىڭ ئىگىزلىكى: 1.77 مېتىر ئېغىرلىقى: 83 كىلوگىرام قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، رىياسەتچىلىك قىلىش ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: يېشىل ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: سۈي يوڭيۈەن ؛ ياخشى ياخشى كۆرىدىغانئەقلىيە سۆز: << ئادەم ھامان ئۆلىدۇ››
رىزۋانگۈل ئابدۇراخمان
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى ئوقۇغان يۇلتۇز تۈركۈمى: قان تىپى: B بويىنىڭ ئىگىزلىكى: 1.65 مېتىر ئېغىرلىقى: 50 كىلوگىرام قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ئاق، قىزىل ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: ۋاڭ شياۋيا، جاۋجوڭشياڭ، لى يوڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆز: <<دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش مۈمكىن ئەمەس، ئەمما ياخشى نام قالدۇرۇش تامامەن مۈمكىن.
شەمسىيە ئەبەيدۇللا
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى فېلولوگىيە ئىنىستېتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات كەسپىنى ئوقۇغان يۇلتۇز تۈركۈمى: شىر قان تىپى:A بويىنىڭ ئىگىزلىكى: 1.65مېتىر ئېغىرلىقى: 60 كىلوگىرام قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، رىياسەتچىلىك قىلىش ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: سېرىق، كۈلرەڭ ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: ۋاڭ شياۋيا، مۇنىرە غوپۇر ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆز: << ئادەم گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر››
قەيسەر ھەبىبۇللا
قان تىپى : A خاراكتىرى : ئوچۇق - يورۇق تۇغۇلغان ۋاقتى : 2- ئاينىڭ 20 - كۈنى غايىسى : كۆرۈرمەنلەر ياقتۇرىدىغان ئاۋاز ئارتىسى ۋە رىياسەتچى بولۇش مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى : 1995- يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە مەملىكەتلىك ''تۇلپار مۇكاپاتى '' ئاپتونۇم رايونلۇق '' ساماۋى كۆۋرۈك مۇكاپاتى '' نىڭ 1- 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: قارا رەڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنى : شىنجاڭ رادىئو- كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى
گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن
قان تىپى : O
خاراكتىرى : ئۇچۇق- يۇرۇق ، چىقىشقاق .
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1981- يىلى 11- ئاي .
غايىسى : مۇنەۋۋەر رىياسەتچى بۇلۇش .
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى: مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى تېلېۋىزىيە سەنئەت پروگراممىلىرىنى باھالاشتا ، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان پروگرامما 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
ئىسىم - فامىلىسى : مۇھەممەتئېلى قاسىم جىنسى : ئەر مىللىتى : ئۇيغۇر ئۇقۇش تارىخى : ئالىي تېخنىكوم تۇغۇلغان ۋاقتى : 1975 - يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى قان تىپى : A بوي ئىگىزلىكى : 1.83 مېتىر ئېغىرلىقى : 87 كىلوگرام قىزىقىشى : كىتاب ئوقۇش ، ۋاسكىتبول ئويناش ، كومپىيۇتېر ياخشى كۆرىدىغان رەڭ : ئاق رەڭ ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى : ۋاڭ شياۋيا ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى : خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات كەسپى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى : 1994- يىلى 9- ئاي ھازىرقى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى : 1- دەرىجىلىك دىكتور مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى : ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان <<دەۋر>> ،<<دىيارىمىزدا>> قاتارلىق ئىككى پروگرامما 1994- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى رادىئو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . 1998- يىلى ئۇ ئاپتورلۇ قىلغان <<دىيارىمىزدا>>پروگراممىسى شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكا پاتقا ئېرىشكەن . ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان <<دىيارىمىزدا>>پروگراممىسى ئاپتونۇم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ياخشى ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
نازىگۈل تۇرسۇن
ئىسىم - فامىلىسى : نازىگۈل تۇرسۇن جىنسى :ئايال مىللىتى : ئۇيغۇر ئۇقۇش تارىخى : ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس تۇغۇلغان ۋاقتى : 1983 - يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى قان تىپى : AB بوي ئىگىزلىكى : 1.70 مېتىر ئېغىرلىقى : 50 كىلوگرام قىزىقىشى : ساياھەت ، پىيانىنو چېلىش ، يېزىقچىلىق ياخشى كۆرىدىغان رەڭ : ئاق، يېشىل رەڭ ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى : نې پىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتېنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپى ھازىرقى خىزمەت ئورنى : شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىتانسىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى <<تەڭرىتاغ كۈيلىرى>>پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى: 2000- 2001 - يىلى مەكتەپنىڭ 2- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2001-2002 - يىلى ئېنگلىزچە - خەنزۇچە قوش تىلدا دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . 2001-2002 - يىلى مەكتەپنىڭ 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2002 - 2003 - يىلى دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2002 -2003 - يىلى مەكتەپنىڭ 2- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2004 - يىلى ئاپتونۇم رايون تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ستودېنت دېگەن نامغا ئېرىشكەن . 2004 - يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىتانسىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى ئۆتكۈزگەن ئاپتونۇم رايون بويىچە ئىشتىن سىرتقى ياش ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك '' مايتاغ نېفىت - خېمىيە سانائىتى لوڭقىسى'' تېلېۋىزىيىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە رىياسەتچىلىك قىلغان .
