پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بالىلارنىڭ كۆڭلى ئوقۇشتىن سۇ ئىچسۇن

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-29 18:36 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
مائارىپ دېگەن نېمە؟
تەلەي +1

مائارىپ دېگەن نېمە؟ مائارىپ ئادەم تەربىيىلەش دېمەكتۇر. مائارىپنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىنساننىڭ دىلىنى يۇرۇتۇش، بىلىش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاراكتېر ۋە پىسخىكىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش. ئىنساندىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىش ۋە جۈلالاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
شۇنداق ئىكەن، مائارىپ بالىلارغا خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇشى، بېسىم ھېس قىلماسلىقى كېرەك. شۇڭا مەيلى قانداق ۋاقىت، قانداق شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مائارىپنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەسلىي ماھىيىتىگە، تۈپ مەقسىتىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.
  ھازىر ئوقۇتقۇچىلاردا، ئاتا-ئانىلاردا بولسۇن، بىر ئورتاق سادا مەۋجۇت؛ ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقى بالىلارغا ئوخشىمايدۇ. بەكلا كەپسىزلىشىپ كەتتى. ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ. گەرچە بۇ گېپىنىڭ تولۇق ئاساسى بولمىسىمۇ، بو ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ھازىرقىلارنىڭ بىلىش دەرىجىسى، نەزەر دائىرىسى ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا كۆپ يۈكسەلدى. كۆپلىگەن نوقتىلاردىن يەنىلا ھازىرقىلارغا ئىپتىخار بىلەن باقىمىز. ھازىرقىلارنىڭ بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشى، شارائىتى، سۈپىتى موتلەق ئارتۇق. ئۇنداقتا، بالىلار نېمىشقا ئۆگىنىشكە قىزىقماس بولۇپ قالدى؟ ئۇلار نېمىشقا بارغانچە گەپ ئاڭلىماس بولۇپ كېتىدۇ؟ تارىختىكى ئادەملەر بىلەن ھازىرقى ئادەملەرنىڭ بىئولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلىشىدە بىرەر ئالاھىدە ''زاپچاس'' نىڭ ئارتۇق-كەملىكى مەۋجۈتمۇ-يا؟ مانا مۇشۇنداق بىر قاتار سۇئاللار ھازىرقى تەربىيە ئەمىلىيىتىمىزدە مەسىلە بارمۇ؟ دېگەن يادرولۇق مەسىلىنى ئالدىمىزغا قويىدۇ. دېمىسىمۇ مەكتەپلەر مائارىپى زادى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ مۇنداق دەيدۇ: گۈدەكلەر مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئۈچۈن، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئۈچۈن، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئالىي مەكتەپ مائارىپى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ مائارىپى بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىشىدۇ. گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇنداق خامان تەپكەندەك بىر نوقتىنى چورىدەپ تۇرىدىغان مائارىپتا، ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم تەربىيىلەش، تۇرمۇش، كىشىلىك ھايات ئۈچۈن تەييالىق قىلىش ۋە ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشتەك تۈپ مەسىلىلەر پەقەتلا نەزەرگە ئېلىنمىغان. بۇنداق مائارىپ بالىلارنى شەخسىيەتچى، ئۆزۈمچىل، مەنپەئەتپەرەس، پۇرسەتپەرەس قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇكى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىنسانغا خاس ئىستەكلەر تۇنجۇقۇپ قالغان بولىدۇ. مائارىپنىڭ بەرگەنلىرى، ئۆگەتكەنلىرىمىز، ئۆگەنگەنلىرى، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىنتىلىش، ئېھتىياج ئۇچقۇنلىرى بىلەن ئۇچىرىشالمىسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىرلىشەلمىسە، شەخسىي تەجىرىبە، كەچمىشلىرى ئارقىلىق ھېس قىلالمىسا، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتتە ئىشلىتەلمىسە، مائارىپنىڭ ئاتا قىلغانلىرى تۇرمۇش، ھاياتتىن، ئۆزلۈك، كىملىكتىن شۇنچە يىراق، مەۋھۇم نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسە، ئۆگىنىش قانداقمۇ خۈشاللىققا ئايلىنىپ كەتسۇن؟
      ئوقۇش ئۈچۇنلا ئوقۇپ قويىدىغان، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرمايدىغان مائارىپتا ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنى بېسىم بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ''بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى پروگرامما'' غا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلاردا ئۆگىنىش ئېڭى، قىزغىنلىقى بولمايدۇ. شۇڭا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنى يۈك دەپ قاراپ، ئۆزى ئۈچۈنلا ئۆگىنىدۇ. ئۆگىنىشنى ۋەتەن، خەلق، دۆلەت، كوللىكتىپ ئۈچۈن باغلاپ قاراش تولىمۇ يىراق بولىدۇ. بۇنداق بالىلاردا مۇستەقىللىق ئېڭى، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، كوللىكتىپ، ئەل-ۋەتەن تۇيغۇسى بەكلا سۇس بولىدۇ. بۇ مائارىپنىڭ مەقسىتىمۇ؟ بىز ئىزدىگەن مائارىپمۇ؟
      مائارىپ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ھەرگىزمۇ تەبىئەتتىن، تۇرمۇشتىن، ئىنسان تەبىئىيتىدىن ئايرىلغان جەريان ئەمەس. ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۇندە يۇقىرىقى تەرەپلەردىن يىراقلاپ كېتىشى بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسلىگە قايتىشى توغرىسىدا جىددىي سىگنال بەرمەكتە. بالىلار ئەسلى مەكتەپكە چىن كۆڭلىدىن ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن. ئەمما مەكتەپلەر ئۇلارنى ھاردۇرىۋېتىپ، تۇرمۇشنى جاپالىق، مەنىسىز ھېس قىلدۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. مانا بۇ مائارىپنىڭ بالىلار تۇرمۇشى بىلەن بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ، ئۆلچەملىك زاپچاس ئىشلەپچىقىرىشقا شۇنچە كۈچەۋاتقان ''سانائەت زاۋۇتى'' غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنڭ كاساپىتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مەقسەت نېمە؟ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئاتا-ئانا ۋە ئۆزلىرىنى ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش دېگەندەك جاۋابنى بېرىدۇكى، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ. ئۆز تەقدىرى بىلەن دۆلەت، مىللەت تەقدىرىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ئۇلاردا، مۇشۇنداق باغلانما تەسەۋۋۇر قىلىش كەمچىل بولغاچقا، ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشەلمەيدۇ-دە، ئىمتىھاننى نوقتا قىلغان ئائىلە، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن بېسىم ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ مائارىپتىكى چەتنەپ كېتىش، ئائىلە، مەكتەپ تەربىيىسىدىكى كەمتۈكلۈك، بەخت ئىچىدە تۇرىۋاتقان بالىلاردىكى بەختسىزلىك. قاچانكى مائارىپ ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، مەكتەپلەرنى شاتلىق باغچىسىغا ئايلاندۇرالىسا، ئۆز ماھىيىتىگە، تۇرمۇشقا، ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىل يايلىقىغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئۆزىنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتىنىقوغلىشىشى كېرەك.

 

تەھىرلىگۇچى:admin

更多

kamakنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بالىلارنىڭ كۆڭلى ئوقۇشتىن سۇ ئىچسۇن [ 2012-09-29 18:36:48 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالتە خىل زىيانلىق ئادەت [ 2012-09-29 18:26:20 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ھازىرقى زامان ھىكمەتلىرىدىن پارچە [ 2012-09-29 18:21:46 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بالا تەربىيىلەشتە سەككىزگە دىققەت قىلىڭ [ 2012-09-29 18:17:11 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ھاياتىڭىزدا بەش نەرسىنى قەدىرلەڭ [ 2012-09-29 18:11:44 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مىخ [ 2012-09-22 23:06:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] خوراپات، بىدئەت ئىللەتلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ [ 2012-09-22 23:04:34 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېم [ 2012-09-22 23:01:57 ]
[تارىخى بىلىملەر] دۇنيادىكى 7 چوڭ مۆجىزە [ 2012-09-16 22:52:32 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇيغۇر يۇرت ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىڭ [ 2012-09-16 22:49:25 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
kamak تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-09-12 00:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-29 20:09
تەۋسىيەلەر