نادىرە شاۋكەت
ئىسىم فامىلىسى : نادىرە شاۋكەت
مىللىتى : ئۇيغۇر
2004-يىلدىن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ئۆسمۈرلەر قانىلىنىڭ پروگىرامما رىياسەتچىلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
1998-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن ئېلىمىزگە ۋاكالىتەن قىرغىزىستانغا ھال سوراش ئويۇنى قويغىلى بارغان، ھەمدە " كىچىك تالانت ئىگىلىرى سەنئەت بايرىمى " غا قاتناشقان .
2000-يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان <<قاناستىكى ھېكايە >> ناملىق تېلىۋېزىيە فىلىمىدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان .
2002-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ << مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر تېلىۋېزىيە بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى >> دە ئۇسسۇلدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
2002-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان ئۇيغۇر " 12-مۇقامى " ناملىق فىلىمدە ئايال باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان .
2003-يىلى مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان << گۈزەللىك شىنجاڭدا >> ناملىق مەخسۇس پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغان .
2003-يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان <<گۈزەللىك ئۈرۈمچىدە >> ناملىق مەخسۇس پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغان .
2004-يىلى 5-ئايدا مەملىكەتلىك ئېلان مودېل مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .
ئۇنىڭدىن باشقا ، 2003-يىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان ھەم رىياسەتچىلىك قىلغان .
2005-يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىغا ۋاكالىتەن مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ، 2005-يىللىق چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان .
2005-يىلى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ، 2005-يىللىق تاۋۇز چاغىنىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان .
2005-يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دوستلارغا ۋاكالىتەن مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ 2005-يىللىق " 1-ئىيۇن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى " گە قاتناشقان .
ماھىرە ئابدۇكېرىم
تۇغۇلغان ۋاقتى:1971-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى:170سانتىمىتېر
قان تىپى: b
ئادىلجان قەييۇم
ئىسم - فامىلىسى: ئادىلجان قەييۇم
توغۇلغان ۋاقتى: 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
ۋەزىپىسى : رىياسەتچى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
ياخشى كۆرىدىغىنى: خەۋەر كۆرۈش،ناخشا ئاڭلاش،كىتاپ كۆرۈش
ياخشى كۆرىدىغان رەڭلىرى: ئاق،كۆك،يېشىل
ئالاھىدىلىكى: ناخشا ئېيتىش، سۇ ئۈزۈش
رىزىۋانگۈل ئابدۇراخمان
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى ئوقۇغان يۇلتۇز تۈركۈمى: قان تىپى: B بويىنىڭ ئىگىزلىكى: 1.65 مېتىر ئېغىرلىقى: 50 كىلوگىرام قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ئاق، قىزىل ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: ۋاڭ شياۋيا، جاۋجوڭشياڭ، لى يوڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆز: <<دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش مۈمكىن ئەمەس، ئەمما ياخشى نام قالدۇرۇش تامامەن مۈمكىن.
مەخمۇت ئىسرائىل
ماھىرە ئابدۇغېنى
بوي ئىگىزلىكى:167سانتىمېتېر
ئېغىرلىقى :55كلوگرام
قان تىپى: B
ياخشى كۆرىدىغىنى : كىتاپ ئوقۇش
دىلبەر ھۇشيار
مەنبە:ئەلكۈيى
(تەھرىر : بەشتاش)
«XJTVدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەمم
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائ
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋا
- دىلبەر يۇنۇس- دۇنياغا داڭلىق يوقۇرى ئاۋ
- مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرە سۆرەتلىر
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات
- قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